UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش

بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ فاڭجېن 1956 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ فاڭجېن يېتەكچىلىكىدە مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك پەن - مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى تەرەققىياتى زور يۈكسىلىشكە ئىگە بولغانىدى. 1966 - يىلىدىن كېيىن <بىرلا گۈنى ئېچىلدۇرۇش> قاتارلىق سەنئەت ۋە ئىلىم - پەنگە قارشى <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> ئوتتۇرىغا قويغان خاتا لۇشيەن تەرەققىياتىمىزنى بوغدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە <بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش > فاڭجېنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىلىم - پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا ئوڭۇشلۇق ۋە ياخشى ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ بەردى. بۇ فاڭجېن پارتىيىنىڭ ھۆججەتلىرىدە قايتىدىن مۇنداق ئىزاھلاندى: <بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش> - پارتىيىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي فاڭجېنى. بۇنىڭدا ناھايىتى ئېنىق مۇنداق ئىككى نۇقتا بار. بىرىنچى، ئۇنىڭ مەقسىدى سوتسىيالىستىك ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشتەك باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت، <ئېچىلىش - سايراش> فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر ئىدىيىۋى كۈرەشتىن ۋاز كېچىش، بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋە باشقا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ چىرىك ئىدىيىلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ سىنىپىي ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەشتە ئىدىيىۋى كۆرەشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى جەھەتتە، <سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش> دېگەن كونا ئۇسۇلغا زادىلا ئوخشىمايدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇ سوتسىيالىستىك ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۇزاق مۇددەتلىك، ئاساسىي فاڭجېن، بۇرژۇئازىيە ۋە باشقا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ چىرىك ئىدىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن گۇمانلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كەلگەن كاشىلىلار ۋە بۇرمىلاشلارنى باھانە قىلىپ، ئۇنى يىغىشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئېچىلىش - سايراش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىدىيىۋى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەڭ پايدىلىق بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى بۇ فاڭجېننىڭ ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى، ئالاھىدە قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ تۈزۈلگەنلىكىدىندۇر. سەنئەت ۋە ئىلىم - پەندىكى ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش مۇرەككەپ مەسىلە. بەزىدە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەندىلا ھەق - ناھەقنى ئايرىغىلى بولىدۇ. بەدئىي ئىجادىيەت ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىر خىل نازۇك، مۇرەككەپ ئەقلىي ئەمگەك. ئۇ ئادەتتىكى سىياسىي خىزمەتكە قارىغاندا دېموكراتىك مۇزاكىرىلىشىش ۋە ئەركىن مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ مۇھتاج بولۇپ، مەمۇرىي ۋاستە بىلەن ئاددىيلا بىر ياقىلىق قىلىپ قويۇشنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇسۇلنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ساھەسىگە قارىتا، <ئېچىلىش - سايراش> فاڭجېنىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات