UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش

ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ « تۆت كىشلىك گۇرۇھ » نىڭ پارتىيىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىش غەرىزى بىلەن ياساپ چىققان ئەكسىيەتچى ئەدەبىيات _ سەنئەت نەزەرىيىلىرىدىن بىرسى. 1968 _ يىلى بۇ شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئۇلار مۇنداق ئىزاھلىغان: « بارلىق پېرسوناژلار ئىچىدە ئىجابىي پېرسوناژلارنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ قەھرىمان پېرسۇناژلارنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ قەھرىمان پېرسوناژلار ئىچىدە ئاساسىي قەھرىماننى گەۋدىلەندۈرۈش. » شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات _ سەنئەتنىڭ تەگكىلى بولماس مۇقەددەس پرىنسىپى بولۇپ قالدى. ئۇلار بۇ نەرسىسىدە ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئىنكار قىلىنىدۇ. « ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش »، « تۆت كىشلىك گۇرۇھ » نىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي لۇشيەنىگە كەتمەن چاپىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات