UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتىپ

تىپ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە خاس خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان شەخس ئوبرازى. مەلۇم بىر تىپ يارىتىش ئۈچۈن، بىر تائىپىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ماكسىم گوركىنىڭ پىكرىچە، شەنئەتكارنىڭ تەسەۋۋۇرى باي، ئويلاپ چىقىرىش قابىلىيىترى زور بولۇشى كېرەك. يازغۇچى ئۆزىگە تونۇش دۇكاندار، سودىگەر ياكى ئىشچى ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ دۇكاندار، سودىگەر ۋە ئىشچىلارنى ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىنىپىي قىياپىتىنى بەلگىلىگۈچى خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئادەتلىرىنى ۋە باشقىلارنى بىر ئوبرازدا بېرىشنى بىىلىشى كېرەك. لۇشۈننىڭ <ئاQ نىڭ ھەقىقىي تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرىدىكى ئاQ كونا جەمئىيەتتىكى جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يارىتىغان تىپ. زۇنۇن قادىرىنىڭ <چېنىقىش> ھېكايىسىدە كونا جەمئىيەتتە ئېزىلگەن نامرات كىشىلەرنىڭ يېڭى جەمئىيەت شارائىتىدا روناق تېپىپ ياراملىق، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلانغانلىقى مەتنىياز ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ سوتسىيالىزىم قۇرۇۋاتقان مىڭلىغان يېڭى دېھقانلارنىڭ تىپى، ئۇ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات