UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبايرام قوشاقلىرى

بايرام قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھېيت - ئايەم، بايرام كۈنلىرىگە ئاتالغان، ياكى مەخسۇس بايرام كۈنلىرىلا ئوقۇلىدىغان قوشاقلار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي قوشاقلىرى ئىچىدە نورۇز بايرىمىغا ئاتالغان ۋە نورۇز بايرىمىدا ئوقۇلىدىغان قوشاقلار ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇندىن باشقا يانە ھازىرقى ۋاقىتقىچە «بارات ئايىمى» قوشاقلىرى ئېيتىلىپ كەلمەكتە: بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، ماڭا قۇيماق قويدۇڭلارمۇ؟ قاتارلىقلار بۇنىڭ بىر مىسالى. يېڭى زامان ئەدەبىياتىدىمۇ ھەر قايسى بايرام كۈنلىرىگە ئاتالغان قوشاقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن: يۇرتۇم كۈلۈپ يۈز ئاچتى، ئۆكتەبرنىڭ نۇرىدا. ئەمدى ئەلنىڭ تىزگىنى، ئېزىلگەنلەر قولىدا. بۇ 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ بىرىدىكى دۆلەت قۇرۇلۇشى بايرىمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات