يېڭى سەنئەتكارلار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 30 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ياپونىيىدە باش كۆتۈرگەن ئەدەبىي ئېقىم. ئۇ، يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمى پارچىلانغاندىن كېيىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان پرولېتارىيات ئەدەبىيات ھەرىكىتى باشلغانغان يىللاردا تۇغۇلغان.
بۇ ئېقىمنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەشەببۇسى يوق. ئەمما، ئۇلار بەدىئىيلىك ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىيات ئەدەبىياتىغا قارشى تۇرىدۇ. رېئال چىنلىقنى ئىپادىلەشكە ھۇجۇم قىلىپ، پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنى «بەدىئىيلىكنى قۇربان قىلىدۇ»، دەپ قارايدۇ. چۈشكۈنلۈكنى، شەھەر تۇرمۇشىدىكى پەلىپەتىشچىلىكنى، «ئىنسان لەززىتى» نى ئىپادىلەشنى تەرغىپ قىلىدۇ.
«يېڭى سەنئەتكارلار» ئېقىمى شەكىللىنىپ بىرەر يىللاردىن كېيىنلا پارچىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي تارقىلىپ كەتكەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ تەسىرى خېلىغىچە ساقلىنىپ كەلدى.