دىۋان
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە دىۋان، توپلام سۆزىدىن
بىرەر شائىر شېئىرلىرىنىڭ قاپىيە ياكى رادىفلىرىغا مۇۋاپىق ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تۈزۈلگەن توپلام. «دىۋان»غا كىرگەن شېئىرلار ژانىرلىرىغا قاراپ ئايرىلىدۇ، «دىۋان»غا دىباچە يېزىلغان بولىدۇ، مەسلەن: ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۆت توپلامدىن ئىبارەت «خازائىنۇل مەئانى» (مەنىلەر خەزىنىسى) دېگەن ئەسىرى مەشھۇر دىۋان ھېسابلىنىدۇ. دىۋاننىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تۈزۈلىگەلىكى كىتابخانلارنىڭ ئىزدىگەن ژانىردىكى شېئىرنى چاپسان تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر مۇ كلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى (دىۋانىلىرىنى) نەشىرگە تەييارلىغاندا، شۇ تەرتىپتە جايلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دىۋان سۆزى ئىلگىرى باشقا مەنىلەردە : دۆلەتنىڭ كىرىم - چىقىملىرى يېزىلىدىغان دەپتەر، دۆلەت كىرىم - چىقىم ئىشلىرى دەپتەرلىرىنىڭ باشلىقى (ۋەزىر) ۋە دۆلەت مەھكىمىسى مەنىلىرىدىمۇ قوللىنىلغان (دىۋان بېگى ۋە ھاكازا).