يېڭى تەنقىدچىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن 50 - يىللىرىغىچە ئەنگلىيە، ئامېرىكىدىكى ئەدبىي تەنقىدچىلەر ساھەسىدە تەسىرى بىر قەدەر چوڭراق تەنقىدچلەر ئېقىمى.
يېڭى تەنقىدچىلەر ئېقىمىنىڭ ئەزالىرى كۆپ، تەشەببۇسلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ ئاساسىي خاھىشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1. ئۇلار بەلگىچىلەر (سىمۋولىستلار) نىڭ گۈزەللىچىلىك (ئېستېتىكا) نۇقتىئىنەزىرىدىن چىقىپ ئەسەرنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ بەلگە، سىرتقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئورگانىك گەۋدە، يەنى «ئورگانىك فورمالىزم (شەكىلچىلىك)« دەپ قارايدۇ. 2. ئۇلار ئەدەبىياتنى، ماھىيەتتە بىر خىل ئالاھىدە تىل شەكلى، تەنقىدنىڭ ۋەزىپىسى ئەسەرنىڭ يېزىقىنى تەھلىل قىلىش، ھەرقايسى بۆلەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر قىلىش رولى ۋە يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش، يەنى «يېزىق مەنىسى بويىچە تەھلىل قىلىش» دەپ قارايدۇ.
بەلگىلىچىلىك (سىمۋولىزم) ئۇلارنى ئەڭ گۈزەللىكچىلىك نەزەرىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېزىق مەنىلىرىنى تەھلىل قىلىش بۇ ئېقىمنىڭ ئوبزورچىلىقتىكى ئاساسىي ئۇسۇلى.