UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەتەل

مەتەل

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان خەلق مەجازى ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەتەل ئۆز مەنىسىدىن باشقا مەنىگە كۆچۈرۈلگەن سۆز بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئوخشىتىش، كىنايە ۋە باشقا تىل ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىدۇ. شۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن مەتەل پىكرىنى بىۋاسىتە ۋە ساددا ئىپادىلىگۈچى «ماقال» دىن پەرق قىلىدۇ، مەتەللەردە مەجازى ئىبارىنىڭ ئۆز ئەسلى مەنىسى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مەنىسى ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت، مەنتىقىي باغلىنىش بولۇشى شەرت. مەسىلەن: ئورۇنسىز ئېيتىلغان گەپ «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»، ھەر بىر ئىشنى ئۆز ئۇستىسى قىلسا «قوينى قاسساپ سويسۇن»، ھەربىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق»، دېيىلىدۇ، بۇلار مەتەللەر ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
مەتەل | UyghurWiki | UyghurWiki