UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتگىمىن

گىمىن

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گرېكچە humnos - تەنتەنلىك قوشاق قەدىمكى گرېتسىيدە ئەپسانىۋى خەلق قەھرىمانلىرى ياكى تەڭرىلەرنى مەدھىيىلەيدىغان تەنتەنىلىك قوشاق گىمىن دەپ ئاتالغان. كېيىنكى زامانلاردا بىرەر ھادىسە، شەخس ياكى ۋەقەلىكنى كۈلىگۈچى تەنتەنىلىك ناخشىمۇ (مەدھىيىلەر) گىمىن دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 19 - ئەسىرگە كەلگەندە مىللەت، دۆلەت ياكى سىنىپنىڭ بىرلىكى ئۇلۇغلاپ كۈيلەنگەن تەنتەنىلىك ناخشىلار گىمىن دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. مەسىلەن: «ئىنتېرناتسىئونال» (شېئىر) كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ، جۈملىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭمۇ گىمىنىدۇر. ئۇنىڭدا پۈتۈن دۇنيا پرۇلېتارلىرىنىڭ كوممۇنىزم ئۈچۈن كۈرىشىدىغان جەڭگىۋار ئىرادىسى تەنتەنە بىلەن كۈيلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
گىمىن | UyghurWiki | UyghurWiki