UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتداستان

داستان

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى شېئىرىيەتتىكى ىرىك ئېپىك تۈر بولۇپ، پەيدا بولۇش تارىخىي ناھايىتى ئۇزاق. داستانلاردا مۇكەممەل سۇژېت بولىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ روشەن ئوبرازى يارىتىلىدۇ، كومپوزىتسىيىسى زىچ، جىپسىلىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا تەشكىللىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، باش تېمىسى چوڭقۇر بولىدۇ. داستانلار پروزىدىكى رومان، پوۋېستلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان. لېكىن، ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، تېما، شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ راۋاجلانماقتا. داستانلار تېما ئالاھىدىلىكىگە قاراپ <تارىخىي داستان> تۈرىگە، ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ <لىرىك داستان> تۈرىگىمۇ ئىگە. (يەنە <پوئېما> غا قاراڭ).
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات