UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى

ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يېڭى تىپتىكى بىر خىل ئەسلىمە تۈرى. ئۇ ئەدەبىي شەكىل بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى ئىنقىلابىي كۈرەش تارىخىنىڭ پاكىتلىرىنى، ياكى پېشقەدەم پرلېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىش، پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ تەسۋىرلەپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى قايتا كۆرسىتىپ ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ غەلىبىسىنى كۈيلىمەكتە. ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرىنىڭ ھۆججەتلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، خېلى يۇقىرى تارىخىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئۇ پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ۋە ئىنقىلاب تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا ئوبدان دەرسلىك بولماقتا. <ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ> ھەم <قىزىل بايراق لەيىلدەيدۇ> مەجمۇئەلىرى ئەنە شۇنداق ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرىنىڭ توپلىمى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات