ئىت يىللىقلار
مۆچەل
ئىزچىل، مەسئۇلىيەتچان، باتۇر، جاسارەتلىك، ئەقىللىق، ھۆرمەتلىك، ئەخلاقلىق.
ئەنسىز، مەسخىرىباز، تەنقىدچى، ياۋا، مەمەدان.
ئىت يىللىقلار ئومۇمەن تۈز، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ۋە قالتىس ھەققانىيەتچى كېىدۇ. سەمىمىيلىك قىلىدۇ، سىپايىگەرلىك قىلمايدۇ، ناھەقچىلىك ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، خەقنىڭ مۇڭ - زارىغا يېتىپ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ. شۇڭا ئىت يىللىق ئادەم خەق بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى بىلىدۇ.
ئەگەر مىجەزى تۈز ئىت يىللىق دوستىڭىز بولسا، مۇنداق تەسىراتقا كېلىشىڭىز مۇمكىن: بىرەر پېشكەللىككە قىلىپ، خەققە يېلىنغىنىڭىزدا ياكى ئۇنىڭغا تېلىفون بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغىنىڭىزدا، ئېھتىمال باشتا ئۇ ئارىسالدى بولۇشى ياكى سەل باش تارتىشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ھەقىقەتەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىپل قالسا، زادىلا ئىككىلىنىپ تۇرماي پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئىت يىللىق ئادەم بەزىدە خەقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداشتىنمۇ بەك مۇھىم بىلىدۇ. ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دېگەنگە ئوخشاش ئالىيجانابلىق تەكىتلىنىدىغان ۋە ۋەدىدە ۋاپا قىلىدىغان ئىشلارنى ئىت يىللىقلار ئورۇنلۇق ئىش دەپ بىلىدۇ.
ئىت يىللىقلار بىركىمدىن رەنجىگەندە، شۇ ئىشنى سىلاپ - سىيپاپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، بەلكى دوستى <يولۋاس يىللىق> قا ئوخشاش زەردىسى قاينايدۇ، غەزەبلىنىدۇ، بىر مەھەل بولۇشىغا قاينىغاندىن كېيىن دەرھال بېسىقىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇلار ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق ئۈچۈن چېچىلمايدۇ، بەلكى خاتالىق ئۈچۈن غەزەبلىنىدۇ ھەمدە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ. ئىت يىللىقلار <يولۋاس> يىللىقلارغا قارىغاندا، خېلىلا رەھىمدىل كېىدۇ، ئەلۋەتتە.
مەسئۇلىيەتچان بولۇش، قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، خەقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ئىشنى چالا قىلماسلىققا ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەر ئىت يىللىقلارنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىدۇر. ئىت يىللىقلار ھامان خۇشاللىنارلىق، قىممىتى بار ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بەخت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇنداق ئىشلاردا سەمىمىي - سادىق بولۇپ، بەئەينى ھەقىقەتنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلار خىزمىتىدە ھامان ياخشى نەتىجە يارىتىدۇ.
يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ئىت يىللىقلار ماددىي مەنپەئەتپەرەسمۇ ھېسابلانمايدۇ، مۇتەئەسىپمۇ كەلمەيدۇ. ئۇلار سۆز - ھەرىكەتتە ھەم سالماق، ھەم پۇختا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ سالماق تاشقى كۆرۈنۈشىگە پۇختىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنى، خەقنى ھامان ئاقىلانىلىك بىلەن كۈزىتىدۇ. ئەمما، كونكرېت ۋەقە، ماجىراغا توغرا كېلىپ قالغاندا، ئۇلاردىن ئادۋوكاتقا ئوخشاش كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققانىيەت يولىدا سۆزلەشنى ئۈمىد قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تۇغما مىجەزى ئۇلارنى بۇنداق ئەھۋالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا، ئۆزىنى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتماي قاتتىق تۇتۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا مەجبۇرلايدۇ. كىشىلەر ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئەسىرالىشالايدۇ.
ئىت يىللىقلار گەرچە <ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى> دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن تەرىپلەنسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئارتۇقچىلىق بەزىدە ئىككىنچى بىر قۇتۇپ - تەرسالىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار تۇغما ئېھتىياتچان بولغانلىقى، باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقى، خەققە ھامان گۇمانىي نەزەر بىلەن ساپسالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنى سۈيقەستتىن ساقلىسا، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ بىر كەمچىلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولىدۇ. ئۇلار شەيئىنى ئۆز قارىشى بويىچە پەرق ئېتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەچكە، ئەلۋەتتە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ، خەقنىڭ قارىشى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ پىكرىگە ئاسان بوي بەرمەيدۇ.
ئىت يىللىقلار كىشىلەرنى ئىككىگە بۆلۈش ئۇسۇلى بويىچە ئايرىشنى، يەنى بىتەرەپ دەپ ئارىماي، دوست ۋە رەقىب دەپلا ئايرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئېھتىمال بۇنى ئانچە ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەس. ئۇلار ئىككىنچى بىر تەرەپنىڭ ئۆزىگە دوست ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ھامان بىلىۋېلىشنىڭلا كويىدا يۈرىدۇ. دۇرۇس، ئۇلارمۇ بىرەر ئادەمگە بىكاردىن - بىكارغا باھا بېرىپ يۈرمەيدۇ، ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتسىلا، ئۇلارنى شۇ قارىشىدىن ئاسانلىقچە ياندۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ.
مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەر كىشىلەرگە ئىت يىللىقلار بەكمۇ ئاقىلانىلىك قىلىپ كېتىدۇ، بەزىدە توڭدەكمۇ كۆرۈنىدۇ، ئۆزۈمچىلىك قىلىدۇ، دېگەندەك تەسىرات بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ تۇغما مىجەزىدىنلا ئىبارەت، خالاس. مەيلى شەرقتىكى ئەللەردە بولسۇن ياكى غەربتىكى ئەللەردە بولسۇن، ئۆيدە ئىت يىللىق بىرەر ئادەمنىڭ سىزگە ھەمراھ بولغىنى ياخشى ئىشتۇر. ئۇ سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنى، شەيئىنى ئاقىلانىلىك بىلەن تونۇشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، تاسادىپىي ئىشلارنى ماھىرلىق بىلەن تاقابىل تۇرالماسلىققا ئوخشاش قاششاقراق مىجەز ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئىت يىللىقلار تۇغما زېرەك كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ سەزگۈ جەھەتتىكى ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى تەرەپ ئۈستىدە باشتا ئۆزىدە پەيدا بولغان تەسىرات بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا ماھىر كېلىدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ، شۇ ئىككىنچى تەرەپ ئۈستىدە كۆز قاراشنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئەقىلگە تايىنىپ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۆتكۈر سېزىم ئارقىلىق، شەيئىلەر ئۈستىدە ھەق - ناھەق ۋە يوللۇق - يولسىزلىقنى ھامان ئاساسەن توغرا پەرق ئېتىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، بۇنداق بىۋاستە سېزىمغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، بولمىسا، بۇنداق سېزىم سىزنى ئۆزىنى نادان تۇتىدىغان دانالار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ئىت يىللىقلارغا نىسبەتەن توغرا تونۇشقا كېلىش ئۈچۈن، ئۇلار خەق بىلەن خىرتىڭ - سىرتىڭ بولۇشۇپ قالغان چاغدىكى ئەھۋالغا بىرەر - ئىككى قېتىم نەزەر سالسىڭىزلا ئەھۋال ئايدىڭ بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار باشقىلار ئىززەت - ھۆرمىتىمگە تەگدى، مەنپەئىتىمگە چېقىلدى، دېگەندەك خىيالغا كېلىپلا قالىدىغان بولسا، ھەرگىز يانماي، ئاخىرغىچە باتۇرلۇق بىلەن تىركىشىدۇ. ئۇنداق چاغدا، ئۇلارغا ھەر قانداق كۈچ دال بولالمايدۇ. پەقەت خەق ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغانغا ئوخشاش ئېغىر ئەھۋال كېلىپ چىققاندىلا، ئۇلار ھەقىقىي غەزەپكە كېلىدۇ. بولمىسا، ئادەتتە ئۇلار رەقىبى بىلەن قىزىرىشىپ قالغاندا، ئۇنى ئۆزىنىڭ قالتىس ئېھتىياتچانلىقى ۋە كارامەت مەنتىقىيلىك گەپ - سۆزلىرى بىلەن يېڭىدۇ. بىلەن دېيىشىپ قېلىشقا توغرا كېلىپ قالغاندا، ئىت يىللىقلر ھامان ئوچۇق - ئاشكارا دېيىشىدۇ،ئاستىرتىن بابلاش يولى بىلەن يېڭىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. ئۇلار ھەربىي ئىشلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ئادۋوكات، سوتچى، دوختۇر بولالايدۇ ياكى ترانسپورت ئىشلىرىدا باشقۇرغۇچىمۇ بولالايدۇ. ئەمما، دۆلەت خىزمەتچىلىرى، كومپيۇتېر خىزمەتچىلىرى شۇغۇللىنىدىغان خېلى زور سەۋرچانلىق ۋە غەيرەت - شىجائەت تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرگە تېىىمۇ ماسلىشىدۇ.
ئىت يىللىق قىزلار يېقىملىق، قىزغىن، چىرايلىق كېلىدۇ، سوپىيە روللاند، ئېدۋاردكيوتىن قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاياللار ئىچىدىكى ئىت يىللىقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى خېلىلا كۈچلۈك ئاياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئاددىي بولسىمۇ، چىرايلىق، ئازادە، يۇمشاققىنا كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار خاپا بولغاندا خېلى چاغلارغىچە تىنچلىنالماي يۈرىدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا خەققە كۆيۈنىدۇ، غەمخورلۇق قىلىدۇ، خەق بىلەن ھەمكارلىشىشنى، ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغان لىللا ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلار ئۇسسۇل - تانسا ئويناش، چۆمۈلۈشكە ئوخشاش سىرتقى پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆز يولدىشى ۋە بالىلىرىنىڭ قەدىردانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى خەقنىڭ ئىشىغا ئوشۇقچە چېپىلىۋالمايدىغانلىقىدىن ھەم خەقنىڭمۇ ئۆز سۆزىنى قويماي دەۋېلىشىغا يول قويىدىغانلىقىدىن بولىدۇ.
ئىت يىللىق ئايال ياد ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندا، مۇلايىمراق كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر بىلەن بولىدىغان دوستلۇقىنى ئاستا - ئاستا چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىت يىللىق ئايال بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارسىڭىزمۇ، چاي - پاي ئىچكەچ مۇڭداشسىڭىزمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن قوشۇن ئۆيىڭىزگە مېھمانغا چاقىرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ نورمال ئالاقىلىشىپ يۈرۈش داۋامىدا چۈشىنىش ئاستا - ئاستا چوڭقۇرلىشىپ، ۋەدە، ئارزۇ - ھەۋەسلەر ئوخشاش چىقىش جەريانىدا ئوبدان چىقىشىپ دوستلىشىپ قالغىلى بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىت يىللىق ئايال ياد ئادەمدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغان بولغاچقا، مۇناسىۋەتتە ھەرگىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئاستا - ئاستا ئىش كۆرگەن ياخشى. ئىت يىللىق ئايالنى ئۆزىڭىزگە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭ سىرداش دوستى بولۇپ قالىدىغانلا بولسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا كېيىنچە يا گادايلىشىپ كېتىڭ، يا بېيىپ كېتىڭ، ئۇنداق ئايال دوستىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۆز دوستىغا ئۇلاردىنمۇ بەك سەمىمىي - سادىق ئاياللار ئاز ئۇچرايدۇ.
ئىت يىللىق ئەرلەرنىڭ تولىسى تولۇق زېھىنلىك كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارغىمۇ دۇچ كەلگەندىمۇ ياكى شۇنداق پەيتكە توغرا كەلگەندىمۇ، شۇ ئىشتا ياكى شۇ پەيتتە ئەقىل كۆرسىتىدىغان ئادەمگە ئۆز تەكلىپى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىت يىللىقلار ئۆز مەرتىۋىسىنى يۇقىرى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن يېتىدىغان خەۋپكە ھامان كۆز يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ خەقتىن ئېشىپ كېتىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. بۇنى خەق <ئۆزلۈكىدىن ئىنتىلىش ئېڭى كەمچىل> دەپ خاتا چۈشىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاتتىق پىنھان تۇتۇپ، خەق تاپشۇرغان خزمەتنى سەمىمىي - سادىقلىق بىلەن ئىشلەۋېرىدۇ. مۇبادا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكىلا ئىش بولۇپ قالسا، ئۇلار خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ. ئىت يىللىق ئەرلەردە سەۋر - تاقەت چەكلىك بولىدۇ. بۇ - ئۇلاردىكى كەمچىلىك. ھېسسىيات جەھەتتە، لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان مۇھەببەت ئوتىغا ئات يىللىق، يولۋاس يىللىق ئادەملەردەك ئۆزىنى ئۇرمايدۇ. ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئۆز ئىچىدە بىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئىت يىللىق ئەر خۇسۇسەن خەققە ئاسان ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئىشىنىپلا قالسا، سەمىمىي - ساداقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق ئىشەنچ ئۇنى شۇ دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇكى، ئەگەر شۇ ئىت يىللىق ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزگە بېرىدىغان قاتتىق زەربىسىنىڭ تەمىنى شۇ چاغدا تېتىيسىز.
ئىت يىلى كېچىدە تۇغۇلغان ئادەم ئىت يىلى كۈندۈزى تۇغۇلغان ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك جېدەلخور كېلىدۇ. خەق بىلەن ئاسانلا جېدەللىشىپ قالىدۇ. ئىت يىلىنىڭ قايسىلا پەسلىدە تۇغۇلغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى خېلى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، كىيىم - كېچەك ۋە ئوزۇق - تۈلۈكتىن ئۆمۈر بويى غەم يېمەيدۇ.
قىسقىسى، ئىت يىللىقلار ئارىلىشىپ يۈرۈشكە بولىدىغان دوست ھېسابلىنىدۇ، سەمىمىي - سادىق ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايلىكى، ئىت يىللىقلار توخۇ يىللىق ئادەمنىڭ مىجەزىنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەچكە، شۇنداق كىشىلەر بىلەن تولاراق ئېيتىشىپ قالىدۇ، بېلىق يىللىقلارغا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئات يىللىق، يىلان يىللىق، مايمۇن يىللىق، توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك ئىت يىللىق ئىككىنچى بىر ئادەم بىلەن ئازارلىشىپ تۇرغىنى بىلەن، ئۇنداق ئىشلار كارى چاغلىق سۈركىلىش بولۇپ، تۈپ مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ياخشى مىجەزىڭىزنى ئۆمۈر بويى تاشلىماي، خاراكتېر جەھەتتىكى ئاجىزلىقىڭىزنى ۋە كۆز قاراش جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلىق تۈگىتىشىڭىزگە تىلەكداشمىز. يورۇق ۋە ھاياتىي كۈچ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا سىزدەك ئىشەنچىلىك ۋە سەمىمىي - سادىق دوستقا قۇچاق ئاچىدۇ.
ئىت يىلى تۇغۇلغانلار ئىنتايىن ساغلام كۆرۈنىدۇ، بولۇپمۇ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولغاچقا، كىشىگە ئۆمۈر بويى ساغلام، بەجەس تۇرىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇلار كالا يىللىقلاردىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئېھتىمال، قالتىس سەزگۈر، ھە دېسىلا دوختۇرخانىغا قاترايدىغان توخۇ يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.
روھىي جەھەتتە جۇشقۇن كۆرۈنگىنى بىلەن، سالامەتلىكى ئاشۇنداق بولغاچقا بەزى كۈتۈلمىگەن ئۇششاق كېسەللىكلەر قوزغىلىپلا قالسا، سالامەتلىكىگە خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئاشۇنداق بولىدۇ. ئادەتتە ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا قالتىس ساغلام كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەكسىچە بۇ خىل چىداملىقلىق ئورگانىزمدا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە ئۇلار يېمەكلىكلەرنى تاللايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ئورگانىزمغا تەكشى يېتىپ بارالمايدۇ. دېمەك، مانا بۇ ئۇلار ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىشقا باشلىغان چاغلاردا بەدەنگە يوشۇرۇن بالايىئاپەت تېپىپ بېرىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار گۆشلۈك يېمەكلىلەرگە بەكرەك ئامراق بولىدۇ. بۇ ھال تەندە خولېستېرىن ۋە ماي يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك قان تومۇرلىرى سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ياش ۋاقتىدا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا كېسەللىك پەيدا بولۇپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىسا بولىدۇ. ياز پەسلىدە تارقىلىدىغان قانلىق تولغاق ۋە چۇماغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئۆز ۋاقتىدا مۇداپىئە كۆرۈپ تۇرۇش لازىم. نەپەس يولىدا كۆرۈلىدىغان زۇكام خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەر ئۇلارغا ئاسان چېقىلالمايدۇ. شۇنى ئىزھارلاپ ئۆتۈش لازىمكى، ئىچكى ئەزالاردا كۆرۈلگەن كېسەللىك ھەرگىز ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ئەسلىدىكى ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولغان ئەمەس؛ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ دېگەندەك ياخشى بولماسلىقى، تولاراق يېمەك - ئىچمەكتە قانۇنىيەتكە دىققەت قىلماسلىقتىن بولىدۇ.
ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىل خىزمەتلەر ئالدىراش بولىدىغان، روھىي جەھەتتىن بېسىم كۈچىيىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىجەزدە ئۆزگىرىش بولىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە نېرۋا ئاجىزلىشىدىغان، باش ئاغرىيدىغان، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىدىغان، ئېغىرراق بولغاندا ئەسەبىيلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىدا رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان ئادەملەرمۇ بولىدۇ.
ئۇلار خىزمەتنى تولۇق پۈتتۈرۈپ ئىشلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بەك چارچاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە قەتئىي دىققەت قىلىشى كېرەك. دېمەك، گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، ئۆزىگە بەك تەمەننا قويۇپ كەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى جان دېگەن تۆمۈر ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىجەزى چۇسراق ئادەم ئادەتتە كەمسۆز بولغىنى بىلەن، گەپ - سۆزگە بېرىدىغان ۋاقتىنى كۆپرەك ھەرىكىتىگە سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنداق ئادەملەر خەق بىلەن دېيىشىپلا قالسا، مۇشت - پەشۋالىرى شۇ ھامان ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر سىرتتا بولۇپ قالغان چاغلاردا تولاراق ماشىنا ھادىسىسىدىن ۋە ئويلىمىغان يەردىن پۇتلىشىپ كېتىش، سوقۇلۇپ كېتىش ياكى يىقىلىپ كېتىش تۈپەيلىدىن يېتىدىغان زەخمەتتىن ساقلانمىقى لازىم.
ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -دوستلۇق بولمايدۇ، ئىت يىللىقلار چاشقان يىللىقلارنىڭ ئارزۇ - ھەۋىسى ۋە مىجەزىنى ھامان كونا ئەدەب - قائىدىلەرگە لايىق دەپ قارايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -مىجەزى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئاسان دوست بولۇپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ دوستلۇقىمۇ يۈزەكى دوستلۇق بولىدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ماسلىشىش جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن خىزمەتداشلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلار ھەقىقىي قەدىناس دوستلاردىندۇر. دۇرۇس، بۇ يەردە گەپ ئالتۇن - كۈمۈش، مال - دۇنيا ئۈستىدە بارمايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار دوستلىشالايدۇ، گەرچە توشقان يىللىقلار ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىت يىللىقلارغا كۆپرەك ياردەمدە بولالمىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش پوزىتسىيىسى بولىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - بۇلار ئانچە دوستلىشىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى رېئال ئىت يىللىقلار خىيالپەرەس بېلىق يىللىقلارنى ھامان ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دوستلاردىن بولالماي، پەقەت ھۇزۇر - ھالاۋەتتىلا بىللە بولىدىغان ۋە ئامان - ئېسەنلىك سورىشىش يۈزىسىدىنلا سالام - سائەت قىلىشىدىغان دوستلاردىندۇر.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەر ئىككەيلەن رېئالىستىك تۈس ئالغان بولۇپ، پىكرى بىر يەردىنلا چىقىپ قالسا، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئاسان دوست بولالمايدۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز كۈشەندىسىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە زادىلا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق مايمۇن يىللىقلار ئاسان ئادەم يارىتىدىغانلاردىن ئەمەس.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - تىرىشچان دوستلاردىن بولغىنى بىلەن، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەك كۆڭۈللۈك بولمايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - تىرىشچان دوستلاردىن بولغىنى بىلەن، ئوتتۇرىسىدىكى ئۇششاق سۈركىلىشلەر تۈپەيلىدىن مۇناسىۋىتى بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولۇپ كەتمەيدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - قەدىردان دوستلاردىن بولالايدۇ، توڭگۇز يىللىقلار ئىت يىللىقلارنىڭ تەشۋىشىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ، ئۇلارغا قالتىس ياردەم بېرىدۇ.
ئۆمۈرلۈك تەلەي يۈزىسىدىن ئېيتقاندا، ئادەم ياش چېغىدا باشقىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەيدۇ، كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىسىدا ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بىراق، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇش بىلەن باشقۇرۇش جەھەتتە ۋەزىپىنىڭ يۈكلىنىشىگە ئەگىشىپ، جانلىق ئىجرا قىلىشنى بىلمەسلىك، ئىجرا قىلىش ۋە كەسكىن تەدبىر كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئىلگىرىلىيەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز تەشكىل ئىچىدە جۇشقۇن بولۇپ، تولۇق ياردەمچىلىك رولىنى تۇتسىڭىزلا، ئاقىللىق قىلغان بولىسىز. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ياردەمچى رولنى ئالغانلارغا ئېھتىمال باش رول ئالغانلارغا بېرىلگەن باھادىنمۇ يۇقىرى باھا بېرىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، باش رول ئالالمىغان تەقدىردىمۇ، مەيۈسلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر زادى بىر نام چىقىراي دېگەن ئويدا بولسىڭىز، ئالدى بىلەن كەڭ قورساقلىق قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا بالدۇرراق بىرەر مۇنەۋۋەر يېتەكچى تېپىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆزلەشتۈرەي دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كەسىپ جەھەتتە، سىزگە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى خالىس خادىملارغا ئوخشاش جانپىدالىق، تۆھپىكارلىق روھى بويىچە ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغان كەسىپلەردىن باشقا، يەنە خەققە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ۋە خەقنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولىدىغان ھۆسىن تۈزەش، ساتىراشلىق، دوختۇرلۇققا ئوخشاش كەسىپلەر قالتىس مۇۋاپىق كېلىدۇ.
<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق
تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن
ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق
قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى
يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت
قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ئانچە كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىت يىللىقلار رېئالنى بولغان بىلەن، چاشقان يىللىقلارغا
قارىغاندا غايىۋىراق كېلىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - مىجەزىدە پەرق چوڭراق بولغاچقا، ھەمكارلىشىشمۇ تەسكە چۈشىدۇ. ئىش نوقۇل بۇ ئىككەيلەننىڭ
ماسلىشىشى بىلەنلا پۈتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تاكتىكىسىدىمۇ ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ھەرقانداق ئىشتا ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق مال - مۈلۈك تەقسىماتىدا بىرلىككە كېلەلمەيدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - توشقان يىللىقلار ئەقىللىق ھەم ئوبيېكتىپ كېلىدۇ، ئىت يىللىقلارغا ياردەم بېرىدۇ، ئىت
يىللىقلار توشقان يىللىقلارغا ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ، بۇلار خېلى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشالايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئۇزاققىچە ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، بېلىق يىللىقلارنىڭ بىر مۇنچە ئىشلىرى ئىت يىللىقلارغا
ياقمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بېلىق يىللىقلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئازار يېتىپ بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلىشىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. لېكىن بەك زور ئىشەنچ قىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى
<تاشنى تاياققا تاڭغان> غا ئوخشاش زورىغا بولىدىغان ئىشلار بىلەن بەزىدە بىر - بىرىنىڭ كەم يېرىنى تولۇقلىغىلى بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تازا
كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەرھالدا كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىدۇ، ئىشتا ئادىل كېلىدۇ، ھامان با
مەسلىھەت ئىش كۆرىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئاسان ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئىت يىللىقلار ئۆزىنى ھەر دائىم قىلىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ
مۇھىم ئىشى بادەكلا ھېس قىلىدۇ، قوي يىللىقلار بولسا ئىت يىللىقلارغا سەنئەتكارلارنىڭ نەزەرى بويىچە باھا بېرىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق مايمۇن يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن ئېھتىيات قىلىپلا يۈرىدۇ، ئىت
يىللىقلار بولسا مايمۇن يىللىقلارنىڭ بەلگىلىمىدىن سىرت نەپ ئېلىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بەك كۆڭۈللۈك ئۆتەلمەيدۇ. توخۇ يىللىقلار ئىت يىللىقلاردىن ئېھتىيات قىلىپلا يۈرىدۇ. بۇلار
ھەمكارلاشقان، ئۆزئارا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە بىر - بىرىنى ھامان ھەقىقىي دوست قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - تاسادىپىي بولۇپ قالىدىغان پەۋقۇلئاددە تىجارەت ئىشلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە قىزىقمايدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارەتنى ئانچە قاملاشتۇرالمىغاچقا، بۇلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغان چاغلىرى كۆپ بولىدۇ.
△ ئىت يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، بىراق توڭگۇز يىللىقلار بۇنىڭغا ھەم رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەم ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ
خالىمايدۇ. چۈنكى، ئىت يىللىقلار بەك سېخىيلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىگە ئازدۇر - كۆپتۇر خاپىلىق تېپىۋالىدۇ.
ئىت يىللىقلار ئۆمۈر بويى تىنچ ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىق مەزگىلى تەشۋىش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ، ياشلىق دەۋرىدە ئېھتىمال مۇئەييەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا، قىيىنچىلىقلارغا خاتىرجەمدەك ئۆتكىنى بىلەن، بىكارچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتى ھەرگىز كۆپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە نىسبەتەن خاتىرجەم ئۆتكىنى بىلەن، ئۆزىگە يەنىلا تازا كۆڭۈللۈك ئۆتمەيۋاتقاندەكلا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ئىنتايىن كۆپتەكلا بىلىنىدۇ ۋە ئىلگىرىكى ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆكۈنۈپلا يۈرىدۇ. بىراق، ئۆزى خەققە بىر ئۆمۈر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ئۆتكىنى ئۈچۈن، يار - بۇرادەرلىرىمۇ ئۇلارغا ھەر ھالدا خەيرخاھلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
دۇرۇس، كۈندۈزى تۇغۇلغان ئىت يىللىقلار نىسبەتەن خاتىرجەم ۋە شاد - خۇرام كېلىدۇ ھەم ئاسانلا شۈكۈر - قانائەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئېھتىمال مۇھىتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىنسان ھاياتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك!
گەرچە ئۇلارنى بەك ئامەتلىك دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مال - دۇنيالىق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا، تىرىكچىلىكتە ئۆزئارا داد - مۇئامىلە قىلىشىپ ئۆتىدىغان دوست - يارەنلىرى بولىدۇ، ئۇلارغا ئالدىراپلا قوشۇلۇپ كەتمەي، ئېھتىيات قىلىش، ئېھتىيات قىلىشنى ئەلا بىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلۈكىدىن ئاگاھ بولۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىلىش كېرەككى، تىرىكچىلىكتە چىن دوست بولمايدۇ.
ئىت يىللىقلار پۇلنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇلغا بىپەرۋالىق قىلمايدۇ ۋە پۇلنى تېخىمۇ زايە قىلمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، ئىت يىللىقلارنىڭ ئىچىدە پاك، قەدىر - ئەھۋال كۈن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپتەك تۇرىدۇ.
بىراق، ئۇلار ئادىمەتچىلىكى كۈچلۈك، ئىنساپ - تۆۋپىقلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئۈچىنچى بىر ئادەمنىڭ كاشىلىسىغا كېتىدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن يىل بويى يىغقانلىرىدىن بىر يولىلا ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىرەر كىم پۇل بېرىپ تۇر دېسە، ئويلىنىپراق ئىش قىلغىنى تۈزۈك.
ئۇلار ئۆز غورۇرىنى دەپ بولسىمۇ خەقتىن پۇل سورىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەمىشە بۇرۇتىنى پىلىكتە مايلاپ پولو يېدىم دېگەندەك ئىش قىلىدۇ. شۇڭا، يېڭىلگەننىڭ ئۈستىگە پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالسا، قايتىدىن باش كۆتۈرۈش تەسكە چۈشىدۇ. شۇ نەرسىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قويۇق ھەققانىيەت تۈسىنى ئالغان شەرق مەدەنىيىتى بارغانسېرى سۇسلىشىپ، غەربچە مەدەنىيەت ئىدىيىسى خەققە سىڭىۋاتىدۇ. بۇ <خۇدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى بىلىدىغان ئادەمنىلا قۇتقۇزىدۇ> دېگەن گەپ. شۇڭا، خەققە ياردەم بېرەلمىدىم، دەپ ئۆكۈنۈشنىڭ ياكى بۇنىڭدىن ئىزتىراپ چېكىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.
مۇھەببەت - ئەر - ئايال ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئورتاق نەرسە. بىرەرىنى ياخشى كۆرگەنىكەنسەن، شۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈشۈڭ كېرەك. ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۆچ بولۇپ كېتىش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار مۇھەببەتنىڭ <مەستانە> لىك مەزگىلىگە بارماي تۇرۇپ، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپلا قالسا، شۇ ھامان مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ. ئىت يىللىق قىزلارنىڭ تولىسى ئەركە، بەڭباش، ئىشق - مۇھەببەتكە زېرەك كېلىدۇ، مۇھەببەتكە تۈزلا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار تولىمۇ مەسۇم بولغاچقا، تولىسى ئۇدۇل كەلگىنىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن چاققانراق توي قىلىشنى ئويلايدۇ.
لېكىن، شۇ قىز توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئۆيىدە تىنچقىنا ئولتۇرالمايدىغانلاردىن بولۇپ قالسا، بۇنداقلارنىڭ تولىسى توي قىلغۇچە شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەلەي - پېشانىسىگە دائىر ئومۇمىي ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى ئاياللارنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەزىگە ماسلىشىدىغان ئەرنىڭ زادى كىم بولۇشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئىت يىللىق ئاياللارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى دولقۇنسىمانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھېسسىياتى بىر ئاز ئەسەبىي تۈس ئالىدۇ. لېكىن،
بىرەرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، چىن دىلىدىن ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئادەتتىكى مۇناسىۋەتتە بولغان تەقدىردىمۇ، خەقنى ئەخمەق
قىلىدىغان ئويدا بولمايدۇ. ئۆزىنى قالتىس سەمىمىي ھېسابلاپ، خەق بىلەن توي قىلىشنىلا شەرت قىلىپ مۇئامىلە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار توي
قىلغاندىن كېيىن ئۆيدە تۇرالمايدىغانلاردىن بولۇپ، سىرتلارغا خىزمەتكە ماڭغاندا، ئائىلە خىراجىتىنى تولۇقلاپ قويۇشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىككىنچى
تەرەپ بۇنى چۈشىنەمدۇ، يوق - يەنى ئىككىنچى تەرەپ سىزنىڭ سىرتقا خىزمەتكە بېرىشىڭىزغا يول قويامدۇ، يوق - مانا بۇ توي قىلىشتا ئەڭ
كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ ئوبيېكتىغا ئىگە بولۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نىكاھىي قىسمەتتىكى يۇقىرىقى شەرتلەرگە توغرا كېلىدىغانلاردىن زادى كىم؟
☆ چاشقان يىللىقلار
ئالدى بىلەن چاشقان يىللىق ئەرلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. چۈنكى سىز ئىت يىللىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شادلىقىڭىزمۇ، قايغۇڭىزمۇ
ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئادەمسىز. شۇڭا، سىزدەك ھېسسىياتى دولقۇنسىمان كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش،
خۇشاللىقىڭىزمۇ ۋە غەم - قايغۇڭىزغىمۇ تەڭ شېرىك بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھالىنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان ئىش، يەنى ئېھتىياتچان بولۇش،
ئالدى - كەينىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، زىل بولۇش ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولۇش دېگەنگە ئوخشاش ئارتۇقچىلىقلار بولمىسا بولمايدۇ.
بولمىسا خۇشاللىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، چاشقان يىللىقلار ئەنە شۇ شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان ئادەمدۇر.
لېكىن، بۇ ھالدا، سىزدە چاشقان يىللىقلارنى كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئىككىنچى تەرەپ بىر ئەر كىشىدۇر، سىزنىڭ
ئېرىڭىزدۇر. شۇڭا سىز كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك.
☆ كالا يىللىقلار، يولۋاس يىللىقلار ۋە بېلىق يىللىقلار
سىزگە ئوخشاش ئىت يىللىقلار ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ يۈرىدۇ. چۈنكى، ئىچىڭىزنى تەشۋىشكە ئوخشاش بىر نەرسە غاجىلاپلا تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ
ئېيتقاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە تەسكىن بېرەلەيدىغان بىرەر ھەمراھ بولسىلا، ئەنسىلىكىڭىز شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ
خىل مۈچەلدىكى ئادەملەر قالتىس كەڭ قورساق ئادەملەر بولغاچقا، ئۇلار ئۇششاق ئىشلارغا يېپىشىۋالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كەڭ
قورساقلاردىن بولغاچقا، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا مەردلىك بىلەن يول قويىدۇ.
بولۇپمۇ يولۋاس يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئادەمنى قىلالمايدىغان ئىشقا زورلاپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا
ئۇلار ئەر دوستلۇققا نالايىق كىشىلەردۇر. لېكىن، ئۇلار سىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىڭىزغا قاراپ، سىزگە ئىللىق
مۇئامىلە قىلىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلارنى پىشانىگە پۈتۈلگەن كۆڭۈلدىكىدەك لايىق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كالا يىللىق
كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولغىنى بىلەن، ئۆز ئۆيىگە، ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنۈش جەھەتتە ئۇلاردىن زادىلا قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ.