UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترىتورىك مۇراجىئەت

رىتورىك مۇراجىئەت

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بىز سۆزلىگەندە ياكى ماقالە، ئەسەر يازغاندا چوقۇم بىر ئوبيېكتىمىز بولىدۇ، ئاڭلىغۇچى بىلەن كىتابخان سۆز ياكى ئەسىرىمىزنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا سۆزىمىز ئاڭلىغۇچىغا، ماقالە - ئەسىرىمىز كىتابخانغا قارىتىلغان بولىدۇ. ئاپتور ياكى ناتىق ناھايىتى ھاياجانغا كەلگىنى ئۈچۈن، ئاڭلىغۇچى ياكى كىتابخانىدىن ئىبارەت ئوبيېكتى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە ھالدا ئۆز ئەسىرىدىكى پېرسوناژ ياكى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدۇ، ياكى ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئىستىلىستىكىدا «رىتورىك مۇراجىئەت»دېيىلىدۇ. مەسىلەن: يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئاتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى. قېرىتمەن دەپ ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى ! لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» دېگەن شېئىرىدىكى بۇ مىسرالاردا شائىر كىتابخانىلارغا ئەمەس، بەلكى يىللارغا خىتاب قىلىۋاتىدۇ. رىتورىك مۇراجىئەت ئادەمگە خىتاب ۋە نەرسىگە خىتاب دە ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات