UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتەجرىبە ھېكايىلىرى

تەجرىبە ھېكايىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 19 _ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20 _ ئەسىرگىچە ئوتتۇرىغا چىققان فرانسىيە ناتۇرالىستىك ئەدەبىياتىدا ئورۇن ئالغان ھېكايە تۈرى. ئۇ ئاتالمىش ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھېكايە ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ناتۇرالىزمچى يازغۇچى ئېمىل زولا « تەجرىبە ھېكايىچىلىقى » دېگەن ماقالىسىدە: « ئەگەر تەجرىبە ئۇسۇلى كىشلەرنى ماددىي تۇرمۇشنى بىلىشكە يېتەكلىيەلىگەن ئىكەن، ئۇ ھالدا تەجرىبە ئۇسۇلى كىشلەرنى ھېسسىياتنى بېلىش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنى بىلشىكە يېتەكلەيدۇ. » دەيدۇ. تەجرىبە ئۇسۇلى دېگەنلىك، يازغۇچىنىڭ رېئال تۇرمۇشتىن توپلىغان ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللار ئىچىدىكى ھەرخىل مۇھىت ئىچىگە پېرسۇناژنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھېسسىياتىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەت بەلگىلىگەن پائالىيەت قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش دېمەكتۇر. ناتۇرالىستىك ھېكايىلەر تەجرىبىنىڭ خاتىرىسى بولغانلىقتىن « تەجرىبە ھېكايىسى » دەپ ئاتالغان. تەجرىبە ھېكايىچىلىرى پېرسۇناژ، ۋەقەلىك، مۇھىتلارنى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۈچلۈك سۇبيېكتپچىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن تەجرىبە ھېكايىلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
تەجرىبە ھېكايىلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki