بېيىت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە)
ئىككى مىسرا شېئىر. شەرق شېئىرىيىتىدە غەزەل، مەسنىۋى قاتارلىق شېئىرىي ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىككى مىسراسى بېيىت دەپ ئاتىلىدۇ. بېيىت خۇددى شېئىرىيەتنىڭ مۇستەقىل بىر خانىسىدۇر. چۈنكى، بېيىت سۆزى ئۆي، خانا، جاي مەنىلىرىدىمۇ ئىشلىتىلگەن.
<تەرجىبەند>، <تەركىببەند> ئۇسۇلىدا يېزىلغان شېئىرلارنىڭ مەنىلىرىنى بىرى - بىرىگە باغلىغۇچى بېيىت ۋاستە بېيىت دەپ ئاتالغان، بىرلا بېيىتلىق مۇستەقىل شېئىرلارمۇ بولغان.