پېرسوناژ خاراكتېرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىپىك مۇھىت، تىپىك خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. پېرسوناژ خاراكتېرى پېرسوناژ ياشىغان كونكرېت مۇھىتتا پەيدا بولىدۇ، يېتىلىدۇ. شۇنداقلا ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن مۇئەييەن تارىخىي دەۋر، سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا يازغۇچى پېرسوناژنى ئوراپ تۇرغان پېرسوناژ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن كونكرېت مۇھىتنى توغرا ئىپادىلەپ، توغرا تەسۋىرلەش ئارقىلىق مەلۇم دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئېچىپ كۆرسىتىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا ئومۇملاشتۇرۇلغان پېرسوناژ خاراكتېرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.