UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي مىراس

ئەدەبىي مىراس

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئالدىنقى دەۋرلەردىن قېپقالغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىي تەنقىد ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مول، باي، ئەدەبىي مىراس خەزىنىسى ئىچىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاغزاكى ئىجادىي ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى، كۈرەشلىرىنى ۋە غايىلىرىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئىلغار ئىدىيىۋى مەزمۇنغا ۋە ساددا، يېڭى بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگىلىكى بىلەن تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەرگە مول ئوزۇق بېرىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئەدەبىي مىراس ئىچىدە يەنە كۆپلىگەن ئەدبىلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە تۇرمۇش رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە بىر قەدەر يۈكسەك بەدىئىيلىككە ئىگە بولۇپ، مول، قىممەتلىك بەدىئىي تەجرىبىلەرنى جۇغلىغان. بۇلار ئەدەبىي مىراس ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر تەركىب ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئەكسىيەتچى سىنىپلارنى پەدەزلەپ، ھەل بېرىدىغان، مەدھىيلەيدىغان، ئېكىسپىلاتاتور سىنىپلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارمۇ ئەدەبىي مىراس ھېسابلانسىمۇ، ئەدەبىي مىراس ئىچىدىكى داشقال، زىيانلىق نەرسىلەردۇر. شۇنداقلا، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى نەزەرىيىۋى ئەسەرلەر ئىچىدە نەپىس، ئىلغالىرىمۇ، داشقاللىرىمۇ بار. ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش، ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيتى. بىز ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدسىزلا ھەممىنى بىراقلا قوبۇل قىلىشقىمۇ، تەھلىلسىزلا ھەممىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ قارشى تۇرىمىز. <قەدىمكىنى ھازىرقى ئۈچۈن پايدىلىنىش، كونىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىسىنى يارىتىش> بىزنىڭ ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشتىكى يېتەكچى پرىنسىپىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات