UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتخاراكتېر

خاراكتېر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە charakter خۇسۇسىيەت سۆزىدىن) ئادەملەردە خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەربىيە تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن تۈرلۈكچە مىجەز - خۇلق ۋە پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر. كىشىلەرنىڭ مىجەز - خۇلقى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئائىلە ھەم مەكتەپ تەربىيىسىدە شەكىللىنىدۇ، ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. بەدىئىي ئەسەردە ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن مۇكەممەل، ئېنىق تەسۋىرلەنگەن كىشى ئوبرازى خاراكتېر دېيىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات