پوئېما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە poiema سۆزىدىن، داستان سۆزىگە باراۋەر كېلىدۇ)
لىرو - ئېپىك تۈردىكى ژانىرلاردىن بىرى، شېئىرىي رىۋايەت، شېئىرىي قىسسە، ياكى شېئىرىي ھېكايە. بۇنداق ئەسەرلەر شەرق ئەدەبىياتىدا داستان دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن داستانلار بار، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇ بىلىك> داستانى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نېمىسچە، فرانسۇزچە، رۇسچە نۇسخىلىرى بار. ناۋاينىڭ <خەمسە> سىمۇ بىر قانچە داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستانچىلىق پروزا ئەسەرلىرىگە قارىغاندا كۆپرەك تەرەققىي قىلغان.