UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمۇناجات

مۇناجات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە يېلىنىش، يالۋۇرۇش سۆزىدىن قەدىمكى زامانلاردا قوللىنىلغان شېئىرى ژانىر. بۇنىڭدا «گۇناھكار بەندە» نىڭ نىجاتلىقتېپىش ئۈمىدى بىلەن قىلغان لىرىك مۇراجىتى قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن. پادىشاھلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە شائىرلار ئۆز قەسىدىلىرىنىڭ بېشىدا خۇداغا سېغىنىش «ھەمدۇسانا» لىرىنى ئىپادىلەش بىر ئادەتكە ئايلانغان. ئۆز زامانىسىدە ناۋايى قاتارلىق بۈيۈك مۇتەپپەككۇر شائىرلارمۇ «خەمسە» گە ئوخشاش داستانلىرىدا يۇقىرىقىدەك شەكىلدە يېزىشتىن خالى بولالمىغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات