ماۋزۇ ياكى سەرلەۋھە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ يەردە يازما ئەدەبىياتنىڭ ناملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ماۋزۇ ياكى سەرلەۋھە خۇددى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسمى بولىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئوخشىمىغان يېرى شۇكى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ماۋزۇسى ياكى سەرلەۋھىسى مەزمۇنغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى ماۋزۇلار بىۋاسىتە ھالدا باش تېمىنى، بەزىلىرى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى، بەزىلىرى ئەسەر باش قەھرىمانىنى، يەنە بەزىلىرى ئەسەردىكى ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ئورۇن - جاينى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ماۋزۇنى ئوبدان تاللاش، ئەھمىيىتى بار، قىممىتى بار، ئېستېتىك زوق قوزغاش كۈچى بار ماۋزۇلارنى قويۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە رەڭدارلىق بېغىشلايدۇ ۋە كىتابخانلارنى دەرھال جەلپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ