ئانتولوگىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە <گۈل> ۋە <تىزىمەن> سۆزىدىن)
قەدىم زاماندا ئانتىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلاملار گۈل دەستە مەنىسىدە شۇنداق ئاتالغان. ھازىرمۇ شائىرلارنىڭ تاللانغان ئەسەرلىرى ياكى بىرەر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تاللانغان نەمۇنىلىرى توپلىمى <ئانتولوگىيە> دەپ ئاتىلىدۇ.
شەرق شېئىرىيىتىدە بۇنداق توپلاملار <تەزگىرە>، <باياز> ۋە ياكى <مەجمۇئەت - ئۇششۇئارا> دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مىللىي ئەدەبىي مىراسلىرىنى يىغىش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش بويىچە مەخسۇس ئىشخانا قۇرۇپ، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئانتولوگىيىسى> نى تۈزۈۋاتىدۇ.