UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترېئالىزم

رېئالىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (لاتىنچە realis ۋاقىئ نەرسىلەر سۆزىدىن ) ئەدەبىيات _ سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ئاساسىي مېتودلاردىن بىرى. ئەدەبىيات _ سەنئەتنىڭ ئىككى ئاساسىي ئىجادىي مېتودى بار. بىرى _ رېئالىزم، يەنە بىرى_ رومانتىزم. ۋ. گ. بېلىنسىكى «رۇس پوۋېستلىرى ۋە گوگول پوۋېستلىرى توغرىسىدا » دېگەن ماقالىسىدە رومانتىزم ۋە رېئالىزم ئىجادىي مېتودلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، شېئىرىيەتنى «غايىۋى ۋە رېئالىستىك شېئىرىيەت» كە ئاجراتمانىدى. رېئالىزمنىڭ باش پرىنسپى تۇرمۇشنى راستچىللىق بىلەن تەسۋىرلەش، ھايات ھەقىقىتىنى توغرا يارىتىشتۇر. «رېئالىزم، _ دېگەنىدى ف. ئېنگېلس، _ تەپسىلاتلارنىڭ توغرا بولۇشىدىن سىرت، تىپىك خاراكتېرلەرنى تىپىك شارائىتلاردا ھەققانىي تەسۋىرلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ». دېمەك، تىپىكلىك رېئالىستىك ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ نېگىزىدۇر. تىپىك خاراكتېرلەرنى تىپىك شارائىتتا تەسۋىرلەش ھايات ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى توغرىراق ۋە يارقىنراق يارىتىش ھەم مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئوبرازلار تىپىكلەشتۈرۈلمىسە، ئەسەر مۇكەممەل رېئالىستىك ئەسەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. ف. ئېنگېلس م. گىراكتېسنىڭ «شەھەر قىزى» ھېكايىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورغا يازغان خېتىدە ھېكايىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا پرولېتارىيەت پاسسىپ ئامما سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، شۇ سەۋەبتىن ئەسەر يېتەرلىك دەرىجىدە رېئالىستىك بولۇپ چىقمىغانلىقىنى تەكتلەپ كۆرسەتكەنىدى. رېئالىست سەنئەتكار ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە خاراكتېرلىك ۋەقە - ھادىسىلىرىنى تەسۋىر ئوبيېكتى قىلىدۇ ۋە ھايات پاكىتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن توپلايدۇ، ئۇلارنى بەدىئىي ئومۇملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىندىۋىدۇئاللارشتۇرۇلغان تىپىك ئوبرازلارنى يارىتىدۇ. رېئالىزم ھاياتىنى نۇسخىكەشلەرچە تەسۋىرلەيدىغان ناتۇرالىزمدىن پەرق قىلىدۇلا ئەمەس، بەلكى ناتۇرالىزمغا تامامەن قارمۇقارىشىدۇر. قاتارلىق نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىگەن. ئەمگەكچى خەلقنىڭ تەقدىرىگە ھېسداشلىق ۋە كاپىنالىزىمنىڭ «مەڭگۈكۈك» لۈكىگە گۇمانلىنىش تەۋسىيە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
رېئالىزم | UyghurWiki | UyghurWiki