UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېڭى پىكىر ئېقىمچىلار

يېڭى پىكىر ئېقىمچىلار

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيىدە باش كۆتۈرگەن ئەدەبىي ئېقىم، «يېڭى رېئالىزمچىلار» ياكى «يېڭى ماھارەتچىلەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېقىمدىكى يازغۇچىلارنىڭ روشەن ئەدەبىي تەشەببۇسلىرى يوق. ئەمما، ئىجادىيەتتە تۆۋەندىكى ئورتاق خاھىشلارغا ئىگە: تەبىئىيچىلەر (ناتۇرالىستلار)نىڭ ساپ ئوبيېكتىپچىللىق تەسۋىرلەش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەدبىياتنىڭ غايىۋىلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار ئدەبىي ئەسەرلەردە توقۇلما بولۇشقا، تېمىنىڭ كۆپ خىللىقلىقىغا ئېتىبار بېرىپ، بەدىئىي ماھارەتكە، بەدىئىي شەكىلنىڭ مۇكەممەللىكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار كىشىلىك ھاياتنى ئەستايىدىل كۆزىتىشنى، رېئاللىقنى پۇختا ئىگىلەشنى، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەندە يازغانلىرىدا يېڭى مەنە بولۇشنى، يېڭى ئىدراك ئويغىتالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ..
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات