UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيوشۇرۇن ئىبارە

يوشۇرۇن ئىبارە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تىياتىر، كىنو ئاكتيورلىرىنىڭ ئويناش ماھارىتىگە ياردەم بېرىدىغان، ئاكتيور سۆزىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلىك ئىبارە. ئۇ سۆزنىڭ مەقسىتى ئىچىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلىك ئىبارە. ئۇ سۆزنىڭ مەقىسىتى ۋە مەنىسىدىن تاشقىرى مەنە بارلىقىنى، دېمەكچى بولغان گەپ دېيىلگەن بولسىمۇ، مەقسەت ئېنىق ئۇقتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يوشۇرۇن ئىبارە بۇ سۆزدىن كۆپ مەنە چىقىرالايدىغان سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ پېرسۇناژلارنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، نۇرغۇن ئىچىكى ئىدىيىۋى مەنىلەرنىمۇ ئۆزىگە جەملىگەن بولىدۇ. شۇڭا تاماشىبىنلارغا تولۇق تەسەۋۋۇر ئىمكانىيىتى قالدۇرىدۇ. تەجرىبىلىك دراماتۇرگ ۋە سېنارىيە يازغۇچىلار يوشۇرۇن ئىبارە ئارقىلىق پسىخىك پائالىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات