UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئالماناخ

ئالماناخ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئەرەبچە ۋاقىت، كالېندار سۆزىدىن) بىر قانچە يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان توپلام. ئەسلىدە، 14 - ئەسىرنىڭ ئاسترونومىك كالېندار توپلاملىرى ئالماناخ دېگەن نام بىلەن ئاتالغا. 16 - ئەسىردىن باشلاپ بۇنداق ئالماناخلار شېئىر، لەتىپە ۋە كىچىك ھېكايىلەر بىلەن بېزىتىپ چىقىرىلغان، شۇنداق قىلىپ، <ئالماناخ> ئاستا - ئاستا خىلمۇ خىل بەدىئىي ئەسەرلەر توپلىمى دېگەن مەزمۇنغا ئىگە بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئا. س. پۇشكىن، ۋ. ئا. ژۇكوۋسكى ھەم ئى. ئا. كىرىلوۋ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <پوليارنايا زىۋېزدا> ناملىق بىر ئالماناخ چىقىرىلغان. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىمۇ تارىختا كۆپلىگەن توپلاملار نەشر قىلىغان. <ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ> دېگەن توپلاملاردا جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بەدىئىي تىل ۋاستىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەر بار. 1944 - يىلى پارتلىغان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پېشقەدەم ئەدبىلىرىدىن زۇنۇن قادىرى، نىم شېھىت، ئەلقەم ئەختەم، كېۋىر نىياز قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان <ئالماناخ> نەشر قىلىنغانىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور يۈكسىلىشلەر بولدى. مانا شۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى گەۋدىلەندۈرگەن ئەسەرلەردىن <كۈرەش ناخشىلىرى> (1954 - يىل)، <تاڭ ناخشىلىرى> (1954 - يىل)، <قىزىلگۈل> (1960 - يىل).، <كلاسسىك ئەدەبىياتتىن نەمۇنىلەر> (1980 - يىل) دېگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن توپلاملار چىقىرىلدى، مانا شۇنداق توپلاملار بەدىئىي ئەدەبىياتتا <ئالماناخ> دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئالماناخ | UyghurWiki | UyghurWiki