توخۇ يىللىقلار
مۆچەل
ماسلىشىشچان، مۇتەئەسسىپ، جانكۆيەر، چىرايلىق، سەمىمىي، يۇمۇرىستىك.
ھاكاۋۋۇر، ماختانچاق، ئابرويپەرەس، بەك سۈرلۈك، قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ.
توخۇ يىللىقلار 12 مۈچەل ئىچىدە <خىيالچان، ئادالەتپەرۋەر روھىي غالىبىيەتچى> كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئالەمنىڭ نىجاتكارى <قورقۇمسىز ئەزىمەت> دەپ ھېسابلايدۇ. كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، <توخۇ يىللىق> لارنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇلار قارىماققا ئۆزىنى ئىلغار، پەۋقۇلئاددە ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلار ماھىيىتىدىن مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، كونا ئۇدۇملارغا ئېسىلىۋالىدۇ.
توخۇ يىللىقلارنىڭ تەقى - تۇرقى ناھايىتى قاملاشقان بولۇپ، ئادەمنى جەلىب قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەر قامەتلىك ۋە بەرجەس كېلىدۇ. ئۇلار ھامان ئۆزىنىڭ چىراي - تۇرقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار كېلىدۇ، كىشىلەر ئالدىدا سۆرەلمە پالاسلىق قىلمايدۇ. ئۇلار ھەمىشە قەددىنى تىك تۇتۇپ، رۇس ۋە قەدىر - قىممىتى بىلەن يۈرىدۇ. گەرچە بۇ يىلى تۇغۇلغان ئەڭ تارتىنچاق كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، باشقىلار ئالدىدا چاققان، چېچەن قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ.
توخۇ يىللىقلارنىڭ مىجەزى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇرۇق ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ، ئاچچىقى يامان بولىدۇ. يەنە بىر خىلدىكىلەر ناھايىتى ئىدىتلىق بولۇپ، باشقىلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر كېلىدۇ. بۇ خىل ئىككى بىسلىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش تەسكە چۈشىدۇ. توخۇ يىللىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ نۇغۇن يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتىدۇ. ئۇلار چېچەن، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، ئىشنى قەتئىي، ئەستايىدىل، كەسكىن بېجىرىدۇ، كىشىگە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. قەبىھ قىلمىشلارنى دادىللىق بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا پاش قىلىپ، قاتتىق تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بەزى يېتەسىزلىكىنىمۇ ئەكېلىدۇ. ئۇلار باشقىلار بىلەن جاڭجالىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆپ ئوقۇغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كويىدا بولىدىيۇ، باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىغا پىسەنت قىلمايدۇ. يېڭىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى - ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ھەر بىر ئادەمگە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆز تەرىپىگە ئۆتىدىغان قىلىشتۇر.
توخۇ يىللىقلار ئالاھىدە ئورۇنداش ماھارىتىگە ئىگە بولۇپ، پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى مەركىزىي شەخس ھەمىشە شۇلار بولۇپ چىقىدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئاشۇنداق شانۇ شەۋكەتلەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتى ئاممىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدۇ.
ئۇلارنىڭ شادىمان كەيپىياتى ۋە چەبدەسلىكى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى ۋە ئۇتۇقلىرىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان ھەر بىر پۇرسەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان قىلىدۇ. ئۇلار نۇتۇق سۆزلەش ۋە ماقالە يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇلار ئۆز پىكرىنى ھەر قانداق تېمىدا بايان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. ئۇلار بىلەن مەلۇم بىر تېمىدا مۇنازىرىلەشمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم يېڭىلىپ قالىسىز.
توخۇ يىللىقلار پاسسىپ ھالەتتە تۇرغان چاغدىمۇ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ ئىشىنىدۇ. ئۆز ئارتۇقچىلىقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەر قانداق كەمچىلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقىدىغان بولساق، شۇنى بىلىمىزكى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆز كۆڭلىنى ياساشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆز پىكرىنى باشقىلارغا تېڭىشنىمۇ ئويلىمايدۇ. لېكىن، ئۇلار قۇرۇقتىن - قۇرۇق دوق قىلىشنى خالايدۇ. شۇڭا ئۆزىنى ھەقىقىي بىلمەيدۇ، ماختانچاقلىقنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.
توخۇ يىللىقلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىدە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئىنچىكە ھېساب قىلىپ، كىرىم بىلەن چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار پۇل ساندۇقىنى بەك چىڭ باشقۇرىدۇ، قىلماقچى بولىدىغان ئىشلارنى تولۇق ھېسابقا ئالىدۇ، ۋاقتىنىمۇ بەك قەدىرلەيدۇ. توخۇ يىللىق بالىلارمۇ <خوجىلىق باشقۇرۇش> ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار بىر پۇڭلۇق تەڭگە پۇلنىمۇ بىر - بىرلەپ يىغىپ ئۆزىنىڭ <كىچىك بانكىسى> نى تولۇقلايدۇ، ھەتتا ئۆزىگە قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇششاق بالىلاردىنمۇ ئۆسۈم ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
بەتخەجلىك ئىللىتىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولساڭلار، پۇلۇڭلارنى توخۇ يىللىقلارنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە بەرسەڭلار بولىدۇ. ئۇلار سىلەرگە ياردەملىشىپ، بىر ئوبدان چىقىم خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ بېرىدۇ، زۆرۈر بولمىغان خەج - خىراجەتنى چەكلەيدۇ.
ئۇلارغا ئوخشاش چىۋەر ئىگىلىك باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كونترول قىلىشى بىلەن خالىغانچە تاشلىۋېتىلىدىغان پۇلنىڭ مۇۋاپىق ئىلشىتىلىش ئورنىمۇ چىقىدۇ. كىرىمىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ. تۇرمۇش ئىستىقبالىڭىزمۇ ئوچۇق بولىدۇ. ئىقتىسادىي مېڭىگە ئىگە توخۇ يىللىقلار سىزگە ھامىيلىق قىلىۋاتقان يەردە، ھېلىقىدەك قەرز ئىگىلىرى كۈن بويى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىگىلىكىڭىزنىڭ نىجاتكارى بولمىش توخۇ يىللىق ئاشۇ كىشىلەر بولمىسا، ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز.
شۇنىسى ئايانكى، بۇ مەسىلىدە سىزنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم - چىقىم ھەددىدىن زىيادەچىڭ كونترول قىلىپ كەتتى، ھەتتا قىل چاغلىق نەرسىمۇ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ دېگەن ئويغا كېلىپ قېلىشىڭىز تۇرغان گەپ. لېكىن، شۇنى بىلىش كېرەككى، سىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسىمۇ، مۇقىم شۇنداق بولۇشى ناتايىن. ئازراق زىيان تارتقان چېغىمىزدا ئەس - ھوشىمىزنى يوقىتىپ قويماي، ئىقتىساد باشقۇرغۇچىلىرىمىز بىلەن سوغۇققانلىق بىلەن كېڭىشىپ، ئۇلارنڭى پۇختا يېتەكچىلىكىگە بويسۇنىشىمىز كېرەك.
بۇ مەسىلىگە كەڭرەك مەندىن قارىغاندا، ئۇلار سىزنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، سىزدىن <ئىلگىرى كېلەي دەمسىز ياكى تۈگىشىپ كېتەي دەمسىز؟> دەپ سورايدۇ. بۇ سۆز سىزنى ئۆز خاتالىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىدىغان قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پەيدىنپەي ياخشىلىنىپ بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزى سىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توخۇ يىللىقلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرمىسىڭىزمۇ، لېكىن تۇرمۇشىڭىز ئۇلاردىن ئايرىلمايدۇ. دېمەك ئۇلار بار يەردە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلمايسىز.
توخۇ يىللىقلار ئائىلە باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. يەنە كېلىپ قىيىن مەسىلە ۋە قىيىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلاھات خاراكتېرىنى ئالغان بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە ئۈمىد باغلىماسلىق كېرەك. ئۇلار ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئىشنىلا ئوبدان ئىشلەيدۇ، لېكىن ئىجادچانلىقى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسلاھات خاراكتېرىنى ئالغان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى تەسكە چۈشىدۇ.
توخۇ يىللىقلارنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن دەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ مۇنازىرىۋازلىقىغا چىداش كېرەك. كىشىلەر بىلەن دە - تالاش قىلىش ئۇلارنىڭ تەبىئىتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئىشمۇ ئەمەس. بۇنى قوبۇل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ يەنە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇپ، تېرىكىپ كەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، تېگىپ كەتسىلا ئېتىلىپ كېتىدىغان <مىلتىق تەپكە> سىگە ئۇرۇلۇپ كەتسە، جەزمەن بىر مەيدان <ئۇرۇش> كېلىپ چىقىدۇ. توخۇ يىللىقلار ئۆزىنى ھەر قانچە بىلىملىك كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن يەنىلا بىر خىل ئاجىزلىق چىقىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر توخۇ يىللىقلار كىشىلەرنىڭ ئۆزى بەرگەن تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇلار خىزمەتتە بەزى يېڭى پىكىزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
توخۇ يىللىقلار بەزىدە بەتخەجلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق بۇ پۇللارنى ئۆزى ئۈچۈن خەجلەيدۇ. ئۇلار كىيىم - كېچەك تاللىغاندا بەك تۈجۈپىلەپ كېتىدۇ، كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئىشخانىسىنى بەك چىرايلىق بېزەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنى پەرداز قىلىشقا ئامراق. توخۇ يىللىقلار ئۇنۋان ۋە مېداللارنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ بىرەر قېتىم مېدالغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىنى ياكى بىر خىل كەسپىي ئۇنۋانغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ناۋادا ئۇرۇش ۋاقتى بولغان تەقدىردىمۇ، بىرەر مېدالغا ئىگە بولۇشنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. ئۇلار پۇلىنى ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىگە خەجلەشتىن باشقا، يەنە سۆيگۈ - مۇھەببەت ياكى بۇرادەرلىرىگە ياخشى تەسىر بېرىش ئۈچۈن خەجلەيدۇ. ئۇلاردىن پەقەت تەكلىپ - تەۋسىيىنىلا ھەقسىز قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن، باشقا نەرسىگە بەدەلسىز ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.
توخۇ يىللىقلار ناۋادا تاڭ سۈزۈلگەندە ياكى گۇگۇم نىسپىدە تۇغۇلسا، ئۇلار چوڭ بولغاندا جاۋۇلداپلا تۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، ئۇلار قۇرۇق گەپ ساتىدۇ، تىلىنىڭ تاۋى يوق بولۇپ، گېپىنىڭ تۇتامى بولمايدۇ، كېچىدە تۇغۇلغان توخۇ يىللىقلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە سۈرلۈك بولىدۇ، كونىلىقنى ساقلايدۇ، ئالاقىگە قېرىق كېلىدۇ، كىشىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، گويا بىر كىتاب مەستانىسىدەكلا كۆرۈنىدۇ، ھەتتا مىجەز غەلىتە بولۇپ، ئۇلارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
توخۇ يىللىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشتا كۆپ قۇسۇر چىقىرىدىغان، مۇكەممەل ۋە توققۇزى تەل بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار نەزەرىيىۋىلىكى كۈچلۈك مەسىلىلەردە ناھايىتى تۇيغۇن كېلىدۇ. ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلەنگەن تەدبىر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. قائىدە بويىچە ئىش قىلمايدىغان كىشىلەرنى چۈشەنمەيدۇ.
توخۇ يىللىقلارنىڭ يەنە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارغا قولدىن كېلىشىچە تولۇق ياردەم بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ئۇلارنى ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
توخۇ يىلىقلارنى تېنى بەك ئاجىز دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى بەك ساغلام دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. گەرچە ھاياتىڭىزدىكى پايدىلىق پۇرسەتلەر ھەمىشە چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ياندىشىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن تەن سالامەتلىكىڭىز ئۇنداق بولمايدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئادەتتىكىچە بولىدۇ. كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە ئېغىر كېسەللىكمۇ بولمايدۇ، لېكىن ئۇششاق كېسەللىكلەردىن خالىي بولماق تەس.
بۇ ئۇششاق كېسەللىكلەرگە ھەرگىز سەل قارىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، توخۇ يىللىقلارنىڭ تۇغما تەن ساپاسى بەك ياخشىمۇ ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مىجەز ئامىلى ۋە بەزى ناچار ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوشقانزا، ئۇششاق كېسەللىك ئېغىر كېسەللىككە ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئالايلۇق، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە، سىزنىڭ تەم سەزگۈڭىز بەك ئۆتكۈر، يەنە كېلىپ، يېمەكلىكلەرنى ياخشى - يامان دەپ ئايرىش قارىشىڭىز بەك كۈچلۈك بولغاچقا، دىتىڭىزغا ياقىدىغان نەرسىلەردىنمۇ قۇسۇر چىقىرىسىز.
بۇنى قۇسۇر ئىزدەش دېگەندىن كۆرە، يېمەكلىككە بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ تەسىرى دېگەن تۈزۈك. سىز يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىدىكى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەرنىمۇ سېزىۋالالايسىز، شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇق بولۇشىغىمۇ بەك ئېتىبار بېرىسىز. خۇشلۇقىڭىز تۇتقاندا ئاچ بۆرىدەك يەيسىز، بولمىسا ئانچە - مۇنچە يەپ قويىسىز، ھەتتا يېمەيمۇ قويىسىز. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇ ھال ھەزىم قىلىش ۋە ئاشقازان - ئۈچەي سىستېمىلىرىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ - دە، سىڭمەسلىك، ئاشقازان كېسەللىكى، ئۈچەي كېسەللىكىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
دېمەك، تېنىم ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، مۇشۇ ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ، قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرىدىغان تاۋىنازۇكلۇقىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك.
ئۆزىڭىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي جەھەتلەردىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى سەزگەن بولسىڭىز، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇنى ناچار يېيىش - ئىچىش ئادىتى ۋە يېمەكلىك سۈپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ، بەزىدە ئۇ ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. كېسەللىك سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش لازىملىقىنى ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىككە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىڭىز بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. تېمپېراتۇرا جەھەتتە سەل - پەل ئۆزگىرىپ قالسا، زۇكامداپ قالىسىز. شۇنىڭ بىلەن تەڭ زۇكام ئېغىرلىشىپ، نەپەسلىنىش ئورگانلىرىدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىز ئەسلىدىنلا ھەرىكەت قىلىشقا قېرىق كېلىسىز. ئەپتىڭىزدىن ھەرىكەت نامراتلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى شۇكى، گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇڭ ياكى تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەۋەس ۋە ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈڭ.
سىز يەنە زىيادە چارچايسىز ۋە جىددىيلىشىسىز، كۆزىڭىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئادەتتە توخۇ يىللىقلار كۆز كېسەللىكلىرىگە كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا تۇرمۇش جەھەتتە يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭىز، بولۇپمۇ ئىچەرمەنلىكتىن ئۆزىڭىزنى قاتتىق تۇتۇۋېلىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە ھېسسىيات جەھەتتە نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلارنى تېپىۋالىسىز. لېكىن ئۆزىڭىز كۆپرەك دىققەت قىلىپ بەرسىڭىز، تەن سالامەتلىكىڭىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا سەل قارىسىڭىز، بىر نېمە دېمەك تەسكە چۈشىدۇ.
ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ئادەتتىكىچە دوست بولۇپ ئۆتىدۇ. ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە - مېھماندارچىلىققا ئوخشاش ئىشلارنى ئەپلەشتۈرەلەيدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مىجەز - خۇلق، ئارزۇ - ھەۋەس جەھەتتىكى پەرقى بەك چوڭ بولغاچقا، چوڭقۇر ئالاقىلەشكەندە، توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشى تەسكەن چۈشىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - جان دوستلار، ئۇلار بىر - بىرىگە ئىشىنىدۇ، دوستنى دەپ شەخسىي مەنپەئىتىدىن كېچەلەيدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ئۆز ئارا دوست بولۇپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ دوست بولۇش ئىمكانىيىتى يوق.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئۇلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككى تەرەپ مىجەز جەھەتتە بەك پەرقلىنىدۇ، تونۇشۇشمۇ ئوڭاي ئەمەس، توشقان يىللىقلار توخۇ يىللىقلارنى بەك كۆزگە ئىلمايدۇ، چۈنكى توخۇ يىللىقلار ئۆزىنى ئۆزى ماختاشقا ئامراق كېلىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئىناق ئۆتەلەيدۇ، بىراق بەك چوڭقۇر دوستلۇقمۇ ئورنىتالمايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتالايدۇ، بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدۇ، بىر - بىرىگە ئىچ گېپىنى دېيىشىدۇ، بىرگە بولغاندا قىلىشىدىغان سۆزلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - يۈزەكى دوست بولۇپ ئۆتىدۇ. چوڭقۇر دوستلۇق ئاساسىي بولمايدۇ، بىراق توقۇنۇشۇپمۇ قالمايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - جان دوستلاردىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ مىجەزى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، ھەتتا بىر - بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىدا ھەمىشە توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ، بىر - بىرىگە يول قويۇشنىمۇ خالىمايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئارزۇ - ھەۋەسلىرى ئوخشاش بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا چىقىشالمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە دوست بولالايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ياخشىسى ئۇزاققىچە بىرگە تۇرماسلىقى كېرەك. سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ دوست بولۇشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ، بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدۇ. توقۇنۇش ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - دوست بولمىقى تەسكە چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا، مىجەز ئېلىشالمايدۇ، يەنى پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئالاقە جەريانىدا ھامان توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ قالغىنى دۇرۇستەك قىلىدۇ. يېقىنلىشىپمۇ، يىراقلىشىپمۇ كەتمەسلىك ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.
ئۇلارنىڭ تەقدىر قىسمىتىگە قارايدىغان بولساق توخۇ يىللىقلارنىڭ خۇشاللىق بۇرجىدىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىدە كۆپرەك تۇغۇلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ماددىي نېمەتلەرنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن غەم قىلمايدۇ، خىزمەت ۋە خەج - خىراجەت جەھەتتە قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ، بەختىيار ھايات كەچۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئامەتلىك بولسىمۇ، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلىدۇ، تاپقان - تەرگىنىنى خەجلەپ تۈگىتىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە پۇل - پۈچىكى بولمايدۇ. خىزمەتتە قىلچە بىخەستىلىك قىلماي، ئىنتايىن ئىخلاس بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمايدۇ. بانكا خىزمەتچىسى، كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى، كاتىپ بولۇپ ئىشلىسە، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. مۇندىن باشقا، كىنو، تېلىۋىزىيە، دراما ئىشلىگۈچى ياكى يازغۇچى بولسا، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان روھىي ھالىتىنى قاندۇرۇش جەھەتتىن ئالغاندا، بۇلارنى مۇۋاپىق كەسىپ دەپ ھېسابلىسا بولىدۇ.
توخۇ يىللىق ئاياللار ئەرلەرنى دەپ پەرداز قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. رەڭ سېزىمى مول بولۇپ، ياسىنىشنى بىلىدۇ، تاشقى كۆرۈنۈشى گۈزەل بولغاننىڭ ئۈستىگە گەپتان كېلىدۇ، يات جىنىسلىقلارنى جەلىب قىلىدۇ. يەنە كېللىپ ئىخلاس بىلەن ئىشلەيدۇ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدۇ، ئاياللارغا خاس كۈچلۈك مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە ئاڭلىقلىققا ئىگە بولىدۇ، ئائىلە ئىچىدىكى خىزمەت بىلەن ئائىلە سىرتىدىكى خىزمەتنى ئېنىق ئايرىيدۇ، سەمىمىي رەپىقە ۋە پەزىلەتلىك ئانا بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئېرىنىڭ لامزەللىكى ۋە ھۇرۇنلۇقىنى كەچۈرمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كېچىكىپ تۇرمۇشقا چىقىشقا مايىلراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ناۋادا ۋاقتىنچە ئوقۇرى ئۈستۈنلۈك قىلماي، ياش تۇرۇپلا تۇرمۇشقا چىقىدىغان بولسا، قارشى تەرەپنىڭ تىرىكچىلىككە ئېپى يوقلۇقىنى، ھەتتا بىر ئاقنانچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، تۇغما ھاكاۋۋۇرلۇق تەبىئىتى يەنە باش كۆتۈرۈپ، مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلىك بىلەن ئۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.
<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق
تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن
ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق
قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى
يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت
قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. ئۇلار سودا جېڭىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەيدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى زور بولمايدۇ. كۆپ ھاللاردا ئىشى كۆپ، پايدىسى ئاز بولىدۇ.
كالا يىللىقلار توخۇ يىللىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قايىل بولمايدۇ، توخۇ يىللىقلارنى بەك ھۇرۇن ھېس قىلىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ھەمكارلىشىشقا بولمايدۇ، توخۇ (يىللىقلار) ھەر جەھەتتىن يولۋاس (يىللىقلار)غا يەتمەيدۇ، شۇڭا
ھەمكارلىق تاپىلاقلاپ ھالسىراشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، مەنپەئەتتىن يولۋاس يىللىقلارلا بەھرىمەن بولىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ھەمكارلاشسىمۇ بولىدۇ، بىراق توخۇ يىللىقلار زېرەكرەك بولۇشى كېرەك. چۈنكى توشقان يىللىقلار
ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشتا باشقا غەرەزدە بولىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ھەمكارلاشسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن. لېكىن، ئىشنى بېلىق يىللىقلار باشقۇرۇشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە توخۇ يىللىقلار ئۆز كارامىتىنى تاشقىرىقى ئۆيدە كۆرسەتسە بولىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلىشىشقا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇلار گەپ قىلىشنىلا بىلىدۇ، ھەممە ئىش پاراڭلاشقان جايدىلا
قالىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار مىدىراپ بېقىشقا ئەھمىيەت بەرسە، ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، لېكىن توخۇ يىللىقلار ئۆز ئارا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى
كېرەك. چۈنكى ئات يىللىقلار توخۇ يىللىقلارنىڭ بەك ھۇرۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشقا مۇمكىن ئەمەس. توخۇ قوينى زادىلا چۈشەنمەيدۇ، قوينىڭ ئارتۇقچىلىقىنى
بايقىيالمايدۇ. قوينىڭ قابىلىيىتىنى بەك تۆۋەن چاغلايدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلاشمىغىنى تۈزۈك. چۈنكى توخۇ يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنىڭ پەلەمپىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلاشسا زادىلا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋەيران بولۇشقىلا ئېلىپ بارىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ئۆزئارا ماسلىشالمايدۇ. چۈشەنچىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا كۆڭۈلسىزلىك بىلەن
يېرىم يولدا بولدى قىلىشىدۇ.
△ توخۇ يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ. بىراق ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بولمايدۇ، پايدىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا، توخۇ يىللىقلار پۈتكۈل ئۆمۈر مۇساپىسىدا بالىلىق دەۋرىدىن قېرىلىق دەۋرىگىچە زور ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، چوڭراق ئۆزگىرىشلەرگىمۇ دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.
دەرۋەقە، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەر ئادەتتە سىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە ئۇنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز، بەزى پايدىلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز ياكى ئۆزىڭىزگە تۈگىمەس ئاۋارىگەرچىلىك تېپىۋالىسىز، ھەتتا شۇ يىقىلغىنىڭىزچە ئورنىڭىزدىن تۇرالماي، ئۆمۈر بويى پۇشايماندا قالىسىز.
بالىلىق دەۋرىدە، ھاياتىڭىز بەكمۇ تىنچ بولمايدۇ. دۇنياغا كېلىشىڭىز بىلەنلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. ئائىلىڭىزمۇ ئانچە باياشاد بولمايدۇ. ئاتا - ئانىڭىز تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتتا يىل بويى ئالدىراپ - تېنەپ يۈرۈپ، سىزگە دېگەندەك كۆپ غەمخورلۇق قىلالماسلىقى مۇمكىن. سىز يېرىم ئاچ، يېرىم توق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خۇلۇم - خوشنىلارنىڭ ئاق كۆڭۈللەرچە ياردىمىگە تايىنىپ بارا - بارا ئۆسۈپ چوڭ بولىسىز. ئومۇمەن ئالغاندا، تەقدىرىڭىز ئۇنچىۋالا يامانمۇ ئەمەس.
پۈتكۈل ھاياتىڭىز بىر قەدەر مۇشەققەت ئۆتسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاددىي دەپ چاغلاشقا بولمايدۇ. ئىشلاردا ئەمەلىيەتكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، خام خىيالغىلا بېرىلىپ كەتمىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان پۇرسىتىڭىز كۆپىيىپ قالىدۇ.
ئامەت جەھەتتە، توخۇ يىللىقلارغا خاس ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرىڭىز تۈپەيلى، يەنە كېلىپ كىچىك ۋاقتىڭىزدىلا يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۇلۇغۋار غايە تىكلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۆمۈرۋايەت ئامىتىڭىز كېلىپ تۇرىدۇ. پۇلدىن قىسىلىپ قالدىم دەپ ھېس قىلغان چېغىڭىزدا سىزنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرىدىغان كىرىم مەنبەيىڭىز سىزگە مۇقەررەر يۈزلىنىپ تۇرىدۇ.
لېكىن، سىز پۇل تاپىمەن دەپ بىراۋنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلمايسىز. گەرچە كىرىمىڭىز مۇقىم بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك يارىتىشنى ئارزۇ قىلىسىز. شۇڭا ئۆزىڭىز خالايدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان تەقدىردىمۇ، كىرىم ئاز دەپ ئازابلانماي قالمايمىز.
ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىدىن قارىغاندا تەقدىرىڭىز يامان ئەمەستۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىشمۇ سىزنىڭ تەبىئىتىڭىز، سىز ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارغىمۇ قىزىقىسىز. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەشتىن باش تارتمايسىز. دېمەك كىرىمىڭىز چىقىمىڭىزنى قاپلىيالمايدۇ. شۇنداقلا كىرىمىڭىزنىڭ كۆپىيىشىگە يارىشا، چىقىمىڭىزمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىپ بارىدۇ.
پۇلنى ئامانەت قويغاندىن كۆرە، ئاكسىيە، كۆچمەس مۈلۈك ياكى گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئايلاندۇرغان تۈزۈك. بۇ بايلىقتىن پايدىلىنىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر.
مۇھەببەت - توخۇ يىللىق ئاياللارنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى ھەققىدە توختىلىمىز. توخۇ يىللىق ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ۋالاقلاپ تۇرىدىغان مىجەزىدىن ئۇلارنىڭ تىپىك ساپ مۇھەببەت تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا رومانتىك مۇھەببەتكە مەستانە بولىدىغانلار تىپىغا كىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ھەر ھالدا تەس. ئەمما ئۇلار مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىغا كىرىش بىلەنلا يەنە كۆرەڭلەپ كېتىدۇ، ھەرگىز خالىغانچە ئىش قىلمايدۇ.
ئەرلەر ئۇلارنىڭ زىبا تەقى - تۇرقىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. ئاخىر ئۈمىدسىزلەنمەي قالمايدۇ. توخۇ يىللىق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى نىكاھتىن ئاجراشقان بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ.
يۇقىرىقىلار توخۇ يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئومۇمىي ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى مىجەزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئەرلەرنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئومۇمەن ئالغاندا، ھاكاۋۋۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن يات جىنىسلىقلار سىزنى ئۆزىگە ئاسانلىقچە راۋا كۆرمەيدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ ھاياتقا ئويۇندەك
مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بولغىنىدا دەرھال رەت قىلىشىڭىزغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئايالغا خاس مەجبۇرىيەت
تۇيغۇسىغا ۋە ئاڭلىقلىققا ئىگە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سىزنى توي ئوبيېكتى قىلىش مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
لېكىن، سىزنىڭ مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ قارىغاندا، توي ئوبيېكتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۆي ئىشىغا تولۇق قارىشىپ بېرەلەيدىغان ئەرلەردىن
باشقىلارنىڭ ھەممىسى تەلەپكە يەتمەيدۇ. تۆۋەندە يۇقىرىقى كۆز قاراشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇزاققىچە بىرگە بولالايدىغان ئوبيېكتلار ئۈستىدە توختىلىمىز.
☆ بېلىق يىللىقلار
كالا يىللىق ئەرلەر ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدۇ، ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىجەز جەھەتتىن سىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان
تەرەپلىرى كۆپرەك بولىدۇ. ئۆي ئىشىغا كۆپرەك قارىشىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كالا يىللىقلارنىڭ كۆكسى - قارنى كەڭ بولۇپ، سىزنىڭ
تىنماي جاۋۇلداپلا ۋە غودۇڭشىپلا تۇرىدىغان ئادەتلىرىڭىزگە قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار توي قىلسا، ئەر سىرتتا ئىشلەيدۇ، خوتۇنى ئۆيدە مەھكەم
تۇرۇپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن بەنت بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئائىلە قۇرۇش ئېھتىمالى خېلى چوڭ بولىدۇ.
ئادەتتە كالا يىللىقلارنىڭ تېگى - تەكتىنى تازا چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ئالدىراڭغۇ بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ھەدېسىلا ئۇلارنى ئەيىبلەپ تۇرىسىز. دېمەك،
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماجىرا تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. سىز ئېرىڭىزگە كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ نۇقتا ئەستە
چىڭ تۇتۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
☆ يولۋاس يىللىقلار
توخۇ يىللىق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سىز قامەتلىك ۋە گەۋدىلىك ئەرلەرنى ياخشى كۆرىسىز. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يولۋاس يىللىق ئەرلەر
سىزنىڭ غايىڭىزدىكىدەك تويلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، يولۋاس يىللىقلار بىلەن تويلىشىش پەۋقۇلئاددىلىك بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ. ئۆمۈرلۈك خىزمەتنى مۇقىم تاللىۋالغاندىن كېيىنلا، مۇشۇنداق جورىلاشقانلارنىڭ بەختى ئاندىن ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ. چۈنكى، يولۋاس
يىللىقلار ئۆي ئىشىغا ئانچە قارىشىپ بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىز ماسلىشىپ كېتەلىگۈدەك ئىمكانىيەتنى ھازىرلىمىغان بولسىڭىز، ئىچىڭىز پۇشۇپ
سەپرالىقىڭىز تۇتۇپ كېتىدۇ. بۇ ھالدا يولۋاس يىللىقلار سىزنىڭ تاشلىۋېتىدۇ. بۇ ئىمكانىيەتكە قانچىلىك دەرىجىدە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزگە توغرا
ھۆكۈم قىلالىسىڭىز، ئاندىن يولۋاس يىللىقلارنىڭ مەردلىك ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىشى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن.