UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېڭى « يېڭى ھېكايىلەر »

يېڭى « يېڭى ھېكايىلەر »

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 60 _ يىللاردا فرانسىيىدىكى « يېڭى < يېڭى ھېكايىچىلەر > » ئېقىمى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھېكايىلەر. بۇ خىل ھېكايىلەر « يېڭى ھېكايىلەر » نىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، ھېكايە تەرەققىياتى بولۇپ، ھېكايە شەكلىنى يېڭىلاش جەھەتتىن، يېڭى ھېكايىلەردىنمۇ يىراققا كېتىپ قالغان. ئۇ تىلنى پۈتۈنلەي « يېڭىلاش » نى، يەنى گرامماتىك قائىدىلەرنىڭمۇ، لوگىكىلىق باغلىنىشنىڭمۇ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭمۇ بولماسلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەسەردە جۈملىلەر، جۈملە بۆلەكلىرى، ئابزاسلارمۇ بولماسىلىقىنى، ئوقۇغان كىشىگە ئىپتىدائىي دەۋرگە قايتقاندەك تەسىرات قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ، يازغۇچى شەكىل ئۈستىدە ئىزدەنسىلا بولىدۇ، ھېكايىنىڭ قانداق ئىدىيۋىلىكنى ئىپادىلەشلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك دەپ تەرغىپ قىلىدۇ. شۇڭا يېڭى « يېڭى ھېكايىلەر » مۇ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھېكايىلەردۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات