UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتوقۇلما

توقۇلما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى توقۇلما ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئاساسلىق ئۇسۇل. ئاپتور رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى جانلىق، چىن، چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەمىشە توقۇلما ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ. يەنى: ئۆزى كۆزەتكەن، چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ۋە ئىگەللىگەن مول تۇرمۇش ماتېرىيالىرىغا نىسبەتەن، توغرا دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەھلىل قىلىش، تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋە ئاشۇ ئاساستا تەسەۋۋۇر قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق بەدىئىي ئوبراز ئىجاد قىلىدۇ. توقۇلما ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بەدىئىي چىنلىق تۇرمۇش چىنلىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما، بەدىئىي توقۇلما ئەينى ۋاقىتتا يەنە تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسىدا بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ توقۇلما ئارقىلىق ئىجاد قىلغان بەدىئىي ئوبرازلىرى رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىشلار بولمىسىمۇ، ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئچىكى مەنتىقىسىگە ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. ئۇ رېئال تۇرمۇشتىن ئۈستۈن بولۇشى، چىنلىقلىققا ۋە تەسىرلەندۈرۈش، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات