UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتپسىخىك تەسۋىرى

پسىخىك تەسۋىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن بىرى. بۇ پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى، روھىي قىياپىتى ۋە مەنىۋى پائالىيىتىنى بىۋاستە تەسۋىرلەپ پېرسوناژلارنىڭ ئچىكى دۇنياسى ھەمدە قەلىب چوڭقۇرلۇقىدىكى تىلسىملارنى ئېچىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. پېرسوناژلارنىڭ سۆز، ھەرىكەتلىرىنىلا تەسۋىرلەپ، پېرسوناژنىڭ ئاشۇ سۆز، ھەرىكەتلىرى بىلەن ماسلاشقان پسىخىكىسىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەندە پېرسوناژنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. پسىخىك تەسۋىرى پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇل ۋە تىپىك ئوبراز يارىتىشتىكى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 19 - ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىلار پېرسوناژلارنىڭ پسىخىكى تەھلىلى ۋە تەسۋىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. لېۋ تولستوينىڭ ئەسەرلىرىدىكى پسخىك تەسۋىرنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىكلىكى توغرىسىدا چېرىنشۋىسكى مۇنداق دېگەنىدى: <ئۇ پسىخىك جەرياننىڭ تەنىجىسىنى تەسۋىرلەش بىلەن چەكلەنمەيدۇ: ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى جەرياننىڭ ئۆزى - تۇتقىلى بولمايدىغان پسىخىك تۇرمۇش ھالىتى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى غەيرى نورمال تېزلىك، ھەم يەنە چەكسىز كۆپ خىل ئۆزگىرىشلەرنى گراف تولستوي ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ چىققان.> (<بالىق> ۋە <ئۆسمۈرلۈك> گراف ل. ن. تولستوينىڭ ئۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى توپلىمى) پسىخىك تەسۋىرىدە دائىم ئىككى خىل ئۇسۇل ئۇچرايدۇ: 1. بىۋاستە ئىپادىلەش ئۇسۇلى. بۇ، پېرسوناژلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى تەھلىلى، خىيالىغا چۆكۈشلىرى، ئىچكى مونولوگلىرى، ئىچكى دىئالوگلىرى، ھەمدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلار پسىخىكىسى ئۈستىدىكى تەھلىلى، ئوپېراتسىيىسى ۋە تەسۋىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىي، كونكرېت ئىجادىيەت جەريانىدا، بۇلار ئاپتور تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پايدىلىنىلىدۇ. 2. ۋاستىلىك ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ كۆپرەك مەلۇم مۇھىت، ۋەقە، ياكى پېرسوناژلارنىڭ چىراي ھالىتى، ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ پېرسوناژنىڭ پسخىك پائالىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات