UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدراما

دراما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە drama ھەرىكەت سۆزىدىن) بەدىلىي ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى تۈرلىرىدىن بىرى. دراماتىك ئەسەرلەر دىئالوگلارغا ئاساسلىنىدۇ. رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئوچېرىك ئاپتورلىرى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ ئورنى، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇرلانى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، درامىدا پۈتۈن ھېكايە ياكى ۋەقەلىك تامامەن پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن ھەرىكەت، مەنزىرە ۋە پېرسوناژلار ئۆز - ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەندەك ۋە سۆزلەۋاتقاندەك بولىدۇ، ئاپتور كۆرۈنمەيدۇ. لىرىك ئەسەرلەردە قەھرىماننىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ، دراماتىك ئەسەرلەردە بولسا ئۇنداق ئەمەس، بەلىكى ئاپتور دراما قەھرىماننىڭ لىرىك ھېس - تۇيغۇلىرىنى تاماشىبىنلارغا پەقەت ئاشۇ قەھرىماننىڭ كونكرېت سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىقلا كۆرسىتىدۇ. دراما تراگېدىيە، دراما، كومېدىيە، رادىئو درامىسى ۋە كىچىك پىيېسسە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
دراما | UyghurWiki | UyghurWiki