UyghurWiki
UyghurWikiمۆچەلكالا يىللىقلار

كالا يىللىقلار

مۆچەل تۈز، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر، مەقسەتلىك، ئىجتىھاتلىق، تۇتاملىق، سۆزمەن. كاج، بىپەرۋا، كالتەپەم ئاستا، قىساسخور. كالا - جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ سىموۋولى. كالا يىللىقلار ئىشەنچىلىك، جىمغۇر ۋە رەتلىك كېلىدۇ. ئۇلار ئىخلاسمەن ۋە ھارماس ئىش يۈرگۈزگۈچىلەردۇر. ئۇلار كونا قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلىۋالغىنى بىلەن ئادىل كېلىدۇ، پىكىرگە قۇلاق سالىدۇ. ئەمما، كاج ۋە بەزى چاغلاردا خۇراپات كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. كالا يىللىقلار تەمكىن ۋە ئىشەنچىلىك بولغاچقا، نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار نەدە مەسئۇلىيەت بولسا، شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئۇلار پەخەس، ئېھتىياتچان بولۇشى، غەلبىدىن ئېسەنكىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس مىجەز - خاراكتېرى ۋە ئۆتكۈر مەنتىقىيلىك ئوي - پىكرىنى ئاددىي - ساددا، ئەمما پاكىز ۋە رەتلىك تەقى - تۇرقى يېپىپ تۇرىدۇ؛ ئەقىل - پاراسىتى ۋە چېۋەرلىكىنى جىمغۇرلۇق ۋە تارتىنچاقلىقى يېپىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىچ مىجەز تىپىغا كىرسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك تەبىئىتى پۇرسەت كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە قايىل قىلارلىق ناتىققا ئايلىنىشىغا ئىمكار بېرىدۇ. مالىمانچىلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ خەۋىپ - خەتەردىن ۋە ھەيۋە قىلىشتىن قورقماسلىق پەزىلىتى ھەم تەبىئىي ھالدىكى ئۆزىگە ئىشىنىشچانلىقى ھەممىدە تەرتىپلىك بولۇشىغا ئىمكان بېرىدۇ. كالا يىللىقلار تەرتىپلىك ۋە رەتلىك كېىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ئەندىزىدە چىڭ تۇرىشى، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتىكىلەرنى ھۆرمەتلىشى ۋە ھەمىشە دەل كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتى ئۈستىدە ھەرخىل پەرەزلەردە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بەزىلەر ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى يېتەرسىز دەپ يولسىزلىق بىلەن تەنقىد قىلىدۇ. لېكىن، قىلچە پەلىپەتىشلىك قىلمايدىغان كالا يىللىقلار ھەر ئىشنى ئۆز يولى بويىچە قىلغاندىلا مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي - پىكرى چېچىلاڭغۇ بولمايدۇ، ئۇلاردا تەلەيگە تايىنىپ ياكى لايغەزەللىك بىلەن كۈن كەچۈرۈشتىن قىلچە ئەسەر يوق. باشقا يىللىقلار ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئەقىل - پاراسىتى ۋە باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن چىقسا، كالا يىللىقلار تامامەن پۈكۈلمەس ئىرادىسى ۋە پىداكارانە روھى بىلەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. ئۇلار لەۋزىدە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن قىلغان سۆز - ئاتقان ئوق دېمەكتۇر. ئۆرپ - ئادەت جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر. ئۇلار ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇندايدۇ، چالا - بۇلا ئىشلەپ، توختىتىپ قويۇشتىن يىرگىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى سىرىنى ساددا ئوي - پىكرى بىلەن چۈشىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، رام قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇھەببەتكە ئېرىشىش يولىدا ككپ قاترىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتىدا لىرىك شېئىر ۋە ئايدىڭ نەۋاسى دېگەنلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ھەتتاكى ئۇلارنىڭ سوۋغىتىمۇ پۇختا - چىداملىق نەرسىلەردىن تايىن تاپىدۇ. ئۇلار ئەنئەنە تەرەپدارى بولغاچقا، كالا يىللىق ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتلىشىش جەريانى ناھايىتى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلىق دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلىدۇ، ئۆز ئارا ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىدۇ. كالا يىللىق ئەرلەر ناھايىتى تەرتىپلىك، ئىنتايىن ئىستېداتلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار چىرايلىق قىز دوستىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندا، كالامپاي بىلىنىدۇ، سۆزىنى ئوڭشاپ قىلالمايدۇ. لېكىن، بىرەر قىز ئۇلار بىلەن توي قىلسا ۋە ئۇلارغا تولۇق ئىشەنچ باغلىسا، ئۇلار شۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى مەڭگۈ يەردە قويمايدۇ، ئۆمۈرۋايەت شۇ قىزغا ساداقەتلىك بىلەن يار بولىدۇ، ئۇ قىز ئۈچۈن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەش ۋە ئىسچوت بېرىشكە باش قاتۇرۇش كەتمەيدۇ. كالا يىللىق ئەرلەر قىزنى ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە بىباھا كىيىم - كېچەكلەرگە پۈركىۋەتمىسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىنى ناھايىتى بەھۇزۇر ئورۇنلاشتۇرىدۇ، قىزنى ھەرگىز موھتاجلىققا قويمايدۇ. ئەگەر تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ كالا يىللىق بىرەر قىز بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز، راۋۇرۇس بىر قىزغا يولۇققىنىڭىز شۇ. ئۇ قىز سىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىڭىزنى ئانىلارچە يۇيۇپ، دەزماللاپ تۇرىدۇ؛ ھەر كۈنى گېزىتنى رەتلىك قاتلاپ ناشتىلىق شىرەسى ئۈستىگە قويۇپ قويۇشنى ئەستىن چىقارمايدۇ، تاماقنى ناھايىتى مەززىلىك ئېتىدۇ، ھەتتا <ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن> دەپ چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن بىزار بولغان چاغدا، مۇشۇ جەھەتتىكى ئامىللارنى كۆڭلىڭىزدىن ساقىت قىلمىغايسىز. كالا يىللىق قىزلار پاكىز - رەتلىك كېلىدۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدۇ. سىز مۇشۇنداق قىزلار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن كىر - قاسماق كۆڭلەكلەرنى كىيىشتىن خالاس بولىسىز، يىرتىق پايپاقلارنى پۇتىڭىزغا يولاتمايسىز، ئىس ئۆتۈپ كەتكەن تاماقلاريېيىشتىنمۇ ئازاد بولىسىز. كالا يىللىق قىز ناھايىتى غايىلىك - كۆڭۈلدىكىدەك خوتۇن جۈملىسىگە كىرىدۇ. سىلەرنىڭ پۇل - پۈچەكلىرىڭلار ئەسلىدىن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولىدۇ، ئوپچە ھېساب - كىتابلىرىڭلاردىمۇ ئارتۇقچە چىقىم بولىدىغان ئىشلار كۆرۈلمەيدۇ. كالا يىللىق ئەر كالا يىللىق قىزنىڭ تۇرمۇشىنى خۇشال - خۇراملىققا ئىگە قىلىشى كېرەك. كالا يىللىق قىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىدىن كۆپ بولىدۇ. يۇقىرىقى ئېسىل خىسلەتلەردىن باشقا، كالا يىللىقلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى ئاستا - ئاستا شەكىللىنىدۇ، كالا يىللىق ئەرلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ، ئۇلار زېرەك - چېچەك كېلىدۇ، ئەگەر سىز ئۇلارغا ئازار بەرسىڭىز، ئۇلار ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە ئۇنتۇمايدۇ، خەتەرلىك ئەھۋال ئالدىدا يولۋاس، توخۇ ياكى چاشقان يىللىقلارغا ئوخشاش ئادەملەردىمۇ كۈچلۈك تاپا - تەنە روي بېرىدۇ، قوي ۋە توشقان يىللىقلار بولسا، ىاپىلىقنى ئىچىگە ئېلىپ مەيۈسلىنىپ يۈرىدۇ. كالا يىللىق ئادەملەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، ئۇلار جاپا - مۇشەققەت ۋە جىددىيلىكنى تىرىشىپ خىزمەت قىلىش يولى بىلەن يەڭگىللىتىدۇ. مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئۆمۈرۋايەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ ھەمدە قايتا كەلگەن <ئاپەت> نى بويتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى بىلەن رەت قىلىدۇ. كالا يىللىقلار قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇلار قەرز پۇلنى بىر پۇڭ قويماي تولۇق قايتۇرىدۇ، سىزگىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق تەلەپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزگە بىرەر نەرسىدىن قەرز بولۇپ قالسا، يەنە كېلىپ ئېنىق تەشەككۈر بىلدۈرمىسە، ئۇلار ئۆزىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ. كالا يىللىقلار زىيادە قۇرۇق رەھمەت ئېيتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۇلار چىرايلىق سۆز - ئىبارە ۋە ئارتۇقچە ماختاشلاردىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بۇنى ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە دەخلى قىلغانلىق دەپ بىلىدۇ. ئۇلار دېگىنىنى قىلماي قالمايدۇ، كالا يىللىقلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئەنە شۇ. كالا يىللىقلار ئاجايىپ سەۋرچان كېلىدۇ، ئۇلار ئاچچىقلانغان ھامان قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلار ئاچچىقلانغاندا ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ، خۇددى بۇقىدەك ئالدىنى توسقانلىكى ئادەمنى ئۈسۈپ - ساۋاب ماڭىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى - ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئۇنى ئاستا - ئاستا ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشتۇر. قىسقىسى، ئۇ چىدىغۇسىز ئەھۋالدا قالمىغۇچە، ھەرگىز ئالەمنى مالەم قىلمايدۇ. ئائىلىدە كالا يىللىقلارنىڭ گېپى قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار قانداق بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى ۋە بىراۋنى ئىتائەت قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشقا ماتېرىيالىستىك قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز ئائىلىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ ھەم بۇنىڭدىن پەخىرلەنسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، ئۇلار ئۆز ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھەمىشە مۇۋەپپىقىيەتلىك مىزانى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۆلچەيدۇ. گەرچە ئۇلار ئاسانلىقچە ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە شادلىقى ئۈچۈن زور قۇربان بېرىشتىن ئايانمايدىغان كىشىلەردۇر. كالا يىللىقلار ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە كەلگەندە پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ. كۈندۈزى تۇغۇلغان كالا يىللىقلار تىپتىنچى ئاخشىمى تۇغۇلغان كالا يىللىقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەرىكەتچان، تېخىمۇ سوقۇشقاق كېلىدۇ. قىشتا تۇغۇلغان كالا يىللىقلار يازدا تۇغۇلغان كالا يىللىقلارغا قارىغاندا تۇرمۇشتا جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە نامرات كېلىدۇ. كالا يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى پۇختا، ئەزەلدىن ھېسسىياتقا بېرىلمەيدىغان كېلىدۇ. ئەگەر سىز داۋادا ئۇتۇپ چىقماقچى بولسىڭىز، ئەقىل - ئىدراكنى ئىشقا سالىسىز. بەزى ئىشلاردا، ناۋادا سىز ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالسىڭىز، ئۇلار دائىم سىزنى ئىشەنچىلىك ۋە توغرا لايىھە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي - پىكرىنى يالغۇز ھېسسىياتقا تايىنىپ تۈگەل ئۆزەەرتىپ كەتكىلى بولمايدۇ. كالا يىللىقلارنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى ياخشى كېلىدۇ، ئوڭايلىقچە كېسەل بولمايدۇ. كالا يىللىق ئادەملەر ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنچ قىلالايدۇ، مۇرەسسە قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى مەنسىتمەيدۇ. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە قىزغىنلىق يېتىلدۈرۈشكە ئېتىبار بەرسە، تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدۇ. كالا يىللىقلار تەبىئىي رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار باشقىلارنى ئىنتىزام بىلەن چەكلەپ تۇرۇشقا ماھىر كېىدۇ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئۇلار ھەممە ئادەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ئىشىغا كاشىلا بولماسلىقى لازىم دەپ قارايدۇ. كەمچىلىكى شۇكى، ئۇلار قاتمال كېلىدۇ، سەرلەپ - مىسقاللاپ ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. ئۇلار لولىلىق قىلمايدۇ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا ھەربىيچە سالاپەتتە كۆرۈنىدۇ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت خىزمىتى، دىپلوماتىيە ۋە ئىنچىكە خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا لايىق كېلىدىغانلىقىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنى سەمىمىيلىكى، ياسالمىلىق قىلىپ قىلىق چىقارمايدىغانلىقى ۋە پۇختا، پرىنسىپاللىقى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە كۆيۈنۈشىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى ناھايىتى سەمىمىي - ساداقەت قىلىۋېتىشىگە ئىمكان بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، كالا يىللىقلار چىغىر يولدا مېڭىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار تىنچ، كۈچلۈك ئەخلاقىي قاراشقا ۋە ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە كىشىلەردۇر. ئۇلار ئەزەلدىن ناھەق ۋاستىلەر بىلەن مەقسىتىگە يېتىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئۆتۈنۈشكە مەجبۇر بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. كالا يىللىق ئادەملەر ئۆز ئالدىغا سىستېما بولۇپ شەكىللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئېھتىياتچانلىق ۋە سەمىمىي - ساداقەتلىك بىلەن ئىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوخشاش مۈچەللىك بولۇش - بولماسلىقىغا قارىماي، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد نەسىلدىن - نەسىلگە ئۆتىدۇ. كالا يىللىقلار بىر ئائىلىنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە دائىم تەكەببۇرلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزى بېكىتىپ قويغان قائىدە - يوسۇنلارغا ئۆكتە قوپۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت ۋە دۆلەت مەنپەئىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى بىر ئورۇنغا قويىدۇ ھەمدە ئۇزاققىچە، مۇقىم مەبلەغ سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مىجەز - خاراكتېرى كەسكىن بولغاچقا قىمارۋازلىق قىلمايدۇ، تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشلار ئۇلارنى زېرىكتۈرۈپ ئەنسىز قىلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ ھال ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. كالا يىللىقلار پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئىنتىزاملىق كالا يىللىقلار تۇرمۇشتا بەڭباشلىق قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئېگىلمەس - پۈكۈلمەس بىر كالا يىللىق ئادەم ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بىر غالىبىيەتچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. كالا يىللىقلار ئۆلچەملىك بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئىگە بولىدۇ، سالامەتلىكى ياخشى كېلىدۇ، دائىم كېسەل بولۇپ يۈرمەيدۇ. كىشىلەر دائىم بىرەرىنىڭ بەرجەس بەدەن قۇرۇلۇشىنى <كالىدەك كۈچلۈك> دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيدۇ. كالا يىللىقلار قارىماققا ئىچ مىجەز، تەمكىن ۋە تەۋرەنمەس كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى بولىدۇ. ئەمما، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈنمىگىنى بىلەن، كىچىك مەسىلە دائىم كۆرۈلۈپ، ھالسىزلىق ھېس قىلىپ تۇرىدۇ؛ روھىي كەيپىياتىمۇ بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىدىن ئالاھىدە پەخەس بولۇشى لازىم، ئۇلارنىڭ بىر ئاجىزلىق يېرى ئەنە شۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ ئېھتىمال ئۇلارنىڭ خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ دائىم نورمال يېمەكلىككە سەل قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، يەنە بىر جەھەتتىن، ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر نېرۋا تەسىرىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇنداق سەزگۈر نېرۋا تەسىرى ئاشقازان ۋە ئۈچەينى دائىم مۇقىملىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ، بەك تويۇنۇپ كەتكەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى 12 بارماق ئۈچەي يارىسى دېگەنگە ئوخشاش ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرىكەت مىقدارىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، سالامەتلىكتە مەسىلە كۆرۈلۈشكە سەۋەب بولىدۇ. سىز ھەرىكەت قىلمىسڭىز بىر مەزگىل ئارام تېپىپ، كۈن بويى يەپ - ئىچىدىغان ھەم ئۇخلايدىغان بولۇپ كېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتتە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەشتىن قالىسىز؛ شۇنداق تېتىكلەشكەن ھامان، سىز يەنە قاتتىق ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي، كۆپ ھاللاردا ناھايىتى زور دەىجىدە ھەرىكەتتىن زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. ئىزچىل ۋە تەكشى بولمىغان ھەرىكەت، كۆپ ھاللاردا سىزنى غەلىتە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز كېسەللىكنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقمايلا قالىسىز. ئالاھازەل سىز ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبلىك كۆپ مىقداردا ماي يىغىلىپ قېلىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. قان تومۇرى كېسەللىكلىرىگە ئەگىشىپ، يۈرەك ئاغرىقىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، سىز بۇنىڭدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىڭ. قېرىلىققا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى ئەڭ قورقۇنچلۇق سەكتە ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش كېسەللىكلىرىدىنمۇ ئالاھىدە پەخەس بولغايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، رېماتىزم كېسەللىكلىرىگىمۇ دائىم گىرىپتار بولۇپ تۇرىسىز، بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭ. يەنە ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ كېتىش، تىزگىنسىز ئەقلىي ئەمگەك، خىزمەتنى دەپ جاندىن كېچىش ۋە كېچىچە بېرىلىپ ئىشلەش ھەم ئۇزاققىچە ھەرىكەت قىلماسلىق قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار تېنىڭىزگە چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ، بەدەن فۇنكىسىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سالامەتلىك جەھەتتىكى مۇتاناسىپلىق تۈپەيلىدىن، نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتىمۇ كېسەللىك كۆرۈلىدۇ، بۇلجۇڭ گۆش بوغۇملىرى تەكشىلىكتىن قالىدۇ، پۇتتا بىلىپ بولماس ئاغرىقلا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سالامەتلىك جەھەتكە ياتمايدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. دېمەك، تەن ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا نورمال يېتىپ - قوپۇش ئادىتى، قائىدىلىك تەنھەرىكەت، يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە مول ئوزۇقلۇق بولۇشى، روھىي كەيپىيات تۇراقلىق بولۇشى شەرت. ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. △ كالا يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -سىرداش دوست بولالمايدۇ، كالا يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار بىر يەرگە كەلسە زۇۋان سۈرمەيلا ئۆتىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -دوستلىشىپ ئۆتمەيدۇ، ئىختىلاپلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ھەر ئىككىسى ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىش كويىدىلا يۈرىدۇ، بۇلار ئوبدان دوستلۇق ئورنىتالمايدۇ، ئەلۋەتتە. △ كالا يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - مەلۇم دەرىجىدە توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ بىر ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرسە، زىددىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ بارىدۇ، ئەمما بۇلار ئىش ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ كېتەلەيدۇ، سەيلە - ساياھەتتىمۇ ئوبدان ئۈلپەت بولالايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئوبدان دوستلۇق ئورنىتىپ كېتەلەيدۇ، ئۆز ئارا ئىشەنچ قىلالايدۇ، بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئىككىسىنىڭ دىلكەش دوست بولۇپ ئۆتمىكى تەس، كالا يىللىقلار بېلىق يىللىقلارغا بەكمۇ ۋاي دەپ كەتمەيدۇ، بېلىق يىللىقلار بۇنىڭدىن مەيۈسلىنىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - بۇ ئىككىسىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى باشقىچە بولغىنى بىلەن بىر - بىرىگە ئىشەنچ قىلالايدۇ ۋە بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر خىل تولۇقلىما خاراكتېرلىك دوستلۇق مۇناسىۋەت، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئوبدان مۇناسىۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - دوست بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز، بۇلارنىڭ قىزىقىش ۋە كىشىلىك قاراشلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ، كەڭ قورساق بولغان ھالەتتىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىقى تەس. △ كالا يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئىناق - ئىجىل ئۆتەلمەيدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرمايدۇ، بىر - بىرىنىمۇ مەنسىتمەيدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - دوست بولۇپ ئۆتەلەيدۇ، كالا يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق مايمۇن يىللىقلار بەزى چاغلاردا كالا يىللىقلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدۇ، مايمۇن يىللىلارنىڭ قىلىقى بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەچكە، كالا يىللىقلار بۇنى چۈشىنىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار -قەدىناس دوست بولالايدۇ، ئۆز ئارا كېلىشەلەيدۇ، دوستلۇق ئۈچۈن سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانمايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - زۆرۈر تېپىلمىسا، بۇلارنى ئەڭ ياخشىسى ئايرىۋەتكەن تۈزۈك، بۇلارنىڭ مىجەزلىرى ئۆزگىچە، ئوبدان دوست بولۇپ ئۆتمىكى تەس. △ كالا يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار -دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما شەرت شۇكى، بۇلار ھەمىشە بىر - بىرىگە ھەمراھ بولماسلىقى لازىم، بولمىسا بىر - بىرىنى بىزار قىلىۋېتىدۇ. كالا يىللىقلارنىڭ بايلىق ئامىتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوبدان بولىدۇ، كەسىپ ئامىتىمۇ بىر - بىرلەپ ئوڭدىن كېلىپ، ئىدىيە ۋە پەلسەپە جەھەتتىكى قانائەتلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك خىزمەتكە ئېرىشىشى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، تاشقى كۆرۈنۈشى مۇلايىم بولسىمۇ، كۆڭلىدە كۈچلۈك ئۆزىنى ئۆزى ئىپادىلەش تۇيغۇسى بولىدۇ. <تونۇلمىغان> خىزمەت ئىشلەشكە ماس كەلمەيدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلاردىن تىببىي پەن تەتقىقاتچىسى (تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان)، ئادۋوكات، ئەدىب، جامائەت ئەربابى قاتارلىق كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مائاشلىق سىنىپ دۇنياسىغا قەدەم قويغان ھالەتتىمۇ، ئالدىراڭغۇلۇق قىلمىسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆزىگە تۇشلۇق ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. <ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي. △ كالا يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -كالا يىللىقلاردا سودا - تىجارەت ئېڭى بولمىغىنى بىلەن، تىرىشىپ ئىشلەش ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ناۋادا چاشقان يىللىقلار تىجارەتكە ماھىر كەلسە، بۇنداق ھەمكارلىقمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەي قالمايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇنداق ھەمكارلىق كارغا كېلىدۇ، ئەمما مىجەز - خاراكتېر جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سودا بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلارنىڭ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى تەسكە توختايدۇ، دېھقانچىلىق مەيدانىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئوبدان تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بىر خىل ئاپەت خاراكتېرلىك ھەمكارلىق بولىدۇ، ھەمكارلاشقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە تەن بەرمەي ئۆتىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋال يولۋاسنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمايدۇ، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدۇ، بۇ نوقۇل بىر - بىرىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدىكى بىر خىل مۇناسىۋەتتۇر. △ كالا يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - بەلكىم قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىشىشقا مۇمكىن بولار، ۋاقىت ئۇزارسا داۋاملىشالمايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ چۇتۇچى كېلىدۇ، يەنە كېلىپ بىر - بىرىگە يول قويمايدۇ - دە، ئاخىر بېرىپ ھەمكارلىشالمايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئەڭ ياخشىسى ھەمكارلىشىپ بىر ئىش قىلمىغىنى تۈزۈك، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە سەۋر قىلمايدۇ، ھەمكارلىق ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار -بىرقەدەر ئوبدان ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ، ھەمكارلاشقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدۇ، بۇلار جەزمەن راۋاج تاپىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - قەتئىي ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىللە تۇرمۇشمۇ كەچۈرەلمەيدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئادەتتە ھەمكارلاشمىغىنى تۈزۈك، بولمىسا كالا يىللىقلارغا ئېنىق نەپ تەگمەيدۇ، چۈنكى كالا يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنى ياخشى كۆرگەچكە، دائىم مايمۇن تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلىشىپ كېتەلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما كۆپ بەدەل تۆلەپ، ئاز نەپ ئالىدىغان گەپ، كالا يىللىقلار توخۇ يىللىقلارنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، توخۇنى بەك ھۇرۇن چاغلاپ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىگە سەل قارايدۇ. △ كالا يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازراقمۇ ئورتاقلىق يوق. △ كالا يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلىقنى نىسبەتەن يەڭ ئىچىدە بىلىشىدۇ، توڭگۇز يىللىقلارنىڭ كالا يىللىقلارغا بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كالا يىللىقلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا توڭگۇز يىللىقلار قايىل بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كالا يىللىقلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى ناھايىتى ئاددىي، تۇرمۇشى ئىنتايىن تىنچ ئۆتىدۇ. لېكىن، ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندا، بارا - بارا دىلخەستلىك كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يەنە كېلىپ مۇھەببەت ۋە نىكاھ جەھەتتە بىر قەدەر باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار ھەم كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر سىز سوغۇققانلىق قىلمىسىڭىز ۋە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىلىق ۋاقىتقا قەدەم قويغاندا، سىز چوڭراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن بەك ھودۇقۇپ كەتمەڭ ھەم بىپەرۋالىق قىلماڭ، لايىقىدا بىر تەرەپ قىلسىڭىز، ھەممە ئىشلار ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممە ئىش ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، سىز تىنماي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولىسىز. دېمەك، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشتا تازا خاتىرجەم بولالمايسىز. سىزنىڭ پۇل - پۈچەك جەھەتتىكى باشقۇرۇش ئېڭىڭىز يېتەرلىك بولمىغاچقا، چوڭ بايۋەچچىلەر بىلەن ئۈلپەت بولالمايسىز. سىز ئېھتىمال ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن، ئاز - تولا پۇل ئامانىتىڭىز بولسىمۇ، لېكىن ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش ئانچە زور بولماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈن يېنىڭىزدا جىق پۇل بولغان ھالەتتىمۇ، ئەتىسى يەنە شۇنداق بولۇشىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە، سىزنىڭ چىقىمىڭىز كىرىمىڭىزدىن جىق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قىمارخانىدىن ئۆزىڭىزنى تارتقىنىڭىز ياخشى. ھايانكەشلىك قىلىدىغان ئىشتىنمۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى تارتىپ، پۇلىڭىزنىڭ بارىدا دۇرۇس ئىش قىلىڭ. مۇشۇنداق قىلىشنىڭ سىزگە كۆپ پايدىسى تېگىدۇ، بىر مۇنچە يوقىلاڭ مالامەتلەردىن ساقلىنىپ قالالايسىز. ئېھتىمال، سىزگىمۇ كۈتۈلمىگەن يەردىن نەپ تېگىپ، بىر - ئىككى نۆۋەت تازا بېيىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز ھەرگىز بۇنىڭغا مەستانە بولۇپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. سىزنىڭ خاسلىقىڭىز راۋۇرۇسلۇقىڭىزدىن چېكىگە يېتىدۇ. سىز گەرچە كۆز ئالدىڭىزدا چوڭ نەپ تېگىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئاداۋەت ياكى دىتقا ياقماسلىق بارلىقىنى سەزگەن ھامان، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى پايدىدىن ۋاز كېچىسىز. دەل شۇنداق بولغاچقا، سىز ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىپ كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا، باشقىلارغا قول قوۋۇشتۇرۇپ خوش - خوش دەپ تۇرۇشقا ماھىر بولمايسىز، سىز دائىم ئۆز كۆز قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن دەپ قولىڭىزغا تەگكەن چوڭ پايدىدىن قۇرۇق قالىسىز. سىز ھامان ئادىل ۋە ئاشكارا ئىش قىلغاندىلا بايلىققا ئامەت قۇچۇشنىڭ توغرا يولىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىسىز. سىز ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ يامان غەرەزلىك بىلەن باشقىلارنى قەستلەيدىغان، تەخسىكەشلىك قىلىپ باشقىلارغا ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولىدىغان ۋە ئۆزىنى كۈچەپ بازارغا سالىدىغان قىلىقلارنى ئۆچ كۆرىسىز. كالا يىللىقلار ئەگە ئۆز بايلىقىنى مۇقىم كىرىمگە تايىنىپ ئاشۇرۇپ بارمىسا، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ يامان كەتمەيدۇ. مۇھەببەت - ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر - ئايال ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ماھىر ئەمەسلەر تىپىغا كىرىدۇ. ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەرلەر ئىچىدە قىزىقچىلىقنى ھەممىدىن بەك چۈشەنمەيدىغانلار كالا يىللىقلار بولۇپ ھېسابلانسا كېرەك. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ رومانتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغانلىقتىن ۋە قارشى تەرەپنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە ماھىر بولمىغانلىقتىن بولۇۋاتقان ئىش. ئاياللاردىمۇ دائىم مۇشۇنداق خاھىش بولىدۇ. قانداقتۇر <سۆيۈملۈك ئادىمىم> دېيىش كەتمەيدۇ. تانسا سورۇنلىرىغا ئوخشاش سورۇنلاردا، <تام سىزمىلىرى> دەپ قېتىپ ئولتۇرغانلار، ئېھتىمال ئېھتىياتچان كالا يىللىق ئاياللار بولسا كېرەك، بولمىسا ئۆزىنىڭ كالا يىللىق ئايالغا خاس خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرەلمەيدىغان گەپ. ئەگەر سىز يات جىنىسلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتالماي قالغانغا ياكى مەشۇقىڭىزنى باشقىلار باشلاپ كەتكەنگەن تىتىلداپ كەتسىڭىز، ئۇ ھالدا بىر ئاز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، يۈرۈش - تۇرۇشىڭىزدا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىڭىزنى بايقاشقا ئامالسىز قالىدۇ. يۇقىرىقىلار كالا يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئاياللارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا قانداق ئەرلەرنىڭ ماس كېلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. كالا يىللىقلار ناھايىتى كۈچلۈك سەۋرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. مەيلى قانچىلىك ھەسرەت - نادامەتلىك ئىش بولسۇن، سىز لام - جىم دېمەي سەۋر قىلىپ تۇرالايسىز ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا يىللىقلار كۈچلۈك ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار يولدىشىنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى خاتىرجەملىك بىلەن كۈتىدۇ، بۇنداق ئاياللارنى تىپىك ئائىلە ئايالى دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، بۇلار توي قىلىشقا نىسىپ بولغان ئەرلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كۆڭۈلدىكىدەك بولغىنى ئانا مۇھەببىتىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ئوبيېكت - دائىم سىزگە ئەركىلەپ تۇرىدىغان قورقۇنچاق كىچىك مەخلۇقتۇر. ☆ چاشقان يىللىقلار چاشقان يىللىق ئەرلەر سىرتتا ئويناشقا ئۇستا كېلىدۇ، ئەمما ئويۇننى ئويۇن پېتى قىلىدۇ، ھەرگىز ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدىغان، سىرتتىكى ئويۇننى ئۆيگە ئېلىپ كىرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. پەقەت مۇشۇلا ئەمەس، ئۇلار خىزمەتتە ئەستايىدىل كېلىدۇ، تاپقان پۇلىنى ئائىلىسىگە خەجلەيدۇ، سىزنىڭ ئىخلاس بىلەن پەرزەنت تەربىيىلىشىڭىزگە گەپ كەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتقان ھالەتتىمۇ، ئەر - ئايال ئوخشاش ئىناق - ئىجىل ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر. ھالبۇكى، چاشقان يىللىق ئەرلەر كەچكىچە ئائىلە دەپلا تۇرىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىغا ياكى ئوچاق بېشى ئىشلىرىغا ئوخشاش ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا چات كىرىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ ھال ئېھتىمال سىزنى بىزار قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ خاسلىقىدىن بولۇۋاتقان ئىش، سىز ئۇنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرسىڭىز يامان كەتمەيدۇ. توخۇ يىللىق ئەرلەرنىڭ گېپى تولا بولىدۇ، ۋاتىلداپلا تۇرىدۇ، ئەمما گېپى تولا ئەرلەر ئەكسىچە سىزدەك سۆزگە ناباپ ئاياللارنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ، توخۇ يىللىقلار كۆز قاراشتا مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، ئۇلار جەمئىيەت ئىنتىزامىغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان تەرىپى ئەنە شۇ. ☆ توشقان يىللىقلار توشقان يىللىق ئەرلەر ھەرگىز تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ، ئۇلار ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئويلايدۇ، ناھايىتى ئېھتىياتچان كېلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك دائىم جىددىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۆيگە كەلسە ئارام تېپىپ قېلىشىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئوبيېكت - سىزگە ئوخشاش ئانىلىق مېھىر - مۇھەببەتكە ئىگە ۋە كەڭ قورساق كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئايالدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۈچەل يىللىقلاردىن باشقا <ئىت> يىللىقلار ۋە <توڭگۇز> يىللىقلار ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدىغان تويلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىداكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ، پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ. بۇ يەردە يەنە ئالاھىدە مىسال قىلىپ ئېلىشقا بولىدىغان يەنە بىر شەخىس ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ <يىلان> يىللىق ئەرلەردۇر. < يىلان> يىللىق ئەرلەر بىلەن كالا يىللىق ئاياللارنىڭ تەقدىر - پىشانىسى ياخشى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، مۇشۇ يىللاردا تۇغۇلغان ئەر - خوتۇنلارنىڭ تولىسى ئىناق - ئىجىل ئۆتىدۇ. تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەر تەرەپنىڭ ئائىلە، ئىقتىساد جەھەتتە تولاراق خوتۇنىغا تايىنىدىغانلارنىڭلا ئىناق - ئىجىل ئۆتىدىغانلىقى ئايان بولدى. بۇ ھال مۇشۇ يىللىقلارنىڭ ياخشى - يامىنى ئۈستىدە قايتا ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدىن مەلۇمكى، كالا يىللىق ئاياللار نېمىدېگەن كەڭ قورساق - ھە.
← بارلىق تېمىلار مۆچەل