UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتقەبرە تەزكىرىسى

قەبرە تەزكىرىسى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەبرىسىگە، قەبرە تېشى، قەبرە سۇپىسى، قەبرە تاختىلىرىغا يېزىلىدىغان تەزكىرە. بۇنداق تەزكىرىلەرنىڭ كۆپ قىسمى قەبرە ئاستىدىكى كىشىنىڭ تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئېلىپ بارغان مۇھىم ئىش - پائالىيەتلىرىنى جانلىق ئىبارىلەر بىلنە قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ. قەبرە تەزكىرىلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ شېئىرى يول بىلەن يېزىلىدىغانىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مۇنداق بولغاندا تەبىئىيكى شېئىرىيەتنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن پايدىلانغان بولىدۇ. يەنى، تەزكىرىدە كۆپتۈرۈش، مۇبالىغە، ئوخشىتىشلارمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تەزكىرىلەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا، پاكىتلار بىلەن ئەدىبىي زوقلىنىش چېكىنى پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات