UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەدىئىي ئەدەبىيات تىلى

بەدىئىي ئەدەبىيات تىلى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات - تىل سەنئىتىدىن ئىبارەت. خۇددى ماكسىم گوركى ئېيتقاندەك، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىرىنچى ئامىلى تىلىدۇر. تىل - جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئالاقە قۇرالى. ئۇ ئاممىنىڭ، خەلقنىڭ تىلىدۇر. ئادەتتە بىز مەتبۇئات ۋە كىتاب تىلىنى ئەدەبىي تىل؛ سۆزلىشىۋاتقان تىلنى جانلىق تىل، ئومۇمىي خەلق تىلى .... دەپ ئاتايمىز. <بەدىئىي ئەدەبىيات تىلى> ئەينەن ئەدەبىي تىلمۇ، سۆزلىشىش تىلىمۇ ئەمەس. ئۇ مۇشۇ ئىككىلىسىگە ئاساسلانغان تىلدۇر. يازغۇچى ھايات ۋەقەلىرىنى تەسۋىرلەيدىكەن، ئوبرازلارنى يارىتىدىكەن، جانلىق تىل بايلىقىدىنمۇ، ئەدەبىي تىل نورمىلىرىدىنمۇ كەڭ پايدىلىنىدۇ؛ ئۆز نۆۋىتىدە ھەم جانلىق تىلنىڭ، ھەم ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆسۈشىگە بەلگىلىك ھەسسە قوشىدۇ. يازغۇچى ئەسەرنىڭ تېمىسى، ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ سۆز - ئىبارىلەرنى تاللايدۇ. جۈملە تۈزۈش ئۇسۇللىرى، دىئالېكتىلىق ئېلېمېنتلار، ئارخائىزم .... ۋە باشقىلاردىن پايدىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ماكسىم گوركى تىلنى <خاراكتېر ۋە مەنزىرىلەر يارىتىش ۋاستىسى> دەپ تەرىپلىگەن. بەدىئىي ئەدەبىيات تىلى يازغۇچى - شائىرلار تەرىپىدىن پەدەزلەنگەن، قايتا ئىشلەنگەن پوئېتىك تىلدۇر، بەدىئىي ئەسەر تىلدا ئادەتتىكى قائىدىلەردىن باشقىچە، مەسىلەن: ئىنۋېرسىيە، ياكى پېرسوناژ تىلىنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش ۋە تىپىكلەشتۈرۈش، شىۋە ئېلېمېنتلىرىنى ۋە ئارخائىزم ياكى ژارگونلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلىپ بەدىئىي ئەدەبىيات تىلى يازغۇچىدىن خەلق تۇرمۇشنى ئويمىكارلارچە تەسۋىرلەش ۋە رەڭدار، خىلمۇ خىل، جانلىق، تەسىرچان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات تىلىغا ئىشلەشكە مەملىكىتىمىزنىڭ كلاسسىك يازغۇچى، شائىرلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بەدىئىي ئەسەر تىلى شۇ قەدەر كۈچلۈك، كۆركەم ۋە رەڭدار بولۇشى كېرەككى، باشقىلار ئۇنىڭغا ھېچقانداق مۇبالىغە، سۈپەتلەشلەرنى قوشالمايدىغان بولۇشى كېرەك. لۇشۈن <ئاQ نىڭ رەسمىي تەرجىمھالى> دا ئۇنىڭ ۋېيجۇاڭ كەنتىدە قايتا پەيدا بولۇپ قالغان ۋاقتىدىكى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنلا: <ئۇ ئۇيقۇسىرىغان ھالدا قاۋاقخانا ئالدىغا كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى، ئۇ پوكەينىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېلىدىن بىر ئوچۇم كۈمۈش ۋە تىيىن ئېلىپ پوكەينىڭ ئۈستىگە تاشلىدى: - نەق تۆلەيمەن، مەن قۇي! ئۇنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى چاپان بار ئىدى، پوتىسىنى تۆۋەن بېسىپ تۇرغان، لىق چىڭدالغان يوغان خۇرجۇنمۇ بار ئىدى.> ئاپتور ئا Q نىڭ روھىي ھالىتى، سۆزى، ھەرىكىتى، ياسىنىشىنى كونكرېت تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئا Q نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرەڭلەپ قىنىغا سىغماي قالغان كۆرۈنۈشىنى ئىنتايىن جانلىق يازغان، بۇ يەردە ئا Q نىڭ ناھايىتى كۆپ پۇل ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن چەتتە تۇرغۇچىلار بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ بېلىدىكى پوتىسىنىڭ تۆۋەن بېسىلىپ تۇرۇشىدىن، لىق چىڭدالغان يوغان چەندازدىن ئۇنىڭ ئىچىدە لىق پۇل بارلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ، مانا بۇ روشەن بىر ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈرگەن. <بىر ئوچۇم كۈمۈش ۋە تىيىن ئېلىپ> دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە <بىر سىقىم پۇل> دەپ يېزىلغان بولۇپ، كېيىن <پۇل> <كۈمۈش ۋە تىيىن> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، شۇڭا بۇ كىشىگە ئىنتايىن روشەن ۋە كونكرېت تەسىرات بېغىشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىشتە بۇنىڭ تېخىمۇ ياردىمى بولغان. ئا Q نىڭ كۈمۈش تەڭگە ۋە پۇللارنى پوتىسىغا قالايمىقان تۈگۈۋالغانلىقى، كېيىن بۇ قالايمىقان كۈمۈش تىيىنلارنى ئوچۇملاپ ئالغانلىقى ئىپادىلەنگەن ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىدىن لاۋشې بەدىئىي ئەسەر تىلى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: <تىلنى ئىجاد قىلىش دېگەنلىك ھېچقاچان ئەمەلىيەتتىن ئاجرىلىپ قارىسىغا ئىش كۆرۈپ، پەقەت ئۆزى بىلىدىغان بىر تاغار گەپلەرنى توقۇش بولماستىن، بەلكى ئادەتتىكى سۆزلەرنى قايتا - قايتا تاۋلاپ، ئۇنى يېڭى ھايات ۋە يېڭىچە يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈش دېمەكتۇر، خۇددى كىشىلەرنىڭ مەشۇت توقۇغىنىغا ئوخشاش، ئىشلەتكىنى تولىمۇ ئادەتتىكى ماتېرىيال، لېكىن ئىشلەپچىقارغىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان چىرايلىق مەشۇت بولۇشى كېرەك. بىزدە تاشتىن ئا - تولا ئالتۇن ئېلىشتەك ئارزۇ ئېلىشى كېرەك. مانا بۇ قولىمىزدىن ئۆتكەن تىل ئۆزگىرىپ ھەممە كىشى چۈشىنەلەيدىغان، ھەممە كىشى ھەيران بولۇپ بارىكاللا ئوقۇيدىغان تىل بولسۇن دېگەنلىكتۇر>. بەدىئىي ئەسەر تىلى رېئالىستىك تەسۋىر قانۇنلىرىغا بويسۇندۇرۇلغان، ئىندىۋىدۇئاللاشقان، تىپىكلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ. ئەدىب ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان قەھرىماننىڭ كەسىپى، مەلۇماتى، يېشى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تىپىكلەشتۈرۈىدۇ، ئۆز ئەسىرىدە بىر قانچە سۆز بىلەن كىشى، نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتىنى ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىندىدۇئال ئوبراز يارىتىدۇ. بۇنىڭغا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <يىللارغا جاۋاب> شېئىرى ياخشى نەمۇنە بولالايدۇ. ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى، تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق. يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى. ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق. بۇ بىر كۇپلېت شېئىردىكى سۆزلەر ئەڭ ئادەتتىكى سۆزلەردۇر. لېكىن يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى، كۆزىتىشىدىن كېيىن تاللاپ ئېلىنىپ، دىئالېكتىك ئۇسۇل، بەدىئىي ۋاستە، ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلىگەنلىكتىن، كىتابخاننىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدۇ، مۇنداق بولۇشى ئاددىي نەرسىلەردىن ئۇلۇغ، ئېسىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقىدا، يازغۇچىنىڭ گۈزەللىك ئەلگىكىدىن ئۆتۈپ ئىشلەپ چىقىلغانلىقىدىندۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات