بېلىق يىللىقلار
مۆچەل
كۈچلۈك، قىزغىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك، جىگەرلىك، ساغلام، ھېسسىياتچان.
قاتمال، ئازغۇن، ماختانچاق، قانائەتسىز، گېپى تولا، ئىشەنچىسىز.
بېلىق يىللىقلار كەڭ قورساق، قولى ئوچۇق كېلىدۇ، جاسارەت ھەم كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھايات گويا توختىماي لاۋۇلداپ تۇرغان رەڭمۇ - رەڭ يالقۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىشتا ئۆزىنى يادرو قىلىدىغان، بىر تەرەپلىمە پىكىر يۈرگۈزىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان، قۇرۇق خىيال سۈرىدىغان، ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە يولسىزلىق قىلىدىغان قىلىقلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار چوقۇنغۇچىلاردىن مەھرۇم بولۇپ باققان ئەمەس. ئۇلار مەغرۇر، پاك، ئىنتايىن تۈز كۆڭۈل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئۆمرىدە ئاللىقاچان غايە تىكلىگەن بولىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق يۇقىرى ئۆلچەمگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
بېلىق يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر ئامەتلىك بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. بېلىق يىللىق بالىلار يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا خۇشتار كېلىدۇ. ئۇلار ئۆيدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ. يېشى چوڭراق بالىلار ئۆز ئىنى - سىڭىللىرىنى بېقىشتا ئاتا - ئانىسىدىنمۇ ئېغىرراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بېلىق يىللىقلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە ئىقتىدارى نازايىتى زور كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىراقسانلىقى، ئىنتىزارلىقى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلاردا ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار غەيرەت بىلەن كەسكىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ بالدۇر ۋايىغا يەتكەن قىزغىنلىقىنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان بولسا، كۈچ - قۇۋۋىتىنى خورىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئوڭايلا ئەسەبىيلىشىدىغان مىجەزى بار، ئۇلار ھەر قانداقلىكى ئىشتا داغدۇغا قوزغايدۇ. خەلق ئىچىدە بېلىق بايلىق، رىزىق ۋە خۇشاللىقنىڭ سىمۋولىدۇر، بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كۈتۈلمىگەن بايلىققا ئېرىشىدۇ دېگەن ئەقىدە بار. ئۇلارنىڭ يىلى نۇسرەت قۇچىدىغان يىلغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئەمما، ئۇلار ئەقىل - ھوشىنى ھوقۇق بەند قىلىۋالغان ھاكاۋۋۇر، مەنمەن ئادەملەردۇر.
قۇدرىتى زور بېلىق يىللىقلار بىلەن رىقابەتلىشىش ناھايىتى تەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۆزىگە تەپ تارتماي خىرىس قىلغان ئادەملەرگە قورقىتىش ئۇسۇلى بىلەن تەھدىت سالىدۇ، ئۇياتقا قالغانلىقىدىن غەزەبلەنگەن بېلىق يىللىقلار گويا بىر يوغان كۆك بۆرىدەك ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدىن كەتمەيدۇ ھەمدە خانىمانىڭىزنى ۋەيران قىلىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.
بېلىق يىللىقلار خۇي - پەيلى يامان ھەم ئۆز بېشىمچى بولۇشىغا قارىماي، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەر قانداق ئىختىلاپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلىسىدىكىلەر ياردەم سورايدىغانلار بولسا، ئىختىلاپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە كەسكىن ھەم مەردلىك بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بىراق، ئۆيدىكى موھتاجلىق تۈگىگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئۇلارنىڭ گەپنى ئايلاندۇرۇپ قىلىدىغان چاغلىرى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاغزى ئېچىلىدىغان بولسا، گويا پادىشالىق قانۇنىدىن نەقىل كەلتۈرۈۋاتقاندەك سۆزلەپ كېتىدۇ.
بەزى چاغلاردا ئۇلار مەدەنىيلىكنى، چوقۇر مېھرىبانلىقنى ۋە چىرايلىق سۆزلەشنى ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زور چۈشەك دەپ بىلىدۇ. غەزىپى تۇتقان چاغلاردا ئىنتايىن قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ھەمدە خەلقنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇلارغا ئوخشاش يول بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن دېگىنىڭىز بىكار. سىزمۇ بېلىق يىللىق بولۇپ، كۈچ بىلەن ھەل قىلىش قارارىغا كەلسىڭىز، بۇ بولىدىغان گەپ. ئۇ ھالدا باشقىلىرىمىز ئەتراپتا تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ، ئۇلار جېدەلنى خۇددى تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىدەك قالتىس قىزىتىۋېتىدۇ.
بېلىق يىللىقلارنىڭ ھېسسىياتى گەرچە يانار تاغدەك ئاسانلا پارتلايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش كۆرۈشكە ئامراق دېيىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تۇيغۇن ياكى رومانتىك دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار مېھىر - مۇھەببەت ۋە خۇشامەتنى زاتىمدىن ماڭا تېگىشلىك دەپ ئادىتى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئۇلار غەزەبلەنگەن چېغىدا، بەكمۇ كاجلىق، ئەقىلسىزلىق ھەم ئۆكتەملىك قىلىدۇ، ئەمما ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن سىزنى كەچۈرۈشنى بىلىدۇ، سىزنىڭمۇ ئۆزىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئەپۇ سوراشنى ئۇنتۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بۇ گويا گالۋاڭلىق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ۋاقىت چىقىرالمىغان، ئىشقا بېرىلىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئۇلار قۇدرەتلىك، كەسكىن كېلىدۇ، ئەمما ھىيلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىق قىلمايدۇ. ئۇلار ئاللىقانداق سىرلىق سۆھبەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، مۇبادا مۇنداق رىقابەتتە كۈچكە تايىنىشقا توغرا كەلسە، ئۇلار ئاسانلا يېڭىپ چىقىدۇ. بىراق، ئۇلار تولا چاغلاردا ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ، شېرىن خىيالنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئەتراپتا يۈز بېرىۋاتقان ئاغدۇرمىچىلىق ۋە سۇيقەستلەرنى سېزىۋالالمايدۇ، بولۇپمۇ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قارشى تەدبىر تاپالمايدۇ. ئۇلار تولىمۇ تەكەببۇرلۇق قىلىپ باشقىلاردىن ياردەم سورىمايدۇ، كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئىنتايىن پەرقلىق (قارشى تەرەپ بەك كۈچلۈك) ئەھۋال ئاستىدىمۇ چېكىنىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا چامداشقىلا بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارقا سېپىنى ۋە يان تەرەپلىرىنى قوغداشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. ئۇلار بەكمۇ تۈز كۆڭۈل كېلىدۇ، زادى يالغان ئېيتمايدۇ.
بېلىق يىللىقلار تۇرمۇشىنى نىشانلىق ئۆتكۈزىدۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ بىكار يۈرۈش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، بىرەر مەقسەتكە يېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان بىرەر پۇرسەتكە ئىگە بولۇشى شەرت. ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە قانداق ئوت قاينايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن قايتا باش كۆرۈتىدىغان جاسارىتى بولمايدىغان بولسا، بېلىق يىللىقلار خۇددى يېقىلغۇسىز قالغان پاراۋۇزدەك كېرەكتىن چىقىپ، ھالى خاراب ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
خۇددى يىلان يىللىقلارغا ئوخشاش بېلىق يىللىقلارغىمۇ مۇۋەپپەقىيەت نىسىپ بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق يىلان يىللىقلارغا قارىغاندا، بېلىق يىللىقلار ئۆز قارىشىنى تېخىمۇ ئاشكارا ئىپادىلەيدۇ. بېلىق يىللىقلار كۆپ ھاللاردا جىسمانىي قۇۋۋەت سەۋەبىدىن مەغلۇب بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار يېڭىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ كۆڭلى زەخىم يېمەيدۇ. ئۇلار ئىشلەشكە دادىل ئادەملەردۇر.
بېلىق يىللىق ئاياللار ئون ئىككى مۈچەلدە ئىززەتلىك خېنىمغا كىرىدۇ، ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ۋە ئەر - ئايال باراۋەرلىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئاياللارنى كەمسىتىدىغان كەسىپلەردىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ. ئەرلەر قىلالىغان ئىشنى ئۇلار تېخىمۇ ئوبدان قىلالىشى مۇمكىن. ئۇلارنى سەل چاغلىماڭ، ئۇلار سىزنى يېڭىپ، ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىش مۇمكىن. ئۇلار ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇپ تۇرمايدۇ.
سىز ئۇلارنىڭ تەلەپچان ئايال ئىكەنلىكىنى كىيىنىشىگە قاراپلا بىلەلەيسىز. ئۇلار ھاجەتكە باب كىيىمنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىمىدە پۈرمە، پۆپۈك دېگەنلەر بولمايدۇ، ئارتۇقچە تۈگمە، بانتىك دېگەنلەرمۇ بولمايدۇ. ئەمما، تۆۋەن دەرىجىدىكى تەلەپ بىلەن كىيىم تاللىمايمۇ قالمايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار كەڭ، ھەرىكەت قىلىشقا ئەپلىك كىيىمنى ياخشى كۆرىدۇ؛ تار، بەدەننى قورۇپ تۇرىدىغان كىيىمنى ياراتمايدۇ. دېمەك، ئۇلار ياقىسى تىك، ئۆزى پاكىز ھەم چاققان كىيىم بىلەن يەڭگىل ئىشلەشنى راۋا كۆرىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى قايسىنى كىيسەم بولار دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدۇ.
بېلىق يىللىق قىزلار كەمدىن كەم ياسىنىدۇ، ھېچقانداق پەرداز قىلماي پۈتۈنلەي تەبىئىي چىراي بىلەن يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىززەت نەپسى كۈچلۈك كېلىدۇ، ئۇلار تەكەببۇر بولغىنى بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەۋلىيا قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئۇلار سىزدىن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنىلار تەلەپ قىلىدۇ، ئۆزىمۇ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
بېلىق يىللىق ئادەملەرنىڭ كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشاش كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۆز شەنى بىلەن ھەممە كىشىنى قايىل قىلالايدۇ. ئۇلار ناھايىتى كەڭ قورساق، باشقىلاردىن زادى قىزغانمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە يەتكۈچە نارازىلىق بولغان ھالەتتىمۇ، خەۋپتە قالغانلارنى كۆرسە قۇتقۇزماي قالمايدۇ. ئۇلار سىزگە چىنىدىن كۆيۈنگەنلىكى ۋە ئىچ ئاغرىتقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ھەممىگە قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.
بېلىق يىللىقلار خىزمەت كۆرسىتىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلاردىن مەدەت تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇلار قۇدرىتى يەتكۈچە مەدەت بېرىدۇ. ئۇلار ئۆز مەغلۇبىيىتىنى تەن ئالمىغۇچە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىشتىن ئايانمايدۇ. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىنى قىزغىن سۆيىدىغان تاش مىجەز ئادەملەردۇر، ئۇلار ناھايىتى تېتىك تەنھەرىكەتچى، قىزغىن ساياھەتچى ھەم پاراڭچى كىشىلەردۇر، ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى سودا - سېتىق خادىمى بولۇش سۈپىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ھامان مال سېتىش - ئۆتكۈزۈش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
بېلىق يىللىقلار تۇغۇلغان چاغدىكى ھاۋارايى ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بورا - چاپقۇنلۇق كۈنلەردە تۇغۇلغان بېلىق يىللىقلار بوران - چاپقۇنغا ئوخشايدىغان، خەۋپ - خەتەرگە تولغان ھايات يولىدا ماڭىدۇ، خەۋپ - خەتەر ۋە مۈشكۈللەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دېڭىزمۇ، ئاسمانمۇ جىمجىت كۈنلەردە تۇغۇلغان بېلىق يىللىقلار ئۆمۈر بويى ھىماتقا ئىگە بولىدۇ ھەمدە يېقىملىق مىجەزدە بولىدۇ.
بېلىق يىللىقلار بىر بولسا بالدۇرلا نىكاھلىق بولىدۇ، بىر بولسا بىراقلا بويتاق ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خىزمەت ۋە ئىش پائالىيەت ئىگىلىگەن بولىدۇ. ئۇلارغا ھامان دوستلىرى ياكى چوقۇنغۇچىلىرى ھەمراھ بولىدۇ.
بېلىق يىللىقلار ئىسراپچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ ھەم پىخسىقلىقمۇ قىلمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى مەرد كېلىدۇ، تۇغۇلغان ۋاقتى قەرزدار بولىدىغان يىلغا توغرا كېلىپ قالغان بىرى بىلەن بىر ئۆيدە بولۇپ قالمىغانلا بولسا، بانكىدىكى كىرىم - چىقىمنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش - بولماسلىقىغا زادى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
بېلىق يىللىقلار ئىنتايىن پائالىيەتچان كېلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت جىم، غايىب بولۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خۇشال، تېتىك تۇتىدۇ ھەمدە سىپايىلىك، ئەزمىلىككە قارشى تۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ يىلى مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان مۈچەلگە مەنسۇپ بولغاچقا، ئۆزىگە ئۆزى جاپا سالىدۇ. ئۇلار ئۆزىدە خاتالىق يوق دەپ قارىغان چېغىدا، بالايىئاپەت جەھەننىمىگە ئۆزىنى ئېتىشتىن يانمايدۇ. سىز ئۇلارنى چوڭچىلىق قىلىپ ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ دېمەكچىمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بۇنداق ئادەملەر كۆزلىگەن پىلانىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئەڭ ئالىي نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆرەلگەن دەپ بىلىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۇنى چاتاقتىن خالىي قىلىش ئۈچۈن قانچىكى تىرىشسىڭىز، ئۇلار شۇنچە كاجلىق قىلىدۇ. ئۇلار باشلامچى بولۇشقا مۇناسىپ، ھەتتا ئۇلار ئەڭ كۆڭۈلسىز ھالەتتە تۇرغان چېغىدىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بېلىق يىلىقلارنىڭ ئىچى بىلەن تېشى سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن ماسلاشقان بولىدۇ، تاشقى جەھەتتە تېنى ساغلام ھەم كۈچلۈك كۆرۈنۈپلا قالماي، ئىچكى ئەزالىرىمۇ ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ.
دېمەك، بېلىق يىللىقلاردا ئومۇمەن چوڭ كېسەل بولمايدۇ، بىراق ئۇلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار كېسەل بولمىسا ياخشى، كېسەل بولىدىكەن، كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ كېسىلىدىن ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، ئاسان ساقايمايدۇ، يەنە كېلىپ كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر، ھەتتا تەسەۋۋۇردىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.
بۇ ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئېيتىۋاتقان گەپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئادەتتە بەك سەزگۈر كېلىدۇ، پاسكىنا ھاۋا، بۇلغانغان يېمەكلىك بەدىنىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ سەللا يۇقۇملىنىدىغان بولسا، بەدىنىڭىزدە ئىنتايىن ئېنىق ئەكىس ئېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەمىشە كىچىككىنە ئىشلاردىن ئارتۇقچە خۇدۇكسىنىپ، تولىمۇ نېرۋا مىجەز بولۇپ كەتسە، بۇ ھال مېڭە نېرۋىلىرىغا ئاسانلا تەسىر قىلىپ، چوڭ مېڭىدە بىر مۇنچە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار مېڭىدە يۈز بېرىدىغان بىر مۇنچە كېسەللىكلەردىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى، جۈملىدىن مېڭىگە قان قۇيۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، نېرۋىلارنىڭ ئارتۇقچە چارچاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم، ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋا ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولىدىغان ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى تېخىمۇ تېز يۇقۇملىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يۈرەك، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا بولىدىغان كېسەللىكلەردىنمۇ ئېھتىيات قىلىشى لازىم.
ئۇلار ھەر قاچان كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتۇشى، ھە دېسىلا ئاچچىقلىنىپ يۈرمەسلىكى، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشمەسلىكى لازىم، بولمىسا نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىدۇ - دە، ئاسانلا يۈرىكىگە دەخلى يېتىدۇ، ئېتى نامەلۇم بىر مۇنچە كېسەللەر كۆپىنچە ئەنە شۇنىڭدىن بولىدۇ.
ئۇلار يېمەك - ئىچمەككىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. تاماق تاللاش ئادىتى كۆپىنچە ئوزۇقلۇقنى تەكشى قوبۇل قىلالماسلىققا، سالامەتلىكنىڭ ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى ناچار ئادەتمۇ تەن سالامەتلىككە دەخلى يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
تاشقى كۈچنىڭ بىر مۇنچە كاشىلىسى كۆپ ھاللاردا كىشىنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەس قىلىپ قويىدۇ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزىبىر مۇناسىۋەتلەرنى بىر ياقلىق قىلىش، ئائىلە ماجىراسى ۋە پۇل ماجىراسى كىشىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بېلىق يىللىقلارنىڭ نەپەسلىنىش ئورگانلىرىنىمۇ ناھايىتى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ھاۋانىڭ قۇرغاقلىشىشى ياكى نەملىشىشى، سۈزۈلۈشى ياكى بۇلغىنىشى دېگەنگە ئوخشاش ئۆزگىرىشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى، زۇكام نەپەسلىنىش ئورەانلىرىغا ھەممىدىن بەك زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئۇششاق كېسەل، ئۇنىڭغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولسا، قۇتقۇزۇپ بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتكە ۋە كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇ.
ئاندىن قالسا، ئۇلار ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولمايدىغان كۈتۈلمىگەن ھادىسلەردىنمۇ ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ ھەممىدىن كۆپ يۈز بېرىدىغان قاتناش ۋەقەسىدىن، سوقۇلۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەب بىلەن تاشقى جاراھەتلىنىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن يارىلىنىش ھەم ئۆلۈمدىن تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن ساقلىنىش لازىم.
ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -بىر - بىرىنىڭ تالانتىدىن زوقلىنىدۇ، ئوبدان دوستلاردىن بولالايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -بىر - بىرى دىلەن دوست بولالمايدۇ، كالا يىللىقلار بېلىق يىللىقلارنىڭ مەنپەئىتىنى كەمدىن كەم ئويلايدۇ، ھەمىشە بېلىق يىللىقلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - دوست بولالايدۇ، بىر - بىرىگە زوقلىنىدۇ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرقەدەر چوڭقۇر دوستلۇق ئاساسىي بار.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - مىجەزى كېلىشىدۇ ھەم بىر - بىرىدىن پايدىلىنالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئوبدان دوستلاردىن بولۇشىدا گەپ يوق.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - چىن دوستلۇق ئورنىتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار ھامان بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ، توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئوبدان دوست بولۇشالايدۇ، بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ئۆتىدۇ، بىرلىكتە ئالغا باسىدۇ، ئۇلارنى قېرىنداشلارچە يېقىن دېيىشكە بولىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئوبدان دوست بولۇشالمايدۇ، ئات يىللىقلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئېڭى بەك كۈچلۈك بولىدۇ، بېلىق يىللىقلار ئات يىللىقلارغا كۆپ ياخشىلىق قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا جاۋابەن ئاتتىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلارنى زاتىدىن دوست بولۇپ تۆرەلگەنلەر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ قابىلىيىتىگە مەپتۇن بولۇپ ۋە قايىل بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئۆز ئارا بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ، ئەمما بىرەر مەنپەئەتنى كۆزلەپ بېرىش - كېلىش قىلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىدىن پايدىلىنىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بىللە تۇرالايدۇ، ئەمما ئانچە يېقىن ئالاقە باغلىمايدۇ، پەقەت ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇشى مۇمكىن.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ، چۈنكى ئىت يىللىقلار ناھايىتى ئەمەلىيەتچى بولغانلىقى ۈئچۈن، بېلىق يىللىقلارنىڭ قۇرۇق سۆلەت روھىي ھالىتىگە زىت كېلىدۇ، بۇ ھال بېلىق يىللىقلارنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - پەقەت ئاددىي، دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئارازلىق يۈز بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئەسلا يېقىن دوستلاردىن بولالمايدۇ.
بېلىق يىللىقلار ياش چاغلىرىدىن تارتىپلا باشقىلاردىن ھەرىكەتچان بولۇپ پەيدىنپەي باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ۋە شۇ ساھەدە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئابرويغا ئىگە بولىدۇ، گەپ شۇ يەردىكى، يېشى 30 دىن ھالقىغاندا، لەھەڭدەك دولقۇن يېرىش قۇدرىتى بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا كەينىگە چېكىنىدىغان بولسا، بېشى بار ئاخىرى يوق ئىش قىلغان بولىدۇ. مۇبادا شۇ ئوڭۇشسىزلىقنى يېڭىپ ئالغا چامدايدىغان بولسا، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشى ئوڭدىن كېلىپ، ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىغا كۆز يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن سىناق قىلىش - قىلالماسلىق - ئىرادىسىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى، بېلىق يىللىقلار قانداقلىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش نىشانىغا قاراپ يۈكسىلىشى لازىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق يىللىقلار ئىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرى پۇختا ئويلانماي، بىر سەكرەپلا مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئۆز خاھىشىدا قاتتىق تۇرۇۋېلىپ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۇلار خىيالپەرەسلىك قىلىپ، ياشانغان چېغىدىمۇ خام - خىيالغا بېرىلىدۇ، خىجىل بولماي پو ئاتىدۇ، ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن ئانچە خەۋەر ئالمايدۇ، يېشى ھەرقانچە چوڭايغاندىمۇ ئەنە شۇنداق ئاق كۆڭۈل، مەسۈم بالىلارغا خاس مىجەزىنى تاشلىيالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىدە پىشقان خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك تىرىشىشى لازىم، شۇنداق قىلغىنىدىلا، تۇغما ئامەتلىك بولۇشتەك قۇدرىتىنى بىكار زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق
تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن
ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق
قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى
يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت
قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئەمما بېلىق يىللىقلار ئەقىل كۆرسەتكەن ئەھۋالدىلا
ئىشىنى روناق تاپقۇزالايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - زادى ئەپلىك ھەمكارلىشالمايدۇ. كالا يىللىقلار ھامان يول كۆرسىتىمەن دەپ بېلىق يىللىقلار بىلەن
بەس تالىشىپ، قىلچە يول قويۇشنى خالىمايدۇ، ئاخىر بېرىپ ھەمكارلىشىشقا ئورۇن قالدۇرمايدۇ. مۇبادا ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ پىكرىگە
ھۆرمەت قىلىپ مۇۋاپىق تۈردە يول قويۇشىدىغان بولسا، ھەمكارلىشىپ كېتەلەيدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ئەڭ ياخشى شېرىكلەردۇر، ئۇلارنىڭ تالانتى بىر - بىرىگە شۆھرەت قوشىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئىنتايىن چىقىشىپ ھەمكارلىشالايدۇ، توشقان يىللىقلار بېلىق يىللىقلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا
يول قويىدۇ، ئەينى زاماندا يەنە بېلىق يىللىقلارغا نۇرغۇن ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىپ، بېلىق يىللىقلارنىڭ ئوبدان مەسىھەتچىسى بولۇپ
قالىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئەڭ ياخشىسى ھەمكارلاشمىغىنى تۈزۈك، ھەر ئىككى تەرەپ ھاكاۋۋۇر بولغاچقا، بىللە بولسا ھوقۇق ۋە
مەنپەئەت تالىشىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما يىلان يىللىقلار ئۆز ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشى، ھەممىلا ئىشنى
بېلىق يىللىقلارغا ئىتتىرىپ قويماسلىقى لازىم، ئۇنداق قىلمايدىغان بولسا، بېلىق يىللىقلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئۇششاق ئىشلاردا قىسقا ۋاقىت ھەمكارلىشالايدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ئوڭۇشسىزلىق يۈز بېرىشى
مۇمكىن.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما ھەممىلا ساھەدە ئەمەس، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بەزىبىر سەنئەت ئىشلىرىدا
مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، لېكىن ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ باشقۇرغۇچى، كىنو ئىشلىگۈچى دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى
ئەڭ ياخشىسى بېلىق يىللىقلار ئۈستىگە ئالغىنى تۈزۈك.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئەڭ ئوبدان ھەمكارلىشىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ياردەملىشىپ بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بولسا،
مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما بېىلق يىللىقلار باشقۇرغۇچى بولۇشى شەرت، توخۇ يىللىقلار سىرتتا بەزى
كۆرۈنەرلىك ئىشلارنى قىلىشقا بەكرەك مۇۋاپىق.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - زادى ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىت يىللىقلار ھەممىلا ئىشتا بېلىق يىللىقلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى
بىلىۋالىدۇ، بېلىق يىللىقلار زادى چىقىشالمايدىغان تۇيغۇغا كېلىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - توڭگۇز يىللىقلار سەل كەمتەر بولالىسا، ناھايىت ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشالايدۇ.
بېلىق يىلىدا تۇغۇلغان كىشىلەر بالىلىق چاغلىرىدىكى تۇرمۇشىدا ئانچە - مۇنچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز يېقىنلىرىغا بەك كۆپ تەلەپ قويىدۇ، شۇڭا ئەتراپتىكى مۇھىت ئۇلار ئۈچۈن ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۆز مىجەز - خۇلقى ئوتتۇرا ياش ۋاقتىغا يەتكەندە بىر مۇنچە ئورۇنسىز كاشىلىلارغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ھال باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغايدۇ، بىر مۇنچە ۋەقە ۋە خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىشتا باشقىلارنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئېلىشى، باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىر - بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى لازىم، شۇنداق قىلىدىغان بولسا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئومۇمەن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
بىراق، بېلىق يىللىقلار ئاخىرقى ئۆمرىنى ئىنتايىن خۇشال، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىدۇ، يەنى نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنىڭغا قول يەتكۈزەلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇلار تۇغما ئەقىللىق، چېچەن، ئىنكاسى تېز، كۆزىتىشى ئىنچىكە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىگىلىك باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرماقچى بولسا ئانچە كۆپ توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. بىراق، ئۇلار بايلىققا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى چۈشەنسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە باي بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمەيدۇ.
ئادەتتە، پۇل ئۇلار ئۈچۈن كىشىلىك ھاياتتا ئەڭ ئالىي نىشانغا يېتىشكە پايدىلىنىدىغان ئازغىنا ۋاستىدىنلا ئىبارەتكى، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئۆز خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خالاس.
ئۇلارنىڭ پۇل ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كۆز قارىشى ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. مۇبادا ئۇلار رېئاللىق بىلەن غايىنى ماسلاشتۇرالايدىغان، پۇلغا بولغان ئىنتىلىشىنى تۇرمۇش ئېتىقادى قىلىدىغان بولسا، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چوڭ بايلاردىن بولۇشىغا كۆز يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
بىراق، ئۇلارنىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا، كىرىمى كۆپ بولسا، شۇنىڭغا يارىشا چىقىمىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار پىلانلىق ھالدا پۇل توپلايمەن دېسە، بەزى كۆچمەس مۈلۈك ياكى پاي چېكىنى ئاساس قىلغان قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇنى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋە قىممەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى قىلسا زەرەرى يوق.
كۈچلۈك ئىززەت نەپسى ئۇلارنى باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن قويىدىغان خىيالغا مۇپتىلا قىلغان. ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇنداق ئىززەت نەپسى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، خالاس. ئۇلار ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ بۇنىڭدا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شۇڭا ئۇلار تېز بېيىش ئارزۇسىدا ھايانكەشلىك قىلىدىغان قىمار بىلەن زادى شۇغۇللانماسلىقى لازىم، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، كۆپ ھاللاردا زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىدۇ.
مۇھەببەت - ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا ئەرلەر مەپتۇن بولىدىغان جەزبە ۋە سىرلىق كەيپىياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار سېھرىي كۈچىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىدىغان بولسا، ئادەمنى ئەقىل - ھوشىنى بىلەلمەس دەرىجىدە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. باشقا مۈچەلدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بېلىق يىللىق ئاياللارغا ئىنتىلىدىغان يات جىنسىلار كۆپرەك بولىدۇ، بۇنىڭدا گەپ يوق، ئەلۋەتتە. تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتساق، بېلىق يىللىق ئاياللار ئەرلەرنى مەپتۇن قىلىدىانلار تىپىغا كىرىدۇ، بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شۇ قەدەر ئىشەنچ ۋە قابىلىيەتكە ئىگە.
شۇڭا ئۇلار رەڭگارەڭ مۇھەببەت باغلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار كېچىكىپ توي قىلىشنى خالايدۇ، ھەتتا ئۇلار بىرلا جورا بىلەن چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن.
بېلىق يىللىقلارنىڭ مۇھەببەت جەھەتتىكى باشقا ئالامەتلىرىگە كەلسەك، ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كۆڭۈل بېرىش ھەم كۆڭۈل ئېلىشنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى، ئۆزىنى ھامان مۇھەببەتنىڭ تۈۋرۈكى دەپ ھېسابلايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئەرنىڭ ئۆزىگە ئاشىق بولۇشىنى ياقتۇرۇپ، ئۆزى ئەرگە مەشۇق بولۇشنى بىلمەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئۆزىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسىلا بولدى، باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدۇ. بېلىق يىللىقلار ئىچىدە مۇشۇ تىپقا كىرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېشى ۋال - ۋۇل چاقناپ تۇرغىنى بىلەن، ئۇلار غېرىبلىق دەستىدە ناھايىتى تەسلىكتە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئەمما، ئادەمنىڭ يەككە - يىگانە بولۇپ ياشىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ، يۇمشاقراق بولۇپ، باشقىلارنى چىن كۆڭلىدىن سۆيگەننىڭ نېمە يامىنى بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەۋزەل ئامەتكە ۋە كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە بولغان ئەرلەرگە ئوخشاش، ئامەتلىك ھەم قابىلىيەتلىك بولغان ئاياللارمۇ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان جاسارىتىنى ۋاپاسىزلىققا يېقىن يولاتمىغىنى تۈزۈك. ھالبۇكى، بېلىق يىللىق ئەر - خوتۇنلار بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىساللار ئاز ئەمەس.
بېلىق يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى خاراكتېرى ۋە قىسمىتى يۇقىرىقىدەك. خوش، مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئايالغا جورا بولالايدىغان ئەر كىم بولۇشى كېرەك.
<خۇدانىڭ ئەركىسى> بولۇپ تۇغۇلغان سىز مەڭگۈ چىرايلىق سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، سەھنە چىراغلىرى يىغىنچاق نۇر چاچىدىغان مەركەزدە تۇرۇشنى
ئارزۇ قىلىسىز. ئۇنداق بولماي قالسا، مەززىسىز، زېرىكەرلىك ھېس قىلىسىز.
بۇنىڭ ئەكسىچە ئېيتساق، ھەيۋە كۆرسىتىشنى خالايسىز، شۇ سەۋەبتىن، باشقىلارنى ئىززەتلەشنى ياكى ھىمايە قىلىشنى بىلمەيدىغان ئىت
يىللىق، توڭگۇز يىللىق، كالا يىللىق ئەرلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن كېلىشەلمەيسىز.
نىسپىي ئالغاندا، سىز ئۆمرىڭىزنى بەزلەشنى، يېتەكلەشنى بىلىدىغان ئەر بىلەن ئۇزاققىچە بىللە تۇرالايسىز، شۇڭا نىكاھلىنىش قىسمىتىڭىزنىڭ
ياخشى - يامانلىقىغا باھا بېرىشىڭىزدىكى ئاچقۇچ ئەنە شۇنىڭدا.
☆ چاشقان يىللىقلار
چاشقان يىللىق ئەر ئاساسىي قائىدىنى بىلىدۇ، كىشىنىڭ ك ڭلىنى ئوبدان چ شىنىدۇ، سىزنى نائۈمىد قويمايدۇ، كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىپ ئىش
قىلىدۇ، مەسىلەن، سىز سىرتقا خىزمەتكە بېرىشنى خالىغان بولسىڭىز، ئۇ سىزگە ھەمدەم بولۇپ، تەييارلىقىڭىزنى تېز پۈتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۆي
ئىشلىرىڭىزنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇپ بېرىدۇ. سىرتقا بارغاندا ساياھەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئۈچ - تۆت خىل لايىھە كۆرسىتىپ تاللىشىڭىزغا بېرىدۇ،
سىزگە قىزغىن يول باشلىغۇچى بولۇپ بېرىدۇ، بىراق سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بەك كۆرەڭلەپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، چاشقان يىللىق ئەرلەردىمۇ بوزەك
بولمايدىغان جاسارەت بار، مۇبادا سىز بەك نائىنساپلىق قىلىدىغان بولسىڭىز، ئۇلاردىن پەشۋا يېيىشىڭىز مۇمكىن.
☆ مايمۇن يىللىقلار
مايمۇن يىللىق ئەرلەر سەل بىلەرمەن كېلىدۇ، ئۇلار ئاساسىي قائىدىنى بىلىدىغان ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە، ئۇلار
چاشقان يىللىق ئەردىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، قېلىشمايدۇ. سىز خىيالپەرەسلەر تىپىغا كىرىدىغان ھامان ئەمەلگە ئېشىشقا كۆز يەتمەيدىغان
خام - خىيالنىڭ كەينىدە يۈرىدىغان، باشقىچە ئېيتقاندا ئەستايىدىل بولالمايدىغان ئاياللاردىن بولسىڭىز، بىر قەدەر ئەمەلىيەتچى بولغان مايمۇن
يىللىق ياكى چاشقان يىللىق ئەرنى جورا تۇتسىڭىز، ئوبدانراق ئەپلىشەلەيسىز.
ئاندىن قالسا، شۇ ئىككى خىل ئەر سىزگە بىر قەدەر ئىتائەت قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ھەرگىز كۆرەڭلەپ كەتمەڭ. سىز ئايالغا خاس زېمىننى ساقلاپ
قالسىڭىزلار بولغىنى.
☆ يولۋاس يىللىقلار
سىز سۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلاردىن، يولۋاس يىللىق ئەر تۇپراققا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلاردىن بولغاچقا، ئۆزئارا جورا بولساڭلار
چىقىشالماسلىقتىن مەڭگۈ غەم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. بىراق، ئائىلە تۇرمۇشىڭلار سەل چېچىلاڭغۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەر - خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ
سىرتتا ئىشلەيدىغان خىزمىتىڭلار بولسىلا، ئۇزاققىچە ئىناق ئۆتەلەيسىلەر.