UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتەقلىدچىلىك

تەقلىدچىلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتتە توغرا بولمىغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى. تەقلىدچىلەر غەربىي ياۋروپادا دەسلەپ بىر مەزگىل كلاسسىزمگە تەقلىد قىلىش شوئارى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ <ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشى> گە توسقۇنلۇق قىلىماقچى بولۇشقانىدى. كېيىن ئۆزلىرى <كلاسسىزمغا ۋارىسلىق قىلىش> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەسلەپكى تەشەببۇسلىىرنى ئىسلاھ قىلىشتى. بۇلار <يېڭى كلاسسىزم> چىلار، <ساختا كلاسسىزم> چىلار دەپ ئاتالدى (شۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھىغا قاراڭ). ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىمۇ تەقلىد قىلىپلا يازىدىغان، دوراپلا يازىدىغان يېزىقچىلىق ئۇسۇللىرى بار. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىىغانلارنىڭ بەزىلىرى تېمىغا، بەزىلىرى شەكىلگە، بەزىلىرى ئۇسلۇبقا، بەزىلىرى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەتتا تىل ئىشلىتىشكىچە تەقلىد قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات