UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسېنتىمېنتالىزم

سېنتىمېنتالىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (فرانسۇزچە sentimental سەزگۈچى سۆزىدىن ) 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى بىر خىل ئېقىم. دەسلەپ ئەنگلىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە راۋاجلىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودالىزىمنىڭ كۈرىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭدا ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيىنىڭ بۇزۇق ئەخلاقىغا قارىشى نارازىلىق كەيپىياتلىرى ئىپادىلەنگەن، بۇ ئېقىم نامايەندىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر ۋە دېھقانلار ھاياتى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا قارىمۇ قارشى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا فېئودالىزىم خورلىغان كىشىلەرگە ئېچىنىش ھېسىياتلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئېقىم كلاسسىزمغا ۋە شۇ يۆنىلىشتىكى ئەسەرلەرگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كىشىنىڭ پىسىخولوگىيىسىنى ئارتۇقچە تەسۋىرلەش بىلەن پەرقلىنىدۇ. سېنتىمېنتالىزىمنىڭ ئەينى زاماندا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلغارلىقى بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
سېنتىمېنتالىزم | UyghurWiki | UyghurWiki