مۇھەببەت لىرىكىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلار، مۇھەببەت لىرىكىسىدا كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت توغرىسدىكى قارىشى، ھېس - تۇيغۇلىرى ئىپادە قىلىنىدۇ، بۇ خىل شېئىرلار ھەر مىللەت خەلقلىرى ئىچىدە ئۇزاق زامانلاردىنلا بار.
مۇھەببەت لىرىكىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۈرلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى بۇ ساھەدە كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. «پەرھاد - شېرىن»، «تاھىر - زوھرا» «رابىئە - سەئدىن» قاتارلىق داستانلاردا ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ - مۇھەببەت، سەمىمىي ساداقەتلىك ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىلگەن.
زامانىمىزدىمۇ مۇھەببەت لىرىكىسى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىماقتا.