UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتناتۇرالىزم

ناتۇرالىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە،تەبىئىي سۆزىدىن ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئىجادىيەت مېتودلىرىدىن بىرى. ئۇ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيىدە مەشھۇر يازغۇچى ئېمىل زولا باشچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئېقىم. ئېمىل زولا ئۆزنىڭ نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلىرىدە يازغۇچىتەسۋىرلىگەن ۋەقەلىككە تەنقىدىي قاراشنى ئىنكار قىلغان.بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەردىكى خاھىشنى (تۇرمۇش چىنلىقىنى) ئىنكار قىلغان. لېكىن ئېمىل زولا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆز قاراشلىرىغا قارشى ئىش قىلىپ، ناتۇرالىزم؛ نەزەرىيىسىگە خىلاپ ھالدىكى تۇرمۇشنى يېزىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان رومان يازغان. ناتورالىزم ئەدەبىيات تارىخىدا دەسلەپ ئاز - تولا ئىلغار رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنى رېئالىزمنىڭ باشلانمىسى دېيىش توغرا ئەمەس، ناتۇرالىزم _ ساختا رېئالىزىمدۇر. ناتۇرالىزم ھاياتنى سۈرەت تارتقاندەك، نېمە بولسا شۇنى پاكىت تەرىقىسىدە ئىپادە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. تەپسىلاتلار دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. دېمەك، ناتۇرالىزم _ تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پېرسوناژلارنى يارىتىش پرىنسىپىغا قارشى تۇرىدۇ. تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن بەدىئىي چىنلىقنىڭ بىرلىكىگە قارشى تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ناتۇرالىزم | UyghurWiki | UyghurWiki