قىتئە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە «پارچە» سۆزدىن
لىرىك شېئىرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى، قىتئە كۆپىنچە ئىككى بېيىتتىن تەركىب تاپىدۇ. قىتئەدە جۈپ مىسرالار (ئىككىنچى، تۆتىنچى، ئالتىنچى مىسرالار قاپىيىلىنىپ، تاق مسىرالار ئوچۇق قالىدۇ. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.)
مەسىلەن:
كىبىر نېمە قومۇشتىن سوراك،
پۆپۈكىنى مېۋە دەر ئىمىش.
پۆپۈك ئەگەر مېۋە ئاتالسا،
نېمە ئاتىلار شاخ ئەككەن يېمىش!؟
(بوغدا ئابدۇللا)
قىتئەلەردە مىسرالار تۆتتىن 12 گە قەدەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.