تەخەللۇس
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچىلارنىڭ بىرەر سۆزىنى ئۆزلىرىگە نام قىلىپ ئېلىشى ۋە شۇ نامىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە قوللىنىشى. مەسىلەن: ناۋايى (ئەلشىر)، بابىر (زاھىرىدىن مۇھەممەت)، لۇشۈن (جۇ شۇرېن) ماۋدۇن (شىن يەنبىڭ)، قاينام ئۆركىشى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ) دېگەنگە ئوخشاش.
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن شائىرلار تەخەللۇس ئىشلەتكەن، بۇ ھال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىمۇ قىسمەن ھالدا داۋاملىشىپ كەلدى.