UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوبرازلىق تەپەككۇر

ئوبرازلىق تەپەككۇر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يازغۇچى تۇرمۇشتىن ئالغان تەسراتىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ۋە چۈشەنچە، باھاسىنى بەدىئىي ئوبرازغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەھلىلى - ئوبرازلىق تەپەككۇر ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئىنسانلار پىكىر قىلىشتا ئورتاق پىكىر قىلىش قانۇنىيىتىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش، خۇددى <ئەمەلىيەت توغرىسىدا> دېگەن ئەسەردە كۆرسىتىلگەندەك: <ئەقلىي بىلىش ھېسسىي بىلىشكە بېقىنىدۇ. ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە راۋاجلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ دىئالېكتىك ماتېرىيالىستىك بىلىش نەزەرىيىسىدۇر>. شۇنى قەيت قىلىش كېرەككى: ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا كىشىلەر ئوخشىمىغان ئىككى خىل پىكىر قىلىش شەكلىنى قوللىنىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى - ئابستراكت تەپەككۇر (بۇ لوگىكىلىق تەپەككۇرمۇ دېيىلىدۇ)، يەنە بىر خىلى - ئوبرازلىق تەپەككۇر (بۇ بەدىئىي تەپەككۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات