UyghurWiki
UyghurWikiمۆچەليولۋاس يىللىقلار

يولۋاس يىللىقلار

مۆچەل قىزغىن ۋە سەمىمىي، پائالىيەتچان، باتۇر، مېھرىبان، جەلىبكار، ئابرويلۇق. قىزىققان، پوچى، تېرىككەك، بەڭباش، تەرتىپسىز، يەڭگىلتەك. يولۋاس شەرقتە ھوقۇق، قىزغىنلىق ۋە باتۇرلۇقنىڭ سىموۋولى. يولۋاس يىللىقلار ئىسيانكار، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان، مىجەز - خۇلقىنى ئوڭايلىقچە بىلگىلى بولمايدىغان كىشىلەردۇر. كىشىلەر ئۇلاردىن خۇددى راست يولۋاستىن قورققاندەك ھېيقىدۇ. ئۇلار ئائىلىسىنى ئوتتىن، ئوغرىدىن ۋە جىن - ئالۋاستىدىن ساقلايدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئارسلاندەك چەبدەس، قاپلاندەك كۈچلۈك بولغان مىجەزى بىلەن چىقىشىپ قالسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ ئامەت تاپىسىز. يولۋاس يىللىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىقى ناھايىتى زور تەسىرچانلىققا ئىگە، ئۇلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدە سوغۇق مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلۈك ھېسسىياتلارنى ئۇرغۇتالايدۇ. قىسقىسى، كىشىنى ئۆزىگە جەلىب قىلىپ تۇرىدىغان يولۋاس يىللىقلار كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئەسلىدىنلا ھارماس - تالماس ھەم بىر ئاز قوپال بولغاچقا، ئادەتتە ھەرىكەتنى ناھايىتى تېز قىلىدۇ. ئۇلار تۇغما گۇمانخور، ئارىسالدى بولۇپ، ئىشلار ئۈستىدە ھەمىشە يېنىكلىك بىلەن قارار چىقىرىدۇر. ئۇلار باشقىلارغا ئوڭايلىقچە ئىشەنمەيدۇ، ھېسسىياتىنى ئوڭايلىقچە باسالمايدۇ. ئىشنى ھەرگىز ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە سەمىمىي، مۇلايىم، مەرد ھەم ئاجايىپ يۇمۇرلۇق كېلىدۇ. يولۋاس يىللىق ئادەم ناھايىتى رەھىمدىل كېلىدۇ، بوۋاقلارنى، ھايۋاناتنى ۋە مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان ۋە دىققىتىنى تارتىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا بېرىلسە، ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. ئىش قىلغاندا ھەرگىز ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشقا يۈزدە يۈز، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. ھېسسىياتچان يولۋاس يىللىقلار ياش ۋاقتىدا تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ كېلىدۇ، بەزىلەر بۇ ئادىتىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بىپەرۋالىقىدىن باشقا، ئەمەلىي نەپكە ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقى، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى مەنسىتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوي - پىكرىنى ئەنئەنىۋى ئىدىيە بىلەن چۈشەپ قويىدىغان جەمئىيەتنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە قاتتىق قامچىلايدۇ. ئۇلار ھامان ئۆزىنى كۆرسىتىش ئويىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ خۇي - مىجەزى بولۇپ، تەبىئىتىدىن مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىسىيان كۆتۈرۈش ياكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارغا قارىشى جەڭ ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالسا، بۇ ئىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتنىشىدۇ. ناۋادا بۇ كەمچىلىك دېيىلسە، مۇشۇ تۈپەيلى ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلار چىقامدۇ؟ ياق، ئون ئادەمنىڭ سەككىز - توققۇزى ئۇلارغا بارىكاللا ئېيتىدۇ. بىز ئېھتىمال ئۇلارنىڭ قاراملىقىنى ياقتۇرماسلىقىمىز، بىر ئىشقا ئەسەبىيلەرچە كىرىشىپ كېتىدىغان قارام مىجەزىدىن چۆچۈشىمىز مۇمكىنكى، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئوخشاش كۆرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلىشنى ئۇنتۇمايمىز. يولۋاس يىللىقلار روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغاندا باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن موھتاج بولىدۇ. كىمنىڭ كىمگە دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ھېسسىيات ۋە ئىدراكقا تايىنىپلا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار مەنتىقىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارغا تەسەللىي بەرگەندە، چۈپەيلىك قىلماسلىقىڭىز كېرەك، ئەگەر ئىشى ئوڭغا تارتىپ قالسا، قىلغىنىڭىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئەقىل كۆرسىتىپ قىلغان گېپىڭىزگە قۇلاق سالىدۇ ھەمدە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بەرگەن مەسلىھىتىڭىزنىڭ ھەر بىر ئىبارىسىنى چىڭ تۇتۇۋالىدۇ. بىراق، بۇ سىزنىڭ مەسلىھىتىڭىزنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى بار. ئۇلار غەزەبلەنگەندە، ياخشىسى ئۇنى چۈشەپ قويۇش كېرەك، ئۇلار كانىيى يىرتىلغۇچە ۋارقىراپ - جارقىراپ سىزگە بولغان قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار سۆيۈپ، قۇچاقلاپ، ئاچچىقىنى چىقىرىۋالسۇن دەپ تۇرۇپ بېرىدۇ، سىز بىلەن قايتا يارىشىۋالىدۇ. ئۇلار سىزنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىشقا ئەسلىدىكى پىلان بويىچە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ھەر قانچە ئېغىر پالاكەتكەن، ھەر قانچە قاتتىق زەربىگە ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ بوشاشمايدۇ. بىر تال ئۇچقۇن قالغاندىمۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھايات ئوتىنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس روھى بىلەن يېڭىباشتىن جانلىنىدۇ ۋە تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار بېسىمغا ئۇچرىغان چاغدا، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشى مۇمكىن. بىراق، يولۋاس يىللىقلار باشقىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. يولۋاس يىللىقلارنىڭ بەزىلىرى مۇلايىم، سەزگۈر ۋە مېھرىبان كېلىدۇ، بەزىلىرى جاھىل، شەخسىيەتچى، يولسىز كېلىدۇ. يولۋاس يىللىق ئاياللار كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇلار خۇددى بىر ئومان ئاسلاندەك شوخ، غۇبارسىز كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ. مەسخىرە قىلماڭكى، ئۇلارنىڭ تىرناقلىرىنى ئۇچلۇق قىلىپ يېسىتىۋېلىشى ئۆزىنى قوغداش ئۇچۈندۇر. ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەم ئۆزى ئەركىن، ئوچۇق - يورۇق بولىدۇ. ئۇلار مودا قوغلىشىشقا ئامراق بولۇپ، چېچىنى يېڭى پاسوندا ياساش، گىرىم قىلىش ۋە كىيىملىرىنى سىناپ كىيىپ بېقىش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ھەمىشە تۈزۈك كىيمىم يوق دەپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مودا كىيىملىرى تولۇپ ياتىدۇ. ئۇلار تانسىدىن قالمايدۇ ۋە قانغۇچە ئوينايدۇ. ئۇلار بالىلار بىلەن بىللە بولۇشقا لايىق بولۇپ، قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتالايدۇ، ھەزىلكەشلەرنى دورىيالايدۇ، چىرايلىرىنى ھەر قىسما قىلىپ شەيتانلىق قىلالايدۇ ياكى كىشىلەرگە شېرىن تەبەسسۇم بەخش ئېتەلەيدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويىدىغان بارلىق قائىدە - يوسۇنلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، بالىلارنى ئۆزىگە مەڭگۈ ئامراق قىلىۋالالايدۇ. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئوقۇشتا باشقا بالىلاردىن قېلىشمايدۇ، ئەكسىچە ناھايىتى ياخشى ئوقۇيدۇ. بۇ ئېھتىمال ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئائىلىۋى نىزامنى ئۆز - ئۆزىدىن كۈچەيتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئۇلار بالىلاردىن يۈرۈش - تۇرۇشقا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ بالىلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇلارنى كەڭ قوللۇق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ؛ ئۇلارنى مول دالا تامىقى بىلەن مېھمان قىلىدۇ، ھايۋانات باغچىسىغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ ياكى قولۋاق ھەيدەش، بېلىق تۇتۇشقا ئوخشاش كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىدۇ. بېلىق ۋە توخۇ يىللىقلارغا ئوخشاش، يولۋاس يىللىقلارمۇ تەبىئىتىدىن ناھايىتى شەخسىيەتچى كېلىدۇ. مۇبادا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ئازار يېتىپ قالسا، پۇل، ھوقۇق، نام دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىدا، سىز ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چۈپەي، ئەڭ پەس لۈكچەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئۆچمەنلىك روھىي ھالىتى ئۇلارنى ھېچقانداق ئىشتىن، ھەتتا ئۆيىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىشتىنمۇ يانمايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. گەرچە ئۇلار چوڭ ئىشلار ئالدىدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتسىمۇ، سىزنىڭ بىھۆرمەتلىك قىلىشىڭىز ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلار باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە زادىلا چىدىمايدۇ. قىززىق يېرى شۇكى، ئۇلار ھەم قارام، ھەم لىڭتاسما كېلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بولغان ئىككى چوڭ كەمچىلىكىدۇر. ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى خىل ئىللىتىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كېتەلىسە، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. يولۋاس يىللىقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى رومانتىك كېلىدۇ. ئۇلار ئويۇنخۇمار، قىزغىن، ھېسسىياتچان بولۇپ، ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش ياكى توي قىلىش كىشىنى نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇلاردا ھەسەت پەيدا بولغان چاغدا، ھەددىدىن زىيادە بېشەم ۋە ئۇرۇشقاق بولۇپ كېتىدۇ. يولۋاس يىللىقلار ھاياتىنىڭ 1 - باسقۇچىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ تازا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان دەسلەپكى يىللاردا ئۆزىنىڭ قوپال - سەپرا مىجەزىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدىغان مىجەز. ئۇلار ياشلىق ۋە قىرانلىق دەۋرىدە مۇۋەپپىقىيەت يولىدا باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ شېرىن خىياللىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى مۇمكىن. ناۋادا ئۆزىدە تۆر تالاشماسلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە تۇتىدىغان بولسا، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق قىلىش ناھايىتى قىيىن. چۈنكى ئۇلار قىلغان - ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلىپ، دەم ئازابلىنىپ، دەم ئېچىلىپ - يايراپ ئۆتىدۇ - دە، بۇنداق قىلىشقا رايى بارمايدۇ. قىسقىسى، يولۋاس يىللىقلار تۇترۇقسىز بولىدۇ، گاھ ئېچىلىپ - يېيىلىپ كەتسە، گاھ ۋايساپ ھەسرەتلىنىپ كېتىدۇ؛ بەزىدە تۇرۇپلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ بۇ كىتابتا زىكرى قىلىنغان بارلىق ھېسسىيات ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئۆز سايىسىنى تاشلاپ ئۆتىدۇ. بىزنىڭ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشىمىزنىڭ ئورنى يوق، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ھېسداشلىقىمىزغا قاراپ قالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان يول بىلەن ياشىشىغا يول قويۇلسا، تۇرمۇش ئۇلارغا چەكسىز خۇشاللىق بەخش ئېتىشى مۇمكىن. ئۇلار ئۇچىغا چىققان غەم يېمەس بولۇپ، يېڭى - يېڭى خىرىسلارنى كۈتۈۋېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. يولۋاس يىللىقلار توڭگۇز يىللىق كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ئوبدان ئۆتىدۇ. ئۆزى سەمىمىي، مىجەزى ياخشى توڭگۇز يىللىقلار يولۋاس يىللىق كىشىلەرنىڭ قاراملىق قىلىشتەك ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ، ئۇلارنى تەمكىنلىك ۋە بىخەتەرلىك كەيپىياتىغا ئىگە قىلىدۇ. يولۋاس يىللىقلار ئەمەلىيەتكە ئېتىبار بېرىدىغان ئىت يىللىق كىشىلەر بىلەنمۇ ناھايىتى ئوبدان ھەمكارلىشىپ كېتەلەيدۇ. ئىت يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارغا سەمىمىي سادىق كېلىدۇ، ئۇلارنى تىزگىنلەپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاقىلانە بولۇشىغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئات يىللىقلارمۇ يولۋاس يىللىقلار بىلەن شېرىكلىشەلەيدۇ. ئۇلار تۇرمۇشقا ئوخشاشلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئوخشاشلا ناھايىتى جانلىق كېلىدۇ. بىراق، چاققان ھەم چەبدەس ئات يىللىقلار ئۆز بېشىمچى يولۋاس يىللىقلاردىن بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى خەۋپ ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولۋاس يىللىقلار ئۆز ھەمراھىنىڭ زىل ئىنكاس كۈچى ۋە سەزگۈرلۈكىدىن مۇئەييەن نەپ ئالىدۇ. يولۋاس يىللىقلار چاشقان يىللىق، قوي يىللىق، توخۇ يىللىق كىشىلەر بىلەن ياكى يولۋاس يىللىق باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشتىن قىيىنچىلىق ھېس قىلمايدۇ. يولۋاس يىللىقلار مۇنداق بىر ئىشنى مەڭگۈ قىلىپ سالمايدۇ: كالا يىلى تۇغۇلغان توپۇزلۇق كىشىلەرگە خىرىس قىلىدىغان مۇنداق ئىشنى ئەسلا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يولۋاس يىللىقلارنىڭ قەتئىي ھەم مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان رەقىبى بولۇپ، ئۇلار يولۋاس يىللىقلارنىڭ بىشەملىكىگە يول قويمايدۇ. ناۋادا ئېتىشىپ قالسا، كالا يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارنى ئۆلەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، يىلان يىللىقلارمۇ يولۋاس يىللىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدۇ. بۇلاردىكى ئورتاق خۇسۇسىيەت شۇكى، ھەر ئىككىلىسى گۇمانخور كېلىدۇ. بىراق، يىلان يىللىقلار مۇلايىم، تەمكىن، قورقۇنچاقراق كېلىدۇ؛ يولۋاس يىللىقلار باشقىلارنى ۋارقىراپ - جارقىراپ ئەيىبلەب كېتىدۇ. بۇلار چىقىشالمايدۇ. نىھايەت، مايمۇن يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارنىڭ چېكىشكىمۇ پېتىنالمايدىغان رەقىبى. زېرەك، كەپسىز مايمۇن يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارنى ھەدېسىلا مەسخىرە قىلىدۇ، يولۋاس يىللىقلار بولسا بۇنىڭدىن قاتتىق رەللە بولىدۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلىدۇ. يولۋاس يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى خېلىلا چۈشىنىپ قالىدۇ. ئۇلار مايمۇن يىللىقلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا جاپا تارتىشى مۇمكىن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سىزگە ئوخشاش يولۋاس يىللىقلارنىڭ تېنى تۇغۇلۇشتىلا يوشۇرۇن زەئىپ بولىدۇ، سىز قارىماققا كۈچلۈك كۆرۈنسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇغما ئاجىز كېلىسىز، شۇڭا سىزنىڭ تېنىڭىزنى ئىنتايىن ساغلام تەن دېگىلى بولمايدۇ. بەدىنىڭىزنىڭ يوشۇرۇن زەئىپلىكى ئالدى بىلەن شۇنىڭدا ئىپادىلىنىدۇكى، سىز ئۇششاق - چۈششەك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايسىز. نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتىكى كېسەللىكلەرگە ھەممىدىن كۆپ ئۇچراپ تۇرىسىز. چۈنكى، سىزنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ نۇرغۇن تەسىرلىرىگە بولغان ئىنكاسىڭىز ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، تاماق تاللاشتىمۇ بەك سەزگۈر كېلىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئاۋارىچىلىكلەر نېرۋىڭىزنى ئۇزاققىچە جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ، روھىي جەھەتتىمۇ خۇشاللىق ۋە يېنىكلىك ھېس قىلىپ تۇرمايسىز. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئۇزاققىچە جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشقا ئوخشاش ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىككە بولغان ھەددىدىن تاشقىرى زىللىقىڭىز سىزگە ئېغىر دەرىجىدە تاماق تاللايدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ، بۇ ئەھۋال بالىلىق دەۋرىڭىزدە ناھايىتى روشەن بولىدۇ. شۇڭا تېنىڭىز كىچىكىڭىزدىنلا بەك ئاجىز بولىدۇ. تېنىمنى كۈچەيتىمەن دېسىڭىز، تاماق تاللايدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز تاتلىق يېمەكلىكلەرگە بەك ئامراق بولىسىز، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئالدىڭىزغا كەلسە، ئوڭايلىقچە ئۆتكۈزۈۋەتمەيسىز. شۇڭا، سىز سېمىزلىك كېسىلىگە، شېكەر سىيىش كېسىلىگە ئوڭاي دۇچار بولىسىز، چىش كېسەللىكلىرىگە تېخىمۇ ئوڭاي دۇچار بولىسىز. يېمەك - ئىچمەك ئادىتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىڭىزمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ. تاماقنى بەك تويۇپ يېيىشتىن ساقلىنىشىڭىز، تاماق تاللايدىغان يامان ئادەتنى ئۈزۈل - كېسىل تاشلىشىڭىز، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يەپ، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يۇقىرى تالالىق، تەبىئىي ھەم قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشىڭىز كېرەك. قىسقىسى، جىسمانىي جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئاجىزلىقىڭىزغا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا، زىياننى جەزمەن ئۆزىڭىز تارتىسىز. ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، توساتتىن سوقۇلۇپ كېتىش، يىقىلىپ كېتىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن بولىدىغان زەخمىلىنىشتىن ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەردىنمۇ ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىڭ. ئادەتتە ئۇيقۇغا ۋە جىسمانىي خوراشقا دىققەت قىلىپ، روھىي ئوزۇقنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى، بەزى ئاۋارىچىلىكلەر ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ، روھىي جەھەتتە قاتتىق تەسىر قوزغايدىغان ئەھۋال ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىراق، شۇنداق چاغلاردا تەمكىنلىك بىلەن تەھلىل يۈرگۈزسىڭىز، ئۇ ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ ئامالىنى تاپالايسىز. ئادەتتە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئائىلىۋى بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بىھۇدە جېدەل - غوۋغىدىن ساقلانسىڭىز، تېنىڭىز سۆزسىز ساغلام بولىدۇ. خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراش، يۈكىڭىز ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆزىڭىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىڭ. قىسقىسى، ساغلام بولۇش - بولماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەڭشەپ تۇرۇشقا ماھىر بولىدىغانلا بولسىڭىز، شاد - خۇرام ھەم ساغلام بولماي قالمايسىز. ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -يولۋاس يىللىقلارنىڭ غايەپەرەسلىكى بىلەن چاشقان يىللىقلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتپەرەسلىكى بىلەن چاشقان يىللىقلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتپەرەسلىكى بىر - بىرىگە زىت كېلىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنى كەمسىتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ دوست بولۇشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلار ئۆز ئارا دوست بولالايدۇ، بىراق بۇلار ياخشىسى بىر ئائىلىدە ياشىماسلىقى كېرەك، ئۇلار كەسپىي جەھەتتە ياخشى ھەمراھلاردىن بولالايدۇ، ئويۇن تاماشىلاردا بىللە بولسا، دوستلۇقى كۈچىيىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم توقۇنۇش بولىدۇ، بىراق ئۇلار بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولالىسىلا، دوستلۇق ئورنىتالايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئورتاقلىق بار. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار سىرداش دوستلاردىن بولالايدۇ، قارشى تەرەپنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدۇ، روھىي ھالەت جەھەتتە بىر - بىرىنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۆزئارا دوستلۇقنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - بۇلار دوست بولالايدۇ، بىر - بىرىنىڭ بىلىمى ۋە پەزىلىتىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەيدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار -بۇلار ياخشىسى ئۆز ئارا ئالاقىلەشمەسلىكى كېرەك. ئۇلار مىجەز، ھەۋەس جەھەتلەردە بىر - بىرىدىن كۆپ يىراقتا تۇرىدۇ، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت بولىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - بۇلار بىر - بىرىنى رەت قىلىدۇ، پاش قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە بىر - بىرىگە زوقلىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي دوست بولۇپ قالىدۇ، ئۇزاق ئالاقە داۋامىدا بىر - بىرىدىن بىلىم ئالىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۆز ئىچىدە ماسلىشىدۇ، ئەقىل كۆرسىتىش - قوي يىللىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئەمەلدە كۆرسىتىش - يولۋاس يىللىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە مەسئۇلىيىتى. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - بۇلار ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق يېقىن دوستلاردىن بولالمايدۇ. دوست بولۇپ قالسا، بىر - بىرىدىن رايى قايتىپ ئايرىلىپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇلار ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مۇھەببەت ئاساسىي بولمايدۇ، پەقەت مايمۇن يىللىقلاردىكى سېھرىي كۈچلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىقارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالالايدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇلاردا ئۆز ئارا دوست بولۇش ئويى بولمايدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - بۇلار ھەقىقىي سىرداش دوستلاردىن بولالايدۇ، دوستلۇقى ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئۆز ئارا ئالاقە باغلىسا بولىدۇ، بىراق يولۋاس يىللىقلاردىكى ھۇجۇم قىلىش روھىي ھالىتى توڭگۇز يىللىقلارغا تاسادىپىي ئازار بېرىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا توڭگۇز يىللىقلار بۇنىڭدىن پەخەس بولۇشى كېرەك. يولۋاس يىللىقلار شىركەت كادىرى، ئەسكەر، ئوفىتسېر بولۇشقا؛ ئىنقىلاب يولباشچىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يولباشچىسى بولۇشقا ئوخشاش رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەشكە لايىق كېلىدۇ. بىراق، يولۋاس يىللىقلار ئۇ كەسىپ بۇ كەسىپتىن ياخشىكەن دەپ، ھامان كەسىپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. كەسىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىققا كەلسە، يولۋاس يىللىقلار ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرى تۈپەيلىدىن، تۇغۇلغان ۋاقىت ياكى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەك ئۇچرايدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئۈزۈپلا بىر نېمە دېيىشكە بولمايدۇ. يولۋاس يىللىق ئەرلەر ھەمىشە سىرتتا قاتراپ يۈرىدۇ، ئائىلىسى بىلەن ئاساسەن كارى بولمايدۇ، ئۇلار مۇستەبىت ئەر دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئايالىغا ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغۇچىلىكلا پۇل بېرىدۇ. يولۋاس يىللىق ئاياللار قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ مۇستەقىللىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ، غەلىبەخۇمار كېلىدۇ. بۇ ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆيدە تۇرمايدىغان ئاياللاردۇر. توي قىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە باياشاد بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى كامال تاپقۇزۇش ئۈچۈن، سىرتتا خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈرلۈك، جىنسىي تۇيغۇلۇق، قىزغىن، ھاياجانلىق كېلىدۇ. <ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان> يولۋاس يىللىق ئاياللار ناھايىتى كۆپ. قىسقىسى، ئۇلار ئەرلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار نەزەرىيچىلەردىن بولۇپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە ئامراق كېلىدۇ. شۇڭا شاللاق ئەرلەر ئۇلارنىڭ رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ، پۇرسەت تېپىپ يېقىنلاشماقچى بولغاندا، ھەمىشە ئۇلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. <ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -بۇلار ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق يولۋاس يىللىقلار كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى، چاشقان يىللىقلاردا ئاز - تولا پۇرسەتپەرەسلىك روھىي ھالىتى بولىدۇ، ئەگەر چاشقان يىللىقلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە سەمىمىيەت كۆرسەتسە، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ. بولمىسا، يولۋاس يىللىقلار پۇشايمان يەپ قالىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بالايئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. يولۋاس يىللىقلار كالا يىللىقلارنىڭ بەك قاتتىق تەلىپىگە ۋە ماددىي مەنپەئەتپەرەسلىك روھىي ھالىتى ئاستىدىكى ھەرىكەتلىرىگە چىدىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەمكارلىقىدىن ياخشى نەتىجە چىقىشى ناتايىن. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ رېئال كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ۋە تىجارەت ئېڭى كەمچىل بولىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار بىللە ئىشلىسە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. يولۋاس يىللىقلار توشقان يىللىقلارنى ناھايىتى مۇلايىم، دەپ بىلىدۇ. ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. بىراق، توشقان يىللىقلار ئېھتىياتچانراق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، يولۋاس يىللىقلارنىڭ مىجەزى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - بۇلار ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردۇر ۋە ئېقى كېلىشكۈچىلەردۇر. ھەر ئىككى تەرەپ ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيەت ۋە تاللاشقا ئىگە. ئۇلار بىر - بىرىگە ئىشىنىدۇ، بىر - بىرىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئوبدان ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىككى تەرەپ مەڭگۈ بىر پىكىرگە كېلەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ماسلىشىشىمۇ تەس، بەزىدە توقۇنۇشۇپمۇ قالىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى نازۇك بولسىمۇ، ئورتاق مەنپەئەت ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ، چۈنكى يولۋاس يىللىقلار قوي يىللىقلارغا يول قويىدۇ. بىراق، قوي يىللىقلار ئاخىرقى ھېسابتا يولۋاس يىللىقلار بىلەن كۈچ سىنىشىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق يولۋاس يىلىقلار ئېغىر - بېسىق، قەتئى بولۇشى، يەنە مايمۇن يىللىقلارنىڭ ھىيلىگەرلىكىدىن پەخەس بولۇشى كېرەك. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بۇلار مۇتلەق ھەمكارلىشالمايدۇ، ھەمكارلىشىش يولۋاس يىللىقلارغا پايدىسىز، توخۇ يىلىلقلار ھەر جەھەتتىن يولۋاس يىللىقلارغا يېتەلمەيدۇ، ھەمكارلىق يولۋاس يىللىقلارنى ھالسىرىتىپ قويۇشتىن باشقان نەتىجە بەرمەيدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولالايدۇ، بىراق ئۇلار تىجارەت سورۇنىدا بىر - بىرىگە كۈشەندە، شۇڭا ئۇلار ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشتىن باشقا ھەر قانداق ئىشنى قىلسا بولىدۇ. △ يولۋاس يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - قىسقا ۋاقىت ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە كرىزىس تۇغۇلىدۇ، چۈنكى يولۋاس يىللىقلار، توڭگۇز يىللىقلارغا ھەمىشە تەھدىت سېلىپ تۇرىدۇ، بۇنى يولۋاس يىللىقلارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. يولۋاس يىللىقلار بالىلىق دەۋرىدە ئىنتايىن تىنچ ۋە بەختلىك ئۆتىدۇ. بىراق، ياشلىق دەۋرىڭىزدىن قاتتىق پەخەس بولۇشىڭىز كېرەك. بۇ دەۋر سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق دەۋردۇر. بۇ دەۋردە تۇرمۇشىڭىز ئىنتايىن جىددىيلىكتە ئۆتىدۇ، ئالدىڭىزغا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇچ كېلىدۇ. جۈملىدىن مۇھەببەت مەسىلىسى، ئائىلە مەسىلىسى، پۇل مەسىلىسى، كەسىپ مەسىلىسى… ۋەھاكازا. مۇشۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ئالدىدا ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن توغرا قارارغا كېلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، ئۆمرىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەيسىز. بولۇپمۇ بۇنىڭ قېرىغاندا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، يولۋاس يىللىقلارنىڭ ھاياتى بىر قەدەر مۇشەققەت ۋە تەۋەككۈلچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. بىراق سىز دەل مۇشۇنىڭدىن لەززەت ئالىسىز. نۇرغۇن - نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ھەل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، باشقىلار ياردەم بېرەلمەيدۇ. بەختكە يارىشا يولۋاس يىللىقلار ئانچە تەلەيسىز بولمايدۇ، شۇڭا سىز جىددىي پەيتلەردە ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، يامانلىقنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرالايسىز. سىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۇرمۇش ئېتىقادىڭىز پۇل بولماستىن، بەلكى پۇلدىن باشقا بەزى مەنىۋى ئېتىقادلاردۇر. شۇڭا سىز ئادەتتە ئىقتىسادىي مەنبەگە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيسىز. بىراق، سىز ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ قانداق بولۇشىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، سىزنىڭ بىر مۇنچە ئىقتىسادىي مەنبەيىڭىز كۆپىنچە سىز كۆزلەۋاتقان غايە ۋە نىشانغا باغلىق بولىدۇ. نەتىجىدە ئامەت شۇلارغا ئەگىشىپ كېلىۋېرىدۇ. سىزنىڭ كاللىڭىز سودا سارايلىرىنى باشقۇرىدىغان كاللا ئەمەس. چۈنكى، سىزدە بىردىنلا بېيىسام دەيدىغان ئوي بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۈزۈل - كېسىل پۇلپەرەسلەردىنمۇ ئەمەس. شۇڭا سىز ئورۇن ۋە نام - شۆھرەتتىن باشقا جىق پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيسىز، ئەقەللىي پايدا ئالسىڭىزلار قانائەت قىلىسىز. سىز كۆپ ھاللاردا غايىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ بايلىققا ئېرىشىش ئۇسۇلىڭىزنى ئىنتايىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۇسۇل دەپ بىلىسىز. ئۇنى ھەم كىشىلىك ئىززەت - ئابرويغا نۇقسان يەتكۈزمەيدىغان، ھەم رېئال تۇرمۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئۇسۇل دەپ قارايسىز. ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى ئۈستىدە ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن بىر قارارغا كەلمەيسىز، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ، پەملەپ تۇرۇپ ئىش كۆرىسىز. خەۋپ - خەتەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئوبدان ئىشلىۋېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىلان قۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن ئىشلەيسىز. سىزدە سۆز - ھەرىكەتتە يۈرەكلىك، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش ئسىتىلى بار. مۇھەببەت ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ مۇھەببەتلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ئەرلەر ئومۇمەن ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئېتىبار بېرىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئانچە ماھىر كەلمەيدۇ. ئاياللار بولسا ھېسسىياتتا نازاكەتلىكرەك بولۇشنى بىر قەدەر ياخشى كۆرىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قوغلىشىشىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. بىراق، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن، مۇھەببەت جەھەتتىكى قاراملىق كۆپ ھاللاردا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرىدۇ. يۇقىرىدىكىلەر يولۋاس يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېر ۋە تەقدىرىگە دائىر ئەھۋاللار. ئەمدى ئاياللارنىڭ مەۋقەسىنى ئاساس قىلىپ، زادى قانداق ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە ماس كېلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. سىز يۈكسەك پەزىلەتكە، باشقىلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتقۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە بولغاچقا، سىزنىڭ قوغلىشىدىغان يات جىنىسلىقلارنىڭ كۆپ بولۇشى تۇرغان گەپ. بىراق، بۇ جەھەتتە نېمىشقىدۇر تەلىيىڭىز ئانچە ئوڭدىن كەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلغىنىڭىزدا، مەسىلە كۆپىنچە سىزنىڭ ئۆزىڭىزدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. دېمەكچىمىزكى، غۇرۇرىڭىز تولىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، تېرىقتەك كىچىك ئىش بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھاقارەت دەپ قارايدىغانلا بولسىڭىز، ئۇنى ماقۇل تاپالمايسىز. يەنە كېلىپ سىز ئاسارەتتە قېلىشنى خالىمايسىز، بىراق باشقىلارنى ئاسارەتتە تۇتۇشنى ياخشى كۆرىسىز. بۇمۇ سىزنىڭ مۇستەبىتلىك ھەۋىسىڭىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قەلبىڭىزدە كۈچلۈك ھەسەتمۇ قوزغايدۇ. سىزگە ئۇستىلىق بىلەن كۆڭلىنى بېرىپ، سىزنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالايدىغان يات جىنىسلىقلار ھەقىقەتەن كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. بىراق، تۆۋەندىكى يات جىنىسلىقلارنى تويلىشىش ئوبيېكتى قىلسىڭىز، ئۇلار سىزگە ئەبەدىي ھەمراھ بولىدىغان تەقدىرداشلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ☆ يولۋاس يىللىقلار <ئىككى يولۋاس بىر تاغدا پېتىشماس> دېگەندەك، ئەر - ئاياللارنىڭ ئىككىلىسى يولۋاس يىللىق بولسا، بۇلار ياخشى تەقدىرداشلاردىن بولۇپ كېتەلمەيدۇ، بىراق قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ياكى پەسلى سىزنىڭكىگە قارىمۇ - قارىشى بولسا، ئۇ ھالدا ئۆز ئارا ئەپلىشىپ ئۆتەلەيسىلەر. شۇنداقتىمۇ ئۇششاق - چۈششەك سۈركىلىشلەردىن خالىي بولالمايسىلەر. بۇنىڭدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە خاس ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈپ ياكى ئۆزىڭىزگە لايىق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ دۇنياسىغا بەك چات كىرىۋالماڭ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتسىزكى، بېلىق بىرى سۇغا، بىر تۇپراققا بېقىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. يولۋاس يىللىقلارمۇ، بېلىق يىللىقلارمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتچان كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر قاچان ئۇرۇش - جېدەل قىلىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، دۇنيالىرى باشقا - باشقا بولغاچقا، ئەپلىشىپ ئۆتەلەيدۇ، بىراق كۆرۈنۈشتە يېقىن، كۆڭۈلدە يىراق ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ ئوي - پىكرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىڭىز كېرەك. ☆ توخۇ يىللىقلار توخۇ يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارغا ئوخشاشلا پەزىلىتى تۇغما ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىگە ئوخشاش پەزىلىتى ئالىيجاناب ئايالنى جورا قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز ئائىلە ئىشلىرىدا بىپەرۋاراق كېلىسىز، توخۇ يىللىقلار بولسا ناھايىتى ئەستايىدىل كېلىدۇ، ئۇلار بۇ جەھەتتە بىر - بىرىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا، ئەبەدىي ئەپلىشىپ ئۆتىدىغان تەقدىرداشلاردىن بولالايدۇ. شۇغىنىسى، توخۇ يىللىقلار كىشىلەرگە ۋاتىلداق كۆرۈنىدۇ، سىز ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىن بىزار بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، ئارىدا ئۇششاق - چۈششەك كېلىشمەسلىكلەر تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. سىز يىراقنى كۆزلەپ، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ۋاتىلداقلىقىنى ئاق كۆڭۈللۈك دەپ بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ جەھەتتە كۆپ دىققەت قىلىڭ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سىز ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، ئۆزىڭىزگە خاس دۇنيا (خىزمەت ياكى ھەۋەس)غا ئىگە بولۇڭ.
← بارلىق تېمىلار مۆچەل