توڭگۇز يىللىقلار
مۆچەل
ئېھتىياتچان، راھەتپەرەس، باتۇر، مەدەنىيەتلىك، سەمىمىي، راستچىل.
ئاسان ئىشىنىپ قالىدۇ، مەنپەئەتپەرەس، سەپرا، ئاچكۆز، ئارىسالدى، كاج.
توڭگۇز يىلى تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئېغىر - بېسىق، قەيسە، ئاق كۆڭۈل، ساددا كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغان بارلىق خىزمەتلەرنى تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن قەتئىي بوشاشماستىن ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىشقا تولۇق ئاساسىي بار.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئاددىي - ساددا كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە خاس قارىشى بار كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم، يېقىملىق بولۇپ، باشقىلارنى زەردىگۆش قىلىدىغان ئىشلارنى زادىلا قىلمايدۇ.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنى باشقىلار ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار قوي، توشقان يىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ ياشايدۇ، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۇلار بىرەر ئىشقا مەجبۇرلىنىپ ئامالسىز قالغاندا غەزەبلىنىدۇ، باشقىلار بىلەن ئېلىشىدۇ، لېكىن ئۇلار باشقىلارغا ئىچى قارىلىق قىلمايدۇ، باشقىلار بىلەن قېرىشمايدۇ.
ئۇلار باشقىلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىغا نىسبەتەن ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. شۇڭا، ھەمىشە باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ساقلىيالايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سەۋر - تاقەت روھى بىلەن تىرىشىدۇ ھەم مۇشۇ خىل روھ بىلەن خىزمەتنى بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلار مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالدۇر.
ئۇلار ھاياتىدا ئۇزاققىچە سەمىمىي - سادىق بولالايدۇ، كىشىلەرگە غەمگۇزارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان قىممەتلىك دوستلۇق ھېسسىياتىنى ساقلىيالايدۇ.
ئۇلار ھەر خىل يىغىلىشلارنى، تۈرلۈك ھېيت - ئايەملەرنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ياكى كەچلىك يىغىلىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈرلۈك كۇلۇب ۋە جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن رازىمەنلىك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار باشقىلار بىلەن دە - تالاش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى ياراشتۇرۇشقا، كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ماھىر كېلىدۇ، سەمىمىيەتلىك، راستچىللىق ۋە ئىشەنچ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدۇر. ئۇلار باشقىلارنى ئىللىق ۋە خۇش خۇي كۈتۈۋالىدۇ، شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆز يېتەرسىزلىكلىرىگە سەۋر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بېلىق يىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش باشقىلارنى رام قىلىشقا ماھىر بولمايدۇ، شۇنداقلا مايمۇن يىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش باشقىلارنى رام قىلىشقا ماھىر بولمايدۇ، شۇنداقلا مايمۇن يىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش باشقىلارنى مەپتۇن قىلالمايدۇ، شۇنىڭدەك يىلان يىللىق كىشىلەرگە ئوخشاش شىرىن سۇخەن، ياغلىما ئېغىز بولۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇپ يۈرىدىغان بولمايدۇ. بەلكى، باشقىلارغا ئۆز سەمىمىيىتىنى ئاز - ئازدىن ئىپادىلەپ، سىزنى بارغانسېرى ئۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. توڭگۇز يىللىق كىشىلەر رەتلىك، پوزۇر يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار چەۋەندازلارچە سالاپەتكە بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك روھىي ھالەتنىمۇ ئىپادىلەيدۇ، باشقىلر ئۈچۈن ئېغىر كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋېتەلەيدۇ، ئازراقمۇ ئاغرىنمايدۇ؛ دوستلىرى مۈشكۈلچىلىككە يولۇققاندا، ئۇلار پىداكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بىز ئۇلارغا تولۇق ئىشەنسەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھىيلە - مىكىر ئىشلەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بەزىدە بەك سەمىمىي، ساددا، سەبىي بولۇپ كەتكەچكە نەيرەڭۋازلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
توڭگۇز يىللىقلار سەمىمىي، ئوچۇق - ئاشكارا خۇسۇسىيىتى بىلەن تۈرلۈك ياردەم ۋە قوللاشلارغا نائىل بولالايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلمىسىمۇ، كىشىلەر ئۆزلىكىدىن ياردەم بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار باشقىلارغا ھەمدەم بولالايدىغان ئورۇندا تۇرغاندا بولسا، ھەرگىزمۇ بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمايدۇ. بۇ خىل پەزىلەت ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلغان. ئۇلار ھەرخىل مۆجىزىلەرنى ئۈلۈكسىز پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.
توڭگۇز يىللىقلار بەزىدە ئاچچىقلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار غوغالىشىشنى خالىمايدۇ، ھەر قېتىم تالاش - تارتىش بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەمىشە ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن بولدى قىلىپ تۈگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىمكانقەدەر ھەممىلا ئادەم بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنە سىزگە ياردەم بېرىدىغان ئادەمنى كۆپرەك تېپىپ كېلىپ مۈشكۈلىڭىزنى ئاسان قىلىدۇ. ئۇلار بار يەردە سىز كۆزنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىدىغان ياكى جورۇقچىلاردەك تەنبىھ بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرمەيسىز. ئىشەنسىڭىز بولىدۇكى، توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر قانداق مۇرەككەپ ئىشمۇ تولىمۇ ئاددىيلاشقان بولىدۇ.
توڭگۇز يىللىق بىرەر دوستىڭىز ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇپ كېلىپ قالسا، خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش ئاش - تائاملىرىڭىزغا ئېغىز تېەىدۇ، كىيىملىرىڭىزنى خالىغانچە كىيىپ باقىدۇ ياكى رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا يېڭى سېتىۋالغان گولف توپ سايمانلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ كۆرىدۇ. ئەمدىلا سېتىۋالغان فوتۇ ئاپپارات، كىچىك ماشىنا دېگەندەك نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ باقىدۇ. ئۇلار كىشىلەر زىغىرلاپ كېتىدىغان ئاتالمىش <شەخسىي تۇرمۇش> مىزانى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدۇ ۋە ئۇنى ماقۇل تاپمايدۇ.
توڭگۇز يىللىق ئاياللار مۇھەببەتتە پاك، بىغۇبار كېلىدۇ، ئۆينى رەتلىك، تەرتىپلىك جاھازلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گويا پاكىزلىك مەستانىسىدەكلا قىلىدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا بۇ جەھەتلەردە ئىختىيارىيراق كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، توڭگۇز يىللىق ئاياللارنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ھۆرمەت قىلالايدۇ، ئۇلار پۈتكۈل ئىقتىدارىنى ئكز روھىي دۇنياسىنى تەۋرىتەلىگەن ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن ھېچقانداق تەمە كۈتمەيدۇ. سىز بۇ نۇقتىنى ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك گەپ - سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايسىز. ئۇلارنىڭ كۆكسى - قارنى شۇ قەدەر كەڭ ۋە ئالىيجاناب ئىكەنكى، كىشىلەرگە ياردەم قىلىپمۇ ئۆز نام - ئەمالىنى ئاشكارىلىمايدۇ، يەنە تېىى قارشى تەرەپتىن داۋراڭ سېلىپ يۈرمەسلىكنى ئۆتۈنىدۇ، يىراقتىكى كىشىلىرى ئۈچۈن ھەمىشە دۇئا قىلىپ ئۇلارغا ئامانلىق تىلەيدۇ ياكى ئۇلار ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىپ يۈرىدۇ، لېكىن بۇنى ئۇلارغا چاندۇرمايدۇ. ئۇلار ئەرلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەتراپلىق قىلىدۇ، بالىلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا زېرىكمەي - تېرىكمەي جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىغا ھامىيلىق قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن خۇشاللىنىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇش كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەر جانلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇلارنى ئاغرىنمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئۇلار ئاغرىنغان چاغدىمۇ شۇنداق سىلىق، مۇلايىم ئاغرىنىدۇ.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بىر ئىشقا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ. كىشىلەر دەپ يۈرگەن ئىشلارغا چىن پۈتۈپلا قالىدۇ، ھەتتا بىرەر قېتىم ئەسرار بولغان، ھەتتا تۇنجى قېتىم كۆرۈپ تۇرغان ناتونۇش كىشىلەرگىمۇ ئىشىنىپ قالىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن پۇل - مېلىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، كۆڭلى بەك يۇمشاق بولغاچقا، ھەميانىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنى مادىي نېمەتپەرەسلەر ياكى مەئىشەتچىلەر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار خەسىسلىك قىلمايدۇ، ئۆز روزىغارلىرىدىن ۋە نېسىۋىلىرىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار باشقىلار ئۈچۈن بەدەل بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن ئۆزىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى يۈزە بولۇپ، دېگەندەك سەزگۈر كەلمەيدۇ؛ ھەتتا باشقىلار ھاقارەتلىسىمۇ مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا ئۆتكۈزىۋېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تېيىز بولۇپ، كۆز ئالدىدىكىنىلا كۆرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا، ئۇلار ئىنتايىن قاتتىق ئازابلىنىشقا تېگىشلىك چاغدىمۇ ئازابتىن خالاس بولالايدۇ. توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بالا - قازاغا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەتمەيدۇ.
توڭگۇز يىللىقلارنىڭ ئاق كۆڭۈل خاراكتېرى ئارقىسىغا قەتئىي تەۋرەنمەس بىر خىل كۈچ - قۇدرەت يوشۇرۇنغان. پەقەت ئىمكانىيەت يار بەرسىلا، ئۇلار ھۆكۈمدارلىق كۇرسىسىغا ئولتۇرالايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدى - كەينىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئاجىزلىقى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بىر مۇنچە توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل بولىدۇ، چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا ياكى كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغاندا بىردىنلا قارشى تەرەپكە بۇرۇلۇپ، يېڭى دوستىنىڭ مۇھىتىدا كۈچ چىقىرىپ مۇكاپاتلىنىشى مۇمكىن.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئاسان ئالدىنىپ قالىدىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندىمۇ بەكرەك ئەقىللىقتۇر، ئۇلار ئۆز مەنپەئىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن قوغداشنى بىلىدۇ. باشقىلار ئۇلارنىڭ شىللىسىغا مىنىۋالغاندا، ئۇلاز ئۆزلىكىدىن قامچىنى سۇنۇپ بېرىدۇ؛ باشقىلار كۆرەڭلەپ ئۆزىنى بىلمەي قالغاندا، ئۇلار ئاللىبۇرۇن يولۋاسقا مىنىپ بولغان بولىدۇ - دە، ئۆزىنى قاچۇرماستىن مەزمۇت ئولتۇرۇۋېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ بىر ياخشى تاكتىكىسى.
توڭگۇز يىللىقلار سەمىمىي كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىجتىھات مىۋىلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئالدامچى ۋە ئوغرى بولمايدۇ.
توڭەۇز يىللىقلار كۈچلۈك ھاياجانلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۆز خىزمىتىنى تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچ ۋە چىدام بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى - يامان ۋە ھەق - ناھەقلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن چاغدا، كىشىلەرگە قويرۇقىنى ئاسانلا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پاتقاققا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
سەمىمىي، ئاددىي - ساددا بولغان توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسىنى چىن، قىزغىن ھېسسىيات بىلەن سۆيەلەيدۇ، ئۆز ھېسسىياتىنى ئەسلا يوشۇرمايدۇ. مۇھەببەت ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، زىيان تارتىدىغىنى ھەمىشە توڭگۇز يىللىق قىز - يىگىتلەر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىللىتى شۇكى، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىغا ئىچ گېپىنى دېمەيدۇ؛ كۆپ ھاللاردا ھەمىشە باشقىلارنىمۇ ئوتتۇراھال پوزىتسىيە تۇتۇشقا مەجبۇر قىلىپ، ئىشنىڭ ياخشى - يامىنى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئىش مۈشكۈل ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلاشقاندا بولسا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.
ئۇلار ھاياتىدا ئاز دېگەندىمۇ بىرەر قېتىم ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىككە ئۇچرايدۇ، لېكىن ئاخىرىدا زىياننى تولدۇرۇۋالالايدۇ، ئىلگىرىكىدىنمۇ باتۇر ۋە چېچەن بولۇپ كېتىدۇ.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر تىرىشچان كېلىدۇ. تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ يېقىندىن كۈچ بېرىدۇ، شۇڭلاشقا زېھىن قۇۋۋىتىمۇ كۆپ خورايدۇ، ئىشلارنى ھەمىشە ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئۇلارنى ئامەتكە مۇشەررەپ قىلىپ تۇرىدۇ.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر مۇئەييەن مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىگە كىرمەيدۇ. ئۇلار شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىممىتىدىن زوقلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمايدۇ.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، ئۇلار يوقسۇزلىشىپ قالغاندا، دۇنيادىن ئىنتايىن بىزار بولۇپ كېتىدۇ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خارابلىققا يۈزلىنىدۇ.
ئۇلارنى كرىزىس گىردابىغا ئىتتىرگەن نەرسىمۇ ئۇلارنىڭ زىيادە سېخىلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بولغان تەلىپى قاندۇرالمىغاندا ياكى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە دەرمانى يەتمىگەندە، ئۇلار بەكمۇ روھسىزلىشىپ كېتىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، توڭگۇز يىلى تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەستلىك كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تېنى بەرجەس ھەم ئىنتايىن ئېلاستىكىلىق بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كۈچ - قۇۋۋەت يېغىپ تۇرىدۇ.
سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنى ھېسسىياتىڭىز جۇشقۇن، روھلۇق، ۋۇجۇدىڭىزدا پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەت باردەك ھېس قىلىسىز، يەنە كېلىپ جىسمانىي ئەمگەكلەردىمۇ باشقىلاردىن كېيىن تۇرمايسىز. شۇڭا بەدەن ساپايىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بولۇشى سىزنىڭ ئىپتىخارىڭىز ھەم ئامىتىڭىزدۇر.
لېكىن، بۇ سىزنى ياستۇقنى قىرلاپ خاتىرجەم يېتىۋەرسە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. سىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان ناچار ئىللەتلەر ۋە يامان ئادەتلەر بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ مىجەز - خاراكتېرىڭىزدە بەزى ئاجىزلىقلار بار بولۇپ، ئۆزىڭىزگە ئاسانلا كېسەل يۇقتۇرۇۋالىسىز. گەرچە بۇ ئۇششاق - چۈششەك كېسەللىكلەر بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ بېجىرىم جىسمىڭىزغا زەرەر يەتكۈزۈپ، سىزگە كېسەل ئازابى ۋە پەرىشانلىق تېپىپ بېرىدۇ.
باشتا، گەرچە سىز ئۆزىڭىزنى روھلۇق، ساغلام ۋە كۈچلۈك ھېس قىلىسىز، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئۇششاق - چۈششەك كېسەللىكلەرنىڭ ئادەمنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمىشە ئۇنتۇپ قالىسىز.
سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز جىددىي ۋە قاتىلاڭچىلىقتا ئۆتىدىغان بولغاچقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىنمۇ بەك خورايسىز، ھەتتا ھە دېسىلا جىسمانىي قۇۋۋىتىڭىز يار بەرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىسىز. شۇڭلاشقا سىز ئۇيقۇ ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، كەيپىياتىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك.
ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ سىزگە تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ، سىزدە بەلكىم نەپەس سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.
كىچىك ۋاقتىڭىزدا، سىز ھە دېگەندىلا بادامبەز، زىققا، برونخىت (كانايچە ياللۇغى) قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىسىز.
خۇي - پەيلىڭىز ئاشۇنداق بولغاچقا، ھەر قانداق ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ ماڭىسىز، جىسمانىيىتىڭىز ۋە سالامەتلىكىڭىز يار بەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئاشۇ ئىشنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز، يەنە كېلىپ ھېچنېمىگە قارىماي زورمۇزور شۇ ئىشقا تۇتۇنىسىز. مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە ھېرىش - چارچاش تۈپەيلى نېرۋا ياللۇغى، پۇت كېسەللىكلىرى، مىتكوت كېتىش (پۇت قايرىلىپ كېتىش) دېگەندەك كېسەللىكلەر ۋە زىيان - زەخمەتلەرگە ئاسانلار گىرىپتار بولىسىز.
شۇ ۋەجىدىن، ھەر قانداق ئىشتا ئۇتتۇرۇۋېتىشنى خالىمايدىغان خاراكتېرىڭىز كەسپىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە راستىنلا يامان تەسىرى بار، سىز بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
باش قىسمىڭىز قاناشتىن، باش ئاغرىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، مېڭىگە قان قۇيۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەر ھەمدە قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزا سىستېمىلاردا پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەردىن كۆپرەك پەخەس بولۇشىڭىز كېرەك.
ئەڭ مۇھىمى ھەددىدىن زىيادە قاتىلاڭ بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن نېرۋا كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن، شۇنىڭدەك كۈتۈلمىگەن تالاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز، قاتناش ھادىسىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
پەقەت سىز ئۆزىڭىزلار كۆپرەك دىققەت قىلىپ بەرسىڭىز، ھەر قانداق ئىشتىن ساقلىنالايسىز.
ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - بىر جۈپ ئەمەك دوستلاردۇر. ئۇلار بىرگە ساياھەتكە چىقسا، كۈلكە - چاقچاق قىلىشسا بولىدۇ، لېكىن توڭگۇز چاشقاننىڭ دەخلى - تەرۇزچانلىقىغا كۆنەلمەيدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - مۇئەييەن دەرىجىدە توقۇنۇشۇپ قالىدىغان يەرلىرى بار، لېكىن پەقەت بىر ئىشتاننى تەڭ كىيگۈدەك دەرىجىدە ئاپاق - چاپاق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەپلىشىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بىر - بىرى بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدۇ، لېكىن يولۋاس يىللىقلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى بولغاچقا، بۇ ھال توڭگۇز يىللىقلارنى بىر ئاز خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ مىجەز جەھەتتە توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانسىلا بولىۋېرىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - دوستلاردىن بولالايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى سىرتقا بىرگە چىقمىغىنى تۈزۈك، توڭگۇز يىللىقلارنىڭ بەزى چاغلاردىكى ئۈستۈنلۈك قازانساملا دەيدىغان مىجەزى توشقان يىللىقلارنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئادەتتىكى دوستلاردىن بولالايدۇ، ماجىرالاشمايدۇ، ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كەتمىگىمۇ تەسكە توختايدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - دوست بولۇپ ئۆتەلەيدۇ، ھەم ھەر ۋاقىت ئايرىلىپ كېتىشنىمۇ يىراق دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت ۋاقىتلا ھەممىگە بىردىنبىر ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتالايدۇ، لېكىن توڭگۇز يىللىقلار ئات يىلىقلارغا نىسبەتەن ھەمىشە غۇم ساقلاپ يۈرىدۇ، داد - مۇئامىلە جەريانىدا مەلۇم ئېھتىماللىق قالدۇرۇپ قويغان تۈزۈك.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - دوست بولالايدۇ، توڭگۇز يىللىقلار قوي يىللىقلارنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە قوينى ياخشى كۆرىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئېيتماققىمۇ بەك قىزىق تۇيۇلىدۇ، پائالىيەتچان مايمۇن يىللىقلار توڭگۇز يىللىقلار بىلەن بولغان ئالاقە داۋامىدا ھەمىشە قارشى تەرەپكە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئىنتايىن ئېچىلىشىپ كېتەلەيدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - توقۇنۇش بار، ئىككى تەرەپ ئەڭ ياخشىسى مەلۇم ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىگە سەمىمىي - سادىق بولالايدۇ، توڭگۇز يىللىقلار ئىت يىللىقلارنىڭ كۆڭلىدىكى تەشۋىشنى يېنىكلىتەلەيدۇ، ئىت يىللىقلارغا ياردەم بېرىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئۇلار ئوخشاش مىجەز ۋە قىزىقىشقا ئىگە، شۇڭلاشقا ئۇلار ئادەتتە بىر - بىرىدىن چاققان كېلىدۇ؛ ئۇلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدۇ، ئۇلارنىڭ دەردىمۇ بىر يەردىن چىقىدۇ، ئۇلار جانىجان دوستلاردىن بولالايدۇ.
توڭگۇز يىللىقلار مەيلى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتىكى داڭدار شەخىسلەردىن بولۇپ چىقالىشى مۇمكىن.
خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلىكى تۈپەيلى ئىچىدىكىنىڭ ھەممىنى ئاشكارىلىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن تازا ئوبدان ماسلىشالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۈرلۈك كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىۋاتقانلارنىڭ تولىسى توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بولۇپ چىقىدۇ. كەسىپ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇستىلىق بىلەن قاقتى - سوقتى قىلمىسا بولمايدىغان كەسپىي ساھەلەرگە قارىغاندا، ئۇلار سىياسىي ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار كەسىپلەردە تېخىمۇ روناق تاپالايدۇ؛ بىناكارلىق، مۇزىكانتلىق، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى ئىشلەشكە تېخىمۇ باب كېلىدۇ.
توڭگۇز يىللىق ئاياللارغا كەلسەك، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار تولىمۇ ئىستىدادلىق ۋە روھلۇق كېلىدۇ. ئۇلار ئوچۇق، جۇشقۇن، زېرەك، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە خۇشتار كىشىلەردۇر. شۇڭا ياد جىنىستىكىلەرلا ئەمەس، ھەتتا ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولالايدۇ. مەيلى ئائىلىۋى تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى سىرتقا چىقسۇن ئوخشاشلا كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. پەقەت ئۆي ئىشلىرىغا نىسبەتەن بىر ئاز سۇس پوزىتسىيە تۇتىدۇ، بۇ نۇقتىنى ئويلاپ قويۇش كېرەك.
توڭگۇز يىللىق ئاياللار ھەققىدە گەپ بولۇنسا، كىشىنىڭ ئېسىگە دەرھال خۇش - خۇي، تېتىك، چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇرىدىغان، كەڭ قورساق ۋە ھىممەتلىك، مىجەزى تۈز، خەير - ساخەۋەت ئىشلىرىغا ھېرىس، مۇلايىم، يېقىملىق بىر سىيما كېلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ تىپىك توڭگۇز يىللىق ئاياللارغىلا خاستۇر. قارىماققا تولىمۇ كەڭ قورساق كۆرىنىدۇ، لېكىن ئىچ - ئىچىدىن بىر خىل قەيسەر ئاياللىق خاراكتېرى چىقىپ تۇرىدۇ، مۇشۇنداق خاراكتېردىكىلەر پۈتۈنلەي توڭگۇز يىللىق ئاياللاردۇر.
<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق
تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن
ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق
قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر
ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق
مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - دېگەندەك زىچ ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، چاشقان يىللىقلار ھە دېسىلا توڭگۇز يىللىقلاردىن
خۇپىيانە ئىش قىلىدۇ. لېكىن، پۇل - پۈچەك جەھەتتە توڭگۇز يىللىقلار ئىزچىل تەلەيلىك بولغاچقا، چاشقان يىللىقلار توڭگۇز يىللىقلاردىن
ئايرىلىپ كېتىشكە قىيالمايدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - نىسبەتەن ئېقى كېلىشىدىغان بىر جۈپلەردۇر. توڭگۇز يىللىقلار كالا يىللىقلارغا ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ،
شۇنداقلا كالا يىللىقلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى توڭگۇز يىللىقلارنى بەكمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىشالايدۇ، چۈنكى، يولۋاس يىللىقلار ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا توڭگۇز
يىللىقلارغا بېسىم ھېس قىلدۇرىدۇ، توڭگۇز يىللىقلارنىڭ سەۋر - تاقىتىمۇ چەكلىكتۇر.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ھەمكارلاشسا پايدىلىقتۇر. توشقان يىللىقلار چىۋەر، قابىلىيەتلىك؛ توڭگۇز يىللىقلارغا بولسا ھەمىشە
ئامەت ۋە بايلىق نىسىپ بولۇپ تۇرىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئومۇمەن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك شېرىكلەردىن بولالايدۇ، لېكىن بېلىق يىللىقلار ئۆزىنىڭ خۇي -
پەيلىەە ئاز - ماز ھاي بەرگىنى تۈزۈك، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىمكانقەدەر تاشقى داد - مۇئامىلىلەردە تەرەققىي قىلدۇرغىنى ياخشى.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئادەتتىكى شېرىكلەردىندۇر، لېكىن بەزىدە يىلان يىللىقلار قارشى تەرەپكە قارا سانايدۇ، ئەمما كۆپ
ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى قىلىدۇ، توڭگۇز يىللىقلارنىڭ ئىشلىرىغا تەھدىد پەيدا قىلالمايدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئەڭ ياخشىسى بەك يېقىن ھەمكارلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، تەپەككۇر شەكلى ئوخشاش
بولمىغاچقا، پۈككەن غايىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق بولغان ھەمكارلىق ئاساسىدىكى بۈيۈك ئورتاقلىق ئىشلارنىڭ
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىدۇر.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ يولى بار؛ ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تەشەببۇسكار ھالەتتە تۇرىدىغىنى مايمۇن
يىللىقلاردۇر، چۈنكى ياخشى ئىش ھەمىشە ئۇلارنى ئەگىپ كېتەلمەيدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلىشىشتىن زور ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ئادەتتىكىچە ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ئومۇمەن كۆپ ھاللاردا ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ، لېكىن ئىت يىللىقلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى
كېرەككى، كۈندىلىك چىقىملارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلىشى، ھەمكارلاشقۇچى شېرىكنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىقى كېرەك.
△ توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ كۆپ پۇل تاپقىلى، چوڭ - چوڭ سودىلارنى قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ھەر
ئىككىلا تەرەپ دۆلەتمەن كىشىلەردۇر.
توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنىڭ بالىلىق دەۋرى ئىنتايىن تىنچ ۋە غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىدۇ، لېكىن ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىگە بارغاندا بەزى داۋالغۇشلار بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىلىرىدە بىر مۇنچە پەرىشانلىقلارنى تېپىۋېلىپ، بىر ئۆزى بۇلارغا تاقابىل تۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن. ھالبۇكى، سىز ئاشۇ ئۇياتقا قېلىشتىن قورقىدىغان ئېھتىياتچان خۇي - مىجەزىڭىز تۈپەيلى مەيلى قانداق مەسىلىگە يولۇقۇڭ ھەممىنى خۇشاللىق بىلەن يالغۇز ھەل قىلىۋېتىسىز. سىزنىڭ بۇنداق ھەممىنى ئىچىڭىزدە بىلىدىغان مىجەزىڭىزنى بەزىدە پايدىسىدىن زىيىنى تولا دېمەي بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، ئاخىرقى ئۆمرىڭىز بەختلىك ئۆتىدۇ، تۇرمۇشىڭىزدىمۇ خاتىرجەملىك يۈز ئاچىدۇ. سىزنىڭ ئائىلىۋى مەجبۇرىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىشىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە بولغان سەمىمىي - ساداقىتىڭىز تۈپەيلى، ياشلىق دەۋرىڭىزدىكى مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئىشلىرىڭىزدا كۆرۈنگەن بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ھەممىدىن تولۇق قانائەت ھېس قىلىسىز.
توڭگۇز يىللىقلار تەبىئىتىدىن ئامەتلىك كېلىدۇ. سىز ئامىتىڭىزنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئۇنى تىرىشىپ چىڭ تۇتسىڭىز، ئەجىر - مېھنىتىڭىز ئارقىلىق ھاياتىڭىزنى ئۆمۈر بويى خاتىرجەم، مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيسىز. بىراق، گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، سىزنىڭ ئامىتىڭىز جىڭغا ئولتۇرغۇدەك ئامەت ئەمەس، لېكىن سىز ئۆز ئىشەنچىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق پۇل - پۈچەكنى ئۆكسۈتۈپ قويمايسىز. سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن مېھىر - شەپقىتىگىمۇ نائىل بولىسىز. شۇڭلاشقا، سىز ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، توڭگۇز يىللىق كىشىلەر نورمال بېيىش ۋە تېز بېيىش جەھەتلەردە ئوخشاشلا نېسىۋىلىك كېلىدۇ.
ناۋادا سىز سودا - تىجارەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دادىلراق بولغىنىڭىز تۈزۈك. مولجالاپ بولغان ھامان يۈرەكلىك ھالدا مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، تاللاشقا توغرا كەلگەندە ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا سەللا قول تۇتۇپ كېتىدىغان بولسا، پۇل - مال قولدىن چىقىپ كېتىدۇ. پەقەت بىر نەچچە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن ھامان تىجارەتتە كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق ياغىدۇ.
ناۋادا سىزنىڭ كىرىمىڭىز مول، تىجارەت قىلغۇدەك ئېشىنچە مەبلىغىڭىز بولۇپ، ئازراق ئىش - ئوقەت قىلاي دەيدىغان خىيالىڭىز بولسا، ئۇنداقتا، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆي - زېمىن مۈلكى ياكى ئاكسىيە بېلىتى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىڭ، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئامىتىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، توڭگۇز يىللىق كىشىلەر پۇل تۇتۇشنىڭ يولىنى زادىلا ئۇقمايدۇ، بولۇپمۇ سودا ئىشلىرىغا كەلگەندە قانداق كېڭىيىش ئۈستىدە پىلان تۈزەلمەيدۇ. گەرچە سىز ئۆزىڭىزگە قاتتىق ئىشىنىدىغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن مەغلۇب بولۇدىغان ئادەم ھامان ئۆزىڭىز بولۇپ چىقىسىز، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزنى قاتتىق چۈشىنىدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، سىز ھە دېسىلا ھەققانىيلىق قىلىمەن دەپ، يېقىن دوت - بۇرادەرلىرىڭىزنى ناھايىتى چوڭ نېسىۋىدىن مەھرۇم قىلىپ قويىسىز. بۇ جەھەتلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
مۇھەببەت - ئەر - ئاياللارنى ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپلا قالماي، بەلكى كۆڭۈللۈك، گۈزەل ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. توڭگۇز يىللىقلار گەرچە مۇھەببىتىنى ئاسان ئىپادىلىمەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتلىشىشتە ئىنتايىن جۈرئەتلىك پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغانلار توڭگۇز يىللىق كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي مىجەز - خاراكتېرى ۋە ئامىتىگە دائىر ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر ئادەمگە ماس كېلىدىغان ئەركەكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
سىزگە ئوخشاش توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئىنتايىن ساددا ۋە رومانتىك، ئوچۇق ۋە تېتىك كېلىدۇ. لېكىن، سەل سەلبىيراق مەنە بىلەن ئېيتقاندا،
ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. باشقىلا پايدلىنىپ كېتىدۇ، دېەەندەك چېچەنلىك قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئاق كۆڭۈل كېلىدۇ،
باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن، سىز ئەرلەنرىڭ شېرىن - شېكەر سۆزلىرىدىن ئاسانلا تەسىرلىنىپ
كېتىسىز، يەنى سەبىي، رومانتىكلىقىڭىز ئاسانلا پايدىسىز رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئۆمۈرلۈك جورىڭىز ئۈستىدە ئويلاشقان ۋاقتىڭىزدا، مەيلى قانداق
بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سەمىمىي ئەرلەرنى تاللىشىڭىز كېرەك.
توڭگۇ يىللىقلار
توڭگۇز يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلارنىڭ نىكاھىي قىسمىتى بىرگە چۈشسە، ئۇلار <كۈندە مېھماندەك ئۆتۈشەر> دېگەن ماقالىدىكىدەك ئىجىل -
ئىناق ئۆتۈشىدۇ، ئىككەيلەن قائىدە - يوسۇنلۇق، ئۇرۇش - تالاشتىن خالىي، ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ياشايدۇ. مۇشۇنداق ئىككى ئادەم توي قىلسا،
شەخسىيەتسىز، يالغان - ياۋىداقتىن خالىي ئائىلە قۇرالايدۇ.
ئەمدى ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىگە كەلسەك، بۇ دەل ئۇلارنىڭ نىكاھىي قىسمىتىنىڭ بىردەكلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ نىكاھىي تۇرمۇشى يۇقىرى پەللىگە
چىققاندا ھېچقاندا مەسىلە چىقمايدۇ. ناۋادا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىپ قالسا ھېچكىم ئارا تۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق تويلشقانلارنىڭ تۇغۇلغان مەۋسۇمى
ۋە ۋاقتى قانچە بەك ئوخشاشمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ نىكاھىي قىسمىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر - ئاياللار (قىز - يىگىتلەر) نىڭ نىكاھ - مۇھەببەت ئىشلىرىدا، ئەر ئايالدىن سەككىز - ئون ياش ئەتراپىدا چوڭ بولسا
تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئەر بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ - دە، ئىشنى پۇختا قىلىپ، پاجىئەت تۇغۇلۇش ئېھتىمالىمۇ
ئازىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلق ئىچىدە 12 مۈچەل ئاساسىدا تويلىشىدىغان ئۇدۇممۇ بار. ئادەتتە، مۈچىلى زىت كېلىدىغانلارنىڭ ئۆزئارا
نىكاھلانماسلىقى تەكىتلىنىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، قەدىمدىن مۇنداق قوشاقلار تارقىلىپ كەلگەن.