UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسمۋولىزم

سمۋولىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە SYMBOLON _ شەرتلىك بەلگە سۆزىدىن) بەلگىچىلىك. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەيدانغا چىققان ئاساسلىق ئەدەبىيات _ سەنئەت پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بىرى. ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياۋروپادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ ھەرقايسى ئەدەبىيات - سەنئەت تارماقلىرىغا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزم بولۇپ، ئۇنىڭدا رېئال دۇنيا قۇرۇق، جاپالىق كېلىدۇ، «ئۇ دۇنيا» بولسا ھەقىقىي ھەم گۈزەلدۇر، دەپ قارالغان. شېئىرىيەتتە مۇشۇ تۇترۇقسىز قۇرۇق «ئۇدۇنيا» توغرىسىدا بېشارەت بېرىش مەقسەت قىلىنىپ، ئاجايىپ - غارايىپ، چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن كىشىلەنىڭ سەزگۈ ئەزلىرىغا تەسىر قىلىش، كىشىلەرنى تۇتۇق سىرلار توغرۇلۇق ئويلاندۇرۇش، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە مەلۇم «خىيالىي شەكىل» يەنى «سىمۋول» پەيدا قىلىش تەلەپ قىلىنغان، شېئىرىيەتتىكى سىمۋول ئىككى ئالەمنى تونۇشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولغان. مەزمۇن جەھھەتتىن ئالغاندا، سوۋولىرم بويىچە يېزىلغان شېئىرلار چۈشكۈنلۈك ۋە قايغۇ مۇقامى بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي شەخسىيەتچىلىك ۋە سىرلىقلاشتۇرۇش تەرغىپ قلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات