UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەدىئىي ماھارەت

بەدىئىي ماھارەت

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يازغۇچى - سەنئەتكارنىڭ ھەر خىل بەدىئىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى قابىلىيىتى. ماھارەت - بەدىئىي ئىجادىيەتتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. يازغۇچى ئۆز ئىجادىيىتى جەريانىدا پېرسوناژلارنى سۈرەتلەشتىن تارتىپ، تاكى ئەسەرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ دېمەكچى بولغان مەقسەتكە يېتىشكە قەدەر بەدىئىي ماھارەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ماھارەت ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن توغرا دۇنيا قاراش يېتەكچىلىكىدىكى تۇرمۇش جۇغلانمىسىغا ئىگە بولۇش، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش، باي تەسەۋۋۇر بولۇش لازىم. ماكسىم گوركى ماھارەت مەسىلىسىگە قارىتا، <ماھارەتنى ئىگەللەش كېرەك. بىر ئىشنىڭ ماھارىتىنى بىلىش ئاشۇ ئىشنىڭ ئۆزىنى بىلگەنلىكتۇر> دەيدۇ. <يازغۇچىلار كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈشى، كۆپ ئوقۇشى كېرەك. بەزى نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشى كېرەك، ئەمما ئىشلىمەكچى ئىكەن، جەزمەن قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. ۋەھالەنكى، قابىلىيەتكە پەقەت ماھارەتنى تەتبىق قىلغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.> دەيدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ تەربىيىلىنىشىدە ئەڭ مۇھىمى - تۇرمۇش، ئىدىيە ۋە بەدىئىي ماھارەتتىن ئىبارەت. تۇرمۇش - ئاساس؛ ئىدىيە - روھ؛ بەدىئىي ماھارەت بولسا، ئىپادىلەش ۋاستىسى بولۇپ، بۇ ئۈچى ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم پەرقلىق.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات