UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتپائۇزا

پائۇزا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە pausis توختاش، تىنىش سۆزىدىن) نۇتۇق داۋامىدا ئازراق توختاش، تىنىۋېلىش، پائۇزا جۈملىنىڭ ئارىسى ياكى ئايىغىدا بولىدۇ، ئاۋازىنى پەسەيتىش ياكى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن گەپنىڭ ئاياغلاشقان - ئاياغلاشمىغانلىقىنى، ئىنتوناتسىيىنىڭ سوئال ياكى ئۈندەش خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. پائۇزا نەسرى ئەسەرلەدىلا بولۇپ قالماي، نەزمىلەردىمۇ بولىدۇ. شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، دېكلاماتسىيە قىلغاندا پائۇزا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ كۆپىنچە، مىسرالار ئارىسىدىكى تۇراقلارغا چۈشىدۇ، ئايرىم سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنى دىققەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنە ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ، شېئىرىي نۇتۇققا خاس ھېس ۋە ھاياجان بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا شېئىردىكى بېيىت ياكى بەند (كۇپلېت) لەر شېئىرنىڭ خۇلاسىلەنگەن بىر بۆلىكى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە پائۇزا، ئىنتوناتسىيە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پېشقەدەم شائىرىمىز ئابلىز نازىرىنىڭ <خۇاڭخې دولقۇنى> سەرلەۋھىلىك شېئىرىنىڭ تۆۋەندىكى پارچىسىدىكى پائۇزىلارغا دىققەت قىلىڭ: جىددىي جەڭ پەيتى، پىدائىي مەردلەر تاغ باغرىدا ياتاتتى يەرنى بېغىرلاپ. بىر چاغ، يېقىن يېزىدىن، ئوتلار ئىچىدىن، پەرياد ئۇردى گۆدەك چىرقىراپ! بۇ شېئىرنى ئىنتوناتسىيىلىك ئوقۇغاندا پائۇزىلار ئالاھىدە رول ئوينايدۇ، ئەگەر تۈزلا ئوقۇيدىغان بولساق، بېرىدىغان تەسىرى چوڭقۇر بولماسلىقى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات