يېڭى تۇيغۇچىلار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ياپونىيىدە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئېقىم. 1925 -، 1926 - يىللىرى تېز تەرەققىي قىلغان.
يېڭى تۇيغۇچىلار، كىشىلەر كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق دۇنيانى بىلىدۇ ۋە دۇنيانى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنى ھېسسىي بىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بىۋاسىيەت كۆزىتىشكە تايىنىپ شەيئىلەرنى ئىپادىلەشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يېڭى ھېس - تۇيغۇ ئارقىلىق شەيئىلەرنى يېڭىباشتىن تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن يېڭىچە تەسىرات ئېلىش، ئاندىن رېئاللىققا نىسبەتەن بەدىئىي ئىش قوشۇش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار سەنئەتكارنىڭ ۋەزىپىسى كۆرۈنۈشتىكى رېئاللىقنى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەش، سۇبيېكت ۋە بىۋاسىتە ھېسسىياتنىڭ رولى ئۈستۈن، سېمۋوللاشتۇرۇش رېئاللىقتىن مۇھىم دېگەنلەرنى تەكىتلەيدۇ.