UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېڭى ھېكايىلەر

يېڭى ھېكايىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 50 _ يىللاردا مەيدانغا چىققان، فرانسىيدىكى « يېڭى ھېكايىچىلەر » ئېقىمى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھېكايىنىڭ بىر خىلى. يېڭى ھېكايە پېرسۇناژلارنى مەلۇم پىسخىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىل، ياكى پىسخىك ھالەتنىڭ « ۋاقىتلىق سايمىنى » دەپ قارايدۇ. ئادەمنى ئەمەس، ماددىي دۇنيانى كۆپرەك يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پېرسۇناژلارنىڭ قىياپىتى تۇتۇق، خىرە بولىدۇ، بەزىلىرنىڭ ھەتتا ئىسمىمۇ بولمايدۇ. سۇژېت قۇرۇلمىسىنىڭ بېشى، ئايىغى بولمايدۇ، بەزى چاغلاردا ھېكايە يېشىمىدىن كېيىن يەنە ئېكسپوزىتسىيىسى باشلىنىدۇ، بەزى چاغلاردا پۈتۈن ئەسەر ئاياغلىشىدىيۇ، ۋەقەلىكى داۋام قىلىۋېرىدۇ. يېڭى ھېكايىلەر ھېكايە سەنئىتىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش رولىنى ئىنكار قىلىدۇ. « مەن » دىن ئىبارەت ئاڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ « چىنلىق » نى ئىزدەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھېكايىلەردۇر. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەردىن سالوتېنىڭ « مارتېلو »، لوب _ گرىيىنڭ « رېزىنكە »، بۇتونىڭ « مىلاندىن ئۆتكەندە » قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
يېڭى ھېكايىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki