UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترىتورىك سوئال

رىتورىك سوئال

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئىستىلىستىك ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، پوئېتىك نۇتۇقتا ئىپادىلەنگەن پىكىرنى سوراق شەكلىدە تەستىقلاشتىن ئىبارەت، رىتورىك سوئال ئىنتوناتسىيىنى كۈچەيتكۈچى ۋاستە بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدۇ: سېنىڭ جانىڭ، مېنىڭ جانىم بىر جان ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم قۇربان ئەمەسمۇ؟ (ئۇيغۇر خەلق قوشىقى) بۇنىڭدا ھەم سوئال، ھەم جاۋاب بار بولۇپ، ئاڭلىغۇچىنى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئوي - پىكىرنى كۈچەيتىدۇ، مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە قەتئىيلەشتۈرىدۇ. ئوقۇغانسېرى ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر ئىچكى ماھىيەت ئېچىلىدۇ. ئىختىيارسىز «شۇنداق، شۇنداق»دېگەن تەستىق سۆزى ياڭرىغاندەك قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
رىتورىك سوئال | UyghurWiki | UyghurWiki